< تارىخ-تەزكىرە 1 27 >

تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ئىچىدە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە ھەربىي قىسىملارغا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى جەمەت باشلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق مەنسەپدارلار ئىدى. ئۇلار سانىغا قاراپ قىسىملارغا بۆلۈنگەنىدى. ئۇلار ھەر يىلى ئاي بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇراتتى، ھەر قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 1
A oto synowie Izraela według ich liczby: naczelnicy rodów, tysiącznicy, setnicy i urzędnicy, którzy służyli królowi we wszelkiej sprawie związanej z oddziałami przychodzącymi i odchodzącymi co miesiąc, przez wszystkie miesiące w roku. Każdy oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
بىرىنچى ئايدىكى بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇنغا زابدىيەلنىڭ ئوغلى ياشوبىئام مەسئۇل بولغان، ئۇنىڭ ئاشۇ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 2
Nad oddziałem w miesiącu pierwszym [stał] Jaszobeam, syn Zabdiela, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
ئۇ پەرەز ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، بىرىنچى ئايدىكى ئاشۇ قوشۇن قىسمىنىڭ سەردارلىرىنى باشقۇراتتى. 3
On pochodził z synów Peresa, a [był] wodzem wszystkich dowódców wojska w miesiącu pierwszym.
ئىككىنچى ئايدىكى نۆۋەتچى قوشۇنغا مەسئۇل كىشى ئاھوھلۇق دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئورۇنباسار سەردارى مىكلوت بار ئىدى؛ بۇ قىسىمدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 4
Nad oddziałem w miesiącu drugim [stał] Dodaj, Achochita. [Po nim] dowódcą był Miklot, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
ئۈچىنچى ئايدىكى ئۈچىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى كاھىن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئاشۇ قوشۇنىغا باش بولۇپ، ئۇنىڭدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 5
Trzecim dowódcą wojska, na miesiąc trzeci, [był] Benajasz, syn Jehojady, naczelnego kapłana, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
بۇ بىنايا «ئوتتۇز پالۋان»نىڭ بىرى بولۇپ، ئاشۇ ئوتتۇز ئادەمنى باشقۇراتتى؛ ئۇنىڭ قىسمىدا يەنە ئۇنىڭ ئوغلى ئاممىزاباد بار ئىدى. 6
Ten to Benajasz [był] waleczny wśród trzydziestu i dowodził trzydziestoma, a jego syn Ammizabad należał do jego oddziału.
تۆتىنچى ئايدىكى تۆتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى زەبادىيا ئۇنىڭ ئورنىنى باستى. ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 7
Czwartym dowódcą, na miesiąc czwarty, [był] Asahel, brat Joaba, a po nim jego syn Zebadiasz – jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
بەشىنچى ئايدىكى بەشىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئىزراھلىق شامخۇت ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 8
Piątym dowódcą, na piąty miesiąc, [był] Szamhut Jizrachita, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
ئالتىنچى ئايدىكى ئالتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 9
Szóstym, na miesiąc szósty, [był] Ira, syn Ikkesza Tekoitczyka, a jego oddział [liczył] dwudziestu czterech.
يەتتىنچى ئايدىكى يەتتىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى پىلونلۇق ھەلەز بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 10
Siódmym, na miesiąc siódmy, [był] Cheles Pelonita, z synów Efraima, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
سەككىزىنچى ئايدىكى سەككىزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى خۇشاتلىق سىببىكاي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 11
Ósmym, na miesiąc ósmy, [był] Sibbekaj Chuszatyta, z Zerachitów, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
توققۇزىنچى ئايدىكى توققۇزىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 12
Dziewiątym, na miesiąc dziewiąty, [był] Abiezer Anatotczyk, z synów Beniamina, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
ئونىنچى ئايدىكى ئونىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى زەراھ جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ماھاراي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 13
Dziesiątym, na miesiąc dziesiąty, [był] Maharaj Netofatyta, z Zerachitów, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
ئون بىرىنچى ئايدىكى ئون بىرىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئەفرائىم قەبىلىسىدىكى پىراتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 14
Jedenastym, na miesiąc jedenasty, [był] Benajasz Piratończyk, z synów Efraima, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
ئون ئىككىنچى ئايدىكى ئون ئىككىنچى نۆۋەتچى قوشۇننىڭ سەردارى ئوتنىيەل جەمەتىدىكى نىتوفاتلىق ھەلداي بولۇپ، ئۇنىڭ قىسمىدا يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەم بار ئىدى. 15
Dwunastym, na miesiąc dwunasty, [był] Cheldaj Netofatyta, z Otniela, a jego oddział [liczył] dwadzieścia cztery tysiące.
ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەنلەر تۆۋەندىكىلەر: رۇبەنىيلار ئۈچۈن زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئېزەر قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ شىمېئونىيلار ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى مائاكاھنىڭ ئوغلى شەفاتىيا؛ 16
Ponadto nad pokoleniami Izraela [postawieni byli]: nad Rubenitami przełożonym [był] Eliezer, syn Zikriego; nad Symeonitami – Szefatiasz, syn Maaki;
لاۋىي قەبىلىسى ئۈچۈن كەمۇئەلنىڭ ئوغلى ھاسابىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ھارۇنىيلار ئۈچۈن جەمەت بېشى زادوك؛ 17
Nad Lewitami – Chaszabiasz, syn Kemuela, nad Aaronitami – Sadok;
يەھۇدا قەبىلىسى ئۈچۈن داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئېلىخۇ قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ئىسساكارىيلار ئۈچۈن مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 18
Nad Judą – Elihu, [jeden] z braci Dawida, nad Issacharytami – Omri, syn Mikaela;
زەبۇلۇنىيلار ئۈچۈن ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ نافتالى قەبىلىسى ئۈچۈن ئازرىيەلنىڭ ئوغلى يەرىموت قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 19
Nad Zebulonitami – Jiszmajasz, syn Obadiasza, nad Neftalitami – Jerimot, syn Azriela;
ئەفرائىمىيلار ئۈچۈن ئازازىيانىڭ ئوغلى ھوشىيا قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 20
Nad synami Efraima – Ozeasz, syn Azazjasza, nad połową pokolenia Manassesa – Joel, syn Pedajasza;
گىلېئادتا ماكانلاشقان ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى ئۈچۈن زەكەرىيانىڭ ئوغلى ئىددو قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ بىنيامىن قەبىلىسى ئۈچۈن ئابنەرنىڭ ئوغلى يائاسىيەل قەبىلە باشلىقى ئىدى؛ 21
Nad [drugą] połową [pokolenia] Manassesa w Gileadzie – Iddo, syn Zachariasza, nad Beniaminatami – Jaasiel, syn Abnera.
دان قەبىلىسى ئۈچۈن يەروھامنىڭ ئوغلى ئازارەل قەبىلە باشلىقى ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۈچۈن قەبىلە باشلىقى ئىدى. 22
Nad Danitami – Azareel, syn Jerochama. Ci [byli] książętami pokoleń Izraela.
داۋۇت ئىسرائىللار ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ قىلىمەن دېگەنىدى. 23
Dawid nie włączył jednak do spisu [nikogo], kto miał dwadzieścia lat lub mniej. PAN powiedział bowiem, że rozmnoży Izraela jak gwiazdy na niebie.
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب سانىنى ئېلىشقا كىرىشكەن، لېكىن تۈگىمىگەن؛ چۈنكى مۇشۇ ئىش ۋەجىدىن [خۇدانىڭ] غەزىپى ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغان؛ شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ سانى «داۋۇت پادىشاھنىڭ يىلنامىلىرى» دېگەن خاتىرىگە كىرگۈزۈلمىگەن. 24
Joab, syn Serui, zaczął [ich] liczyć, ale nie dokończył, gdyż za to spadł gniew na Izraela. Nie włączono więc tej liczby do spisu w kronikach króla Dawida.
پادىشاھنىڭ ئامبار-خەزىنىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادىيەلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئىدى؛ دالا، شەھەر، يېزا-كەنت ۋە مۇنارلاردىكى ئامبار-خەزىنىلەرنى باشقۇرغۇچى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىدى. 25
Nad skarbcami króla [postawiony był] Azmawet, syn Adiela; nad dochodami z pól, miast, wsi i zamków – Jonatan, syn Uzjasza;
ئېتىز-ئېرىقلاردا تېرىقچىلىق قىلغۇچىلارنى باشقۇرغۇچى كېلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى ئىدى؛ 26
Nad rolnikami, [którzy] uprawiali ziemię, [stał] Ezri, syn Keluba.
ئۈزۈمزارلىقلارنى باشقۇرغۇچى راماھلىق شىمەي؛ ئۈزۈمزارلىقلاردىكى شاراب ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى شىفمىلىق زابدى؛ 27
Nad winnicami – Szimei Ramatczyk; nad plonami winnic w piwnicach – Zabdi Szifmita.
شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكى زەيتۇن ۋە ئۈجمە دەرەخلىرىنى باشقۇرغۇچى گەدەرلىك بائال-ھانان ئىدى؛ ماي ئامبارلىرىنى باشقۇرغۇچى يوئاش؛ 28
Nad drzewami oliwnymi i sykomorami, które [rosły] na równinach, [postawiony był] Baalchanan Gederczyk, a nad składami oliwy – Joasz.
شاروندا بېقىلىدىغان كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى شارونلۇق سىتراي؛ جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادلاينىڭ ئوغلى شافات؛ 29
Nad bydłem pasącym się w Szaronie – Szitraj Szarończyk, nad bydłem zaś w dolinach – Szafat, syn Adlaja.
تۆگىلەرنى باشقۇرغۇچى ئىسمائىللاردىن ئوبىل؛ ئېشەكلەرنى باشقۇرغۇچى مىرونوتلۇق يەھدىيا؛ 30
Nad wielbłądami – Obil Izmaelita, nad oślicami – Jechdejasz Meronotyta.
قوي پادىلىرىنى باشقۇرغۇچى خاگارلىق يازىز ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ئىدى. 31
I nad owcami – Jaziz Hagryta. Ci wszyscy [byli] zarządcami dobytku króla Dawida.
داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان مەسلىھەتچى بولۇپ، دانىشمەن ھەم تەۋرات خەتتاتچىسى ئىدى؛ خاقمونىنىڭ ئوغلى يەھىيەل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۇستازى ئىدى. 32
Jonatan, stryj Dawida, [był] doradcą, człowiekiem mądrym i uczonym. Jechiel, syn Chakmoniego, [był] z synami króla.
ئاھىتوفەلمۇ پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى؛ ئاركلىق ھۇشاي پادىشاھنىڭ جان دوستى ئىدى. 33
Achitofel też [był] doradcą króla, a Chuszaj Arkita – przyjacielem króla.
ئاھىتوفەلدىن كېيىن بىنايانىڭ ئوغلى يەھويادا بىلەن ئابىياتار ئۇنىڭ ئورنىغا مەسلىھەتچى بولدى؛ يوئاب پادىشاھنىڭ قوشۇن سەردارى ئىدى. 34
Po Achitofelu [był] Jehojada, syn Benajasza, i Abiatar. Joab zaś [był] dowódcą wojska króla.

< تارىخ-تەزكىرە 1 27 >