< تارىخ-تەزكىرە 1 26 >

دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولدى: كوراھ جەمەتىدىكىلەردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە كورەنىڭ ئوغلى مەشەلەمىيا بار ئىدى. 1
مەشەلەمىيانىڭ بىرنەچچە ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى زەكەرىيا، ئىككىنچىسى يەدىيايەل، ئۈچىنچىسى زەبادىيا، تۆتىنچىسى ياتنىيەل، 2
بەشىنچىسى ئېلام، ئالتىنچىسى يەھوھانان، يەتتىنچىسى ئەليويىناي ئىدى. 3
ئوبەد-ئېدومنىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى شېمايا، ئىككىنچىسى يەھوزاباد، ئۈچىنچىسى يوئاھ، تۆتىنچىسى ساكار، بەشىنچىسى نەتانەل، 4
ئالتىنچىسى ئاممىيەل، يەتتىنچىسى ئىسساكار، سەككىزىنچىسى پېئۇلتاي؛ دەرۋەقە خۇدا ئوبەد-ئېدومغا بەخت-سائادەت ئاتا قىلغانىدى. 5
ئۇنىڭ ئوغلى شېمايامۇ بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولۇپ، ھەممىسى ئاتا جەمەتى ئىچىدە يولباشچى ئىدى، چۈنكى ئۇلار باتۇر ئەزىمەتلەر ئىدى. 6
شېمايانىڭ ئوغۇللىرى: ئوتنى، رېفايەل، ئوبەد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئەلزابادنىڭ ئىنىلىرى ئېلىخۇ بىلەن سەماكىيانىڭ ئىككىسى باتۇر ئىدى. 7
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى [خۇدانىڭ] خىزمىتىدە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەر ئىدى. ئوبەد-ئېدومنىڭ ئەۋلادى جەمئىي ئاتمىش ئىككى ئادەم ئىدى. 8
مەشەلەمىيانىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز ئادەم ئىدى. 9
مەرارىنىڭ ئەۋلادى بولغان خوساھنىڭ بىرنەچچە ئوغلى بار ئىدى، چوڭ ئوغلى شىمرى (شىمرى ئەسلىدە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى چوڭ ئوغۇل قىلىپ تىكلىگەن)، 10
ئىككىنچى ئوغلى ھىلقىيا، ئۈچىنچىسى تەبالىيا، تۆتىنچىسى زەكەرىيا ئىدى. خوساھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى جەمئىي بولۇپ ئون ئۈچ ئادەم ئىدى. 11
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىرى بويىچە دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشى ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەت ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىدى. 12
ئۇلار، مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ئۆز جەمەتى بويىچە چەك تارتىپ ھەربىر دەرۋازىغا بەلگىلەندى. 13
شەرقىي دەرۋازىدا دەرۋازىۋەنلىك قىلىشقا چەك چىققىنى شەلەمىيا بولدى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئوغلى زەكەرىيا (ئاقىلانە مەسلىھەتچى ئىدى) ئۈچۈن چەك تارتتى؛ ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋەنلىك چېكى چىقتى. 14
جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ چېكى ئوبەد-ئېدومغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئامبار-خەزىنىلەرگە مەسئۇل بولدى. 15
شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازىنىڭ ۋە شۇنىڭدەك داۋان يولىدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى؛ دەرۋازىۋەنلەر ياندىشىپ تۇراتتى. 16
شەرقىي دەرۋازىغا ھەركۈنى ئالتە لاۋىي دەرۋازىۋەن مەسئۇل ئىدى؛ شىمالىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم، جەنۇبىي دەرۋازىغا ھەركۈنى تۆت ئادەم مەسئۇل ئىدى؛ ئامبار-خەزىنىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ قارايتتى. 17
غەرب تەرەپتىكى دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى يولدا تۆت كىشى، دەھلىزنىڭ ئۆزىدە ئىككى كىشى پاسىبانلىق قىلاتتى. 18
يوقۇرىدىكى كىشىلەر دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى بولۇپ، كوراھنىڭ ۋە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 19
ئۇلارنىڭ [باشقا] لاۋىي قېرىنداشلىرىدىن خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار خەزىنىسىنى باشقۇرۇشقا ئاخىياھ قويۇلدى. 20
گەرشون جەمەتىدىكى لاداننىڭ ئەۋلادلىرىدىن، گەرشونىي لادان جەمەتىگە يولباشچى بولغىنى: جەھىيەلى ئىدى؛ 21
جەھىيەلىنىڭ ئوغۇللىرى زېتام بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى يوئېل ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى. 22
ئامرام جەمەتى، ئىزھار جەمەتى، ھېبرون جەمەتى ۋە ئۇززىيەل جەمەتىدىكىلەرمۇ [ۋەزىپىگە قويۇلدى]: 23
مۇسانىڭ نەۋرىسى، گەرشومنىڭ ئوغلى شىبۇئەل باش خەزىنىچى بولدى. 24
ئۇنىڭ ئەلىئېزەردىن بولغان قېرىنداشلىرى: ئەلىئېزەرنىڭ ئوغلى رەھابىيا، رەھابىيانىڭ ئوغلى يەشايا، يەشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى، زىكرىنىڭ ئوغلى شېلومىت ئىدى. 25
مۇشۇ شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى مۇقەددەس دەپ بېغىشلانغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان بارلىق خەزىنىلەرنى باشقۇراتتى؛ بۇ بۇيۇملارنى ئەسلىدە داۋۇت پادىشاھ، جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلار، يۈزبېشىلار ۋە قوشۇن سەردارلىرى بېغىشلىغانىدى. 26
ئۇلار جەڭگاھلاردا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەلگەن مال-مۈلۈكلەردىن ۋە ئولجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى پۇختا قىلىشقا بېغىشلىغانىدى. 27
[بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ] ئالدىن كۆرگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى سائۇل، نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر ۋە زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابلار مۇقەددەس دەپ ئايرىغان نەرسىلەر بار ئىدى؛ بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان نەرسىلەرنى شېلومىت بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى باشقۇراتتى. 28
ئىزھار جەمەتىدىن كېنانىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى [مۇقەددەس ئۆينىڭ] سىرتىدا ئىسرائىلدا مەنسەپدار ۋە سوتچىلار قىلىپ قويۇلدى. 29
ھېبرون جەمەتىدىن ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، ھەممىسى باتۇر بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە ئىسرائىلدا مەنسەپ تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ۋە پادىشاھنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا قويۇلغان. ئۇلار جەمئىي بىرمىڭ يەتتە يۈز كىشى ئىدى. 30
ھېبرون جەمەتى ئىچىدە، جەمەتنىڭ نەسەبنامىسى بويىچە يەرىيا جەمەت بېشى ئىدى. داۋۇتنىڭ سەلتەنىتىنىڭ قىرىقىنچى يىلى [نەسەبنامىلەرنى] تەكشۈرۈش ئارقىلىق گىلېئادنىڭ يائازەر دېگەن يېرىدە بۇ جەمەتتىنمۇ باتۇر ئەزىمەتلەر تېپىلدى. 31
يەرىيانىڭ قېرىنداشلىرىدىن يەنە جەمئىي بولۇپ ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر بولۇپ، شۇ جەمەت باشلىرى ئىدى؛ پادىشاھ داۋۇت ئۇلارنى رۇبەن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكى خۇداغا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە دائىر بارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويدى. 32

< تارىخ-تەزكىرە 1 26 >