< تارىخ-تەزكىرە 1 24 >

ھارۇن ئەۋلادلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىككە بۆلۈنۈشى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار. 1
ناداب بىلەن ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ھەم پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شۇڭا ئەلىئازار بىلەن ئىتامار كاھىنلىقنى تۇتاتتى. 2
داۋۇت ۋە ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زادوك ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاخىمەلەك ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، ۋەزىپىسى بويىچە ئىشقا قويدى؛ 3
ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئايرىپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار ئون ئالتە كىشى ئىدى، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغانلار سەككىز كىشى ئىدى؛ 4
ئۇلار چەك تاشلاش يولى بىلەن تەڭشەپ نۆۋەت-گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى. شۇنداق قىلىپ مۇقەددەسخانىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ۋە خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغانلار ھەم ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ ھەم ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىنمۇ بولدى. 5
لاۋىي نەتانەلنىڭ ئوغلى شېمايا كاتىپ بولسا پادىشاھ، ئەمەلدارلار، كاھىن زادوك، ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پۈتۈپ قويدى. ئەلىئازارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن بىر جەمەت تاللاندى، ئاندىن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىنمۇ بىر جەمەت تاللاندى. 6
بىرىنچى چەك يەھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يەداياغا، 7
ئۈچىنچى چەك ھارىمغا، تۆتىنچى چەك سېئورىمغا، 8
بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا، 9
يەتتىنچى چەك ھاككوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا، 10
توققۇزىنچى چەك يەشۇئاغا، ئونىنچى چەك شېكانىياغا، 11
ئون بىرىنچى چەك ئەلىياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياكىمغا، 12
ئون ئۈچىنچى چەك ھۇپپاغا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبىئابقا، 13
ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممەرگە، 14
ئون يەتتىنچى چەك ھېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىزەزگە، 15
ئون توققۇزىنچى چەك پىتاھىياغا، يىگىرمىنچى چەك يەھەزكەلگە، 16
يىگىرمە بىرىنچى چەك ياقىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا، 17
يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دېلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازىياغا چىقتى. 18
مانا بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت تەرتىپى؛ بۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتىسى ھارۇننىڭ ۋاستىسى بىلەن بۇيرۇغان نىزام بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىش نۆۋىتى ئىدى. 19
لاۋىينىڭ قالغان ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ئامرامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شۇبايەل؛ شۇبايەلنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يەھدېيا بار ئىدى. 20
رەھابىياغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، جۈملىدىن تۇنجى ئوغلى يىشىيا بار ئىدى. 21
ئىزھارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە شېلوموت؛ شېلوموتنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە جاھات بار ئىدى. 22
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يەرىيا، ئىككىنچىسى ئامارىيا، ئۈچىنچىسى ياھازىيەل، تۆتىنچىسى جەكامىيام ئىدى. 23
ئۇززىيەلنىڭ ئوغۇللىرى: مىكاھ؛ مىكاھنىڭ ئوغۇللىرىدىن شامىر بار ئىدى. 24
مىكاھنىڭ ئىنىسى ئىسشىيا ئىدى؛ يىسشىيانىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە زەكەرىيا بار ئىدى. 25
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى: ماھلى ۋە مۇشى؛ يائازىيانىڭ ئوغلى بېنو ئىدى. 26
مەرارىنىڭ ئوغلى يائازىيادىن بولغان ئەۋلادلىرى بېنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى بار ئىدى. 27
ماھلىنىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئەلىئازارنىڭ ئوغلى يوق ئىدى. 28
كىشكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدە يەراھمىيەل بار ئىدى. 29
مۇشىنىڭ ئوغۇللىرى ماھلى، ئېدەر ۋە يەرىموت ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمەتلىرى بويىچە پۈتۈلگەنىدى. 30
ئۇلارمۇ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش، داۋۇت پادىشاھ، زادوك، ئاخىمەلەك ۋە شۇنىڭدەك كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا چەك تارتتى؛ ھەرقايسى جەمەت باشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئەڭ كىچىكلىرىمۇ ئوخشاشلا چەك تارتتى. 31

< تارىخ-تەزكىرە 1 24 >