< تارىخ-تەزكىرە 1 28 >

داۋۇت ئىسرائىلدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرى، نۆۋەتلىشىپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان قوشۇن بېشى، مىڭبېشى، يۈزبېشى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ بارلىق مال-مۈلۈك، چارۋا ماللىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى، شۇنىڭدەك مەھرەم-غوجىدارلار، پالۋانلار ۋە بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتىپ كەلدى. 1
پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ ئى بۇرادەرلىرىم ۋە خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار: كۆڭلۈمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر ئارامگاھ، خۇدايىمىزنىڭ تەختىپەرىسى بولىدىغان بىر ئۆي سېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى ھەمدە ئۇنى سېلىشقا تەييارلىقمۇ كۆرۈپ قويغانىدىم. 2
لېكىن خۇدا ماڭا: «سەن مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن جەڭچى، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قان تۆككەنسەن» دېدى. 3
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئاتامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىن مېنى ئەبەدىلئەبەد ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا تاللىدى؛ چۈنكى ئۇ يەھۇدانى يولباشچى بولۇشقا تاللىغان؛ ئۇ يەھۇدا جەمەتى ئىچىدە ئاتامنىڭ جەمەتىنى تاللىغان، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە مەندىن رازى بولۇپ، مېنى پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن؛ 4
مېنىڭ ئوغۇللىرىم ئىچىدىن (پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا كۆپ ئوغۇل ئاتا قىلغان) ئۇ يەنە ئوغلۇم سۇلايماننى پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلغا ھۆكۈمران بولۇشقا تاللىدى. 5
ئۇ ماڭا: «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان بولسا مېنىڭ ئۆيۈم ۋە ھويلىلىرىمنى سالغۇچى بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئوغۇل بولۇشقا تاللىدىم، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. 6
ئۇ مېنىڭ ئەمر-بەلگىلىمىلىرىمگە بۈگۈنكىدەك چىڭ تۇرۇپ رىئايە قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېگەنىدى. 7
شۇڭا بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ، شۇنداقلا خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا [شۇنى ئېيتىمەن]: ــ بۇ ياخشى يۇرتقا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەر خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئىزدەپ تۇتۇڭلار. 8
ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ. 9
ئەمدى سەن كۆڭۈل قويغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەسخانا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆينى سېلىشقا سېنى تاللىدى؛ باتۇر بول، ئۇنى ئادا قىل!». 10
داۋۇت [مۇقەددەسگاھنىڭ] دەھلىزى، خانىلىرى، خەزىنىلىرى، بالىخانىلىرى، ئىچكى ئۆيلىرى ۋە كافارەت تەختىدىكى ئۆيىنىڭ لايىھىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوغلى سۇلايمانغا تاپشۇردى؛ 11
[خۇدانىڭ] روھىدىن تاپشۇرۇۋالغىنى بويىچە ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىلىرى، تۆت ئەتراپىدىكى كىچىك ئۆيلەر، مۇقەددەسخانىدىكى خەزىنلەر، مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار قويۇلىدىغان خەزىنىلەرنىڭ لايىھىلىرىنى قالدۇرماي ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 12
يەنە كاھىنلار بىلەن لاۋىيلارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ھەرخىل ۋەزىپىلەر، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېھتىياجلىق بارلىق ئەسۋابلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتتى؛ 13
ۋە ھەرخىل ئىشلارغا كېرەكلىك ئالتۇن ئەسۋابلارنى ياسىتىشقا كېتىدىغان ئالتۇن، ھەرخىل ئىشلارغا كېرەكلىك كۈمۈش ئەسۋابلارنى ياسىتىشقا كېتىدىغان كۈمۈش، 14
ئالتۇن چىراغدانلارغا، ئۇلارغا تەۋە ئالتۇن چىراغلارغا، يەنى ھەربىر چىراغدان ۋە چىراغلارغا كېتىدىغان ئالتۇن؛ كۈمۈش چىراغدانلارغا، يەنى ھەربىر چىراغدان ۋە شۇنىڭغا تەۋە چىراغلار ئۈچۈن كېتىدىغان كۈمۈشنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ ھەربىر چىراغدانغا ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ كېرەكلىكىنى بەردى؛ 15
نان تىزىدىغان ئالتۇن شىرەلەرنى ياسىتىشقا، يەنى ھەربىر شىرە ئۈچۈن كېرەكلىك ئالتۇن بەردى؛ كۈمۈش شىرەلەرنى ياسىتىشقا كېرەكلىك كۈمۈش بەردى؛ 16
ۋىلكا-ئىلمەكلەر، تەخسە-پىيالە ۋە چۆگۈنلەرنى ياساشقا، ئالتۇن چىنىلەر، يەنى ھەرخىل چىنىنى ياساشقا كېرەكلىك بولغان ساپ ئالتۇن بەردى؛ كۈمۈش چىنىلەرنى ياساشقا، يەنى ھەربىر چىنە ئۈچۈن كېرەكلىك كۈمۈش بەردى؛ 17
خۇشبۇيگاھ ياساشقا كېرەكلىك ئېسىل ئالتۇن بەردى. ئۇ يەنە قاناتلىرىنى كېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالتۇن كېرۇبلار قارايدىغان [كافارەت] تەختىنىڭ نۇسخىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى. 18
«بۇلارنىڭ ھەممىسى، پەرۋەردىگار ئۆز قولىنى ئۈستۈمگە قويغاندا ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق نۇسخا-ئەندىزىلەر بولغاچقا، مەن يېزىپ قويدۇم» دېدى داۋۇت. 19
داۋۇت يەنە ئوغلى سۇلايمانغا: «سەن باتۇر ۋە جاسارەتلىك بول، بۇنى ئادا قىل؛ قورقما، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمە؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ؛ تاكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كېيىنكى ئىبادەت خىزمىتى ئۈچۈن تەييارلىق ئىشلىرى تۈگىگەنگە قەدەر ئۇ سەندىن ھېچ ئايرىلمايدۇ ياكى تاشلاپمۇ قويمايدۇ. 20
قارا، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خىزمىتىنى بېجىرىدىغان كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ گۇرۇپپىلىرى تەييار تۇرىدۇ؛ سېنىڭ يېنىڭدا ھەرخىل ھۈنەرگە ئۇستا، ھەربىر خىزمەتكە تەييار تۇرغان ھۈنەرۋەنلەرمۇ رازىلىق بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق سېنىڭ ئەمرىڭنى كۈتىدۇ» دېدى. 21

< تارىخ-تەزكىرە 1 28 >