< تارىخ-تەزكىرە 1 25 >

داۋۇت بىلەن قوشۇننىڭ سەردارلىرى ئاساف، ھېمان ۋە يەدۇتۇنلارنىڭ ئوغۇللىرىغىمۇ ۋەزىپە يۈكلەپ، ئۇلارنى چىلتار، تەمبۇر ۋە جاڭ-جاڭلار چېلىپ، بېشارەت بېرىش خىزمىتىگە قويدى. ئۇلاردىن ۋەزىپىگە قويۇلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: 1
ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىدىن زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانىيا ۋە ئاشارىلاھ بار ئىدى؛ ئاسافنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسافنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى؛ ئاساف پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېشارەت بېرىپ سۆزلەيتتى. 2
يەدۇتۇنغا كەلگەندە، ئۇنىڭ گەدالىيا، زېرى، يەشايا، شىمەي، ھاشابىيا ۋە ماتتىتىياھ دېگەن ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى يەدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. يەدۇتۇن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىپ مەدھىيە ئوقۇش ئۈچۈن چىلتار چېلىپ بېشارەت بېرەتتى. 3
ھېماننىڭ بولسا، ئۇنىڭ بۇككىيا، ماتتانىيا، ئۇززىيەل، شەبۇيەل، يەرىموت، ھانانىيا، ھانانى، ئەلىياتا، گىددالتى ۋە رومامتى-ئېزەر، يوشبىكاشا، ماللوتى، ھوتىر ۋە ماخازىئوت دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. 4
بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېماننىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، خۇداغا بولغان مەدھىيىسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن قويۇلغان (ھېمان بولسا پادىشاھقا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزىدىغان ئالدىن كۆرگۈچى ئىدى)؛ خۇدا ھېمانغا ئون تۆت ئوغۇل، ئۈچ قىز ئاتا قىلغانىدى. 5
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە نەغمە-ناۋا قىلىش ئۈچۈن، جاڭ-جاڭ، تەمبۇر ۋە چىلتار چېلىپ خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئاساف، يەدۇتۇن ۋە ھېمان [بۇ ئىشلاردا] پادىشاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارايتتى. 6
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سانى جەمئىي ئىككى يۈز سەكسەن سەككىز ئىدى (ئۇلار ھەممىسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەش نەغمە-ناۋالىقىدا ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن، كۈي ئېيتىشقا ئۇستا ئىدى). 7
بۇلار چوڭ-كىچىكىگە، ئۇستاز-شاگىرتلىقىغا قارىماي ھەممىسى بىردەك چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەنىدى. 8
بىرىنچى چەك ئاسافنىڭ ئوغلى يۈسۈپكە، ئىككىنچى چەك گەدالىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئىنىلىرى ۋە ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 9
ئۈچىنچى چەك زاككۇرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 10
تۆتىنچى چەك ئىزرىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 11
بەشىنچى چەك نەتانىياغا چىقتى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 12
ئالتىنچى چەك بۇككىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 13
يەتتىنچى چەك يەشارىلاھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 14
سەككىزىنچى چەك يەشاياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 15
توققۇزىنچى چەك ماتتانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 16
ئونىنچى چەك شىمەيگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 17
ئون بىرىنچى چەك ئازارەلگە چىقتى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 18
ئون ئىككىنچى چەك ھاسابىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 19
ئون ئۈچىنچى چەك شۇبايەلگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 20
ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتىياھقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 21
ئون بەشىنچى چەك يەرىموتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 22
ئون ئالتىنچى چەك ھانانىياغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 23
ئون يەتتىنچى چەك يوشبىكاشاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 24
ئون سەككىزىنچى چەك ھانانىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 25
ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 26
يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتاغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 27
يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىرغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 28
يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتىغا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 29
يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوتقا چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى؛ 30
يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئېزەرگە چىقتى؛ ئۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىنىلىرى بولۇپ جەمئىي ئون ئىككى كىشى ئىدى. 31

< تارىخ-تەزكىرە 1 25 >