< تارىخ-تەزكىرە 1 22 >

شۇڭا داۋۇت: «مانا بۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆيى بولىدىغان جاي، مانا بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنىدىغان قۇربانگاھ بولىدۇ» ــ دېدى. 1
Then David said, "This is the house of the LORD God, and this is the altar of burnt offering for Israel."
داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىل زېمىنىدىكى يات ئەلدىكىلەرنى يىغىشنى بۇيرۇدى ھەم تاشلارنى ئويۇشقا تاشچىلارنى تەيىنلىدى. 2
David gave orders to gather together the foreigners who were in the land of Israel; and he set masons to cut worked stones to build God's house.
ئىشىك-دەرۋازىلارغا ئىشلىتىشكە مىق ۋە گىرە-بالداق ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن تۆمۈر تەييارلىدى؛ يەنە نۇرغۇن مىس تەييارلىدىكى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى تارازىلاپ بولمايتتى؛ 3
David prepared iron in abundance for the nails for the doors of the gates, and for the couplings; and bronze in abundance without weight;
ئۇ يەنە سان-ساناقسىز كېدىر ياغىچى تەييارلىدى، چۈنكى زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلار داۋۇتقا نۇرغۇن كېدىر ياغىچى يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى. 4
and cedar trees without number: for the Sidonians and they of Tyre brought cedar trees in abundance to David.
داۋۇت كۆڭلىدە: «ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش، بىر يۇمران كۆچەت خالاس، پەرۋەردىگارغا سېلىنىدىغان ئۆي ناھايىتى بەھەيۋەت ۋە كاتتا بولۇشى، شان-شۆھرىتى بارلىق يۇرتلارغا يېيىلىشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆيگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ھازىرلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ماتېرىيال ھازىرلاپ قويدى. 5
David said, "Solomon my son is young and tender, and the house that is to be built for the LORD must be exceedingly magnificent, of fame and of glory throughout all countries. I will therefore make preparation for it." So David prepared abundantly before his death.
داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى قىچقىرىپ ئۇنىڭغا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سېلىشنى تاپىلىدى. 6
Then he called for Solomon his son, and commanded him to build a house for the LORD, the God of Israel.
داۋۇت سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: «ئى ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئۆي سېلىشنى ئويلىغان، 7
David said to Solomon, "My son, as for me, it was in my heart to build a house to the name of the LORD my God.
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، نۇرغۇن چوڭ جەڭلەرنى قىلدىڭ؛ سېنىڭ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سېلىشىڭغا بولمايدۇ، چۈنكى سەن مېنىڭ ئالدىمدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ قېنىنى يەرگە تۆكتۈڭ. 8
But the word of the LORD came to me, saying, 'You have shed blood abundantly, and have made great wars. You shall not build a house to my name, because you have shed much blood on the earth in my sight.
قارا، سېنىڭدىن بىر ئوغۇل تۆرۈلىدۇ؛ ئۇ ئارام-تىنچلىق ئادىمى بولىدۇ، مەن ئۇنى ھەر تەرەپتىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقۇزىمەن؛ ئۇنىڭ ئىسمى دەرۋەقە سۇلايمان ئاتىلىدۇ، ئۇ تەختتىكى كۈنلىرىدە مەن ئىسرائىلغا ئارام-تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ئاتا قىلىمەن. 9
Look, a son shall be born to you, who shall be a man of rest. I will give him rest from all his enemies all around; for his name shall be Solomon, and I will give peace and quietness to Israel in his days.
ئۇ مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئۆي سالىدۇ؛ ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈستىدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مەزمۇت قىلىمەن» دېگەن سۆز-كالامى ماڭا يەتتى. 10
He shall build a house for my name; and he shall be my son, and I will be his father; and I will establish the throne of his kingdom over Israel for ever.'
ئى ئوغلۇم، ئەمدى پەرۋەردىگار سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي! شۇنىڭ بىلەن يولۇڭ راۋان بولۇپ، ئۇنىڭ سېنىڭ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىنى سالىسەن. 11
Now, my son, may the LORD be with you and prosper you, and build the house of the LORD your God, as he has spoken concerning you.
پەرۋەردىگار ساڭا پەم ۋە ئەقىل بەرگەي ۋە ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا كۆرسەتمە بەرگەي، سېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ مۇقەددەس قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان قىلغاي. 12
May the LORD give you discretion and understanding, and put you in charge of Israel; that so you may keep the law of the LORD your God.
شۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللار ئۈچۈن مۇساغا تاپشۇرغان بەلگىلىمە-ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلساڭ، يولۇڭ راۋان بولىدۇ. قەيسەر، باتۇر بول! قورقما، ھودۇقۇپمۇ كەتمە. 13
Then you will prosper, if you observe to do the statutes and the ordinances which the LORD gave Moses concerning Israel. Be strong, and courageous. Do not be afraid, neither be dismayed.
قارا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن جاپا-مۈشەققەتلىرىم ئارقىلىق يۈز مىڭ تالانت ئالتۇن، مىڭ مىڭ تالانت كۈمۈش ۋە ئىنتايىن كۆپ، سان-ساناقسىز مىس، تۆمۈر تەييارلىدىم؛ يەنە ياغاچ ۋە تاش تەييارلىدىم؛ بۇنىڭغا يەنە سەن قوشساڭ بولىدۇ. 14
Now, look, in my affliction I have prepared for the house of the LORD one hundred thousand talents of gold, one million talents of silver, and bronze and iron without weight; for it is in abundance. I have also prepared timber and stone; and you may add to them.
بۇنىڭدىن باشقا سېنىڭدە يەنە تاش كەسكۈچى، تامچى، ياغاچچى ھەم ھەرخىل خىزمەتلەرنى قىلالايدىغان نۇرغۇن ئۇستىلار بار؛ 15
There are also workmen with you in abundance, cutters and workers of stone and timber, and all kinds of men who are skillful in every kind of work:
ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» 16
of the gold, the silver, and the bronze, and the iron, there is no number. Arise and be doing, and may the LORD be with you."
داۋۇت يەنە ئىسرائىلدىكى ئەمەلدارلارغا ئوغلى سۇلايمانغا ياردەم بېرىشنى تاپىلاپ: 17
And David also commanded all the leaders of Israel to help Solomon his son, saying,
«خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمۇ؟ ھەر ئەتراپىڭلاردا سىلەرگە تىنچ-ئاراملىق بەرگەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇ بۇ زېمىندىكى ئاھالىنى قولۇمغا تاپشۇردى؛ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىنىڭ ئالدىدا تىزگىنلەندى. 18
"Isn't the LORD your God with you? Hasn't he given you rest on every side? For he has delivered the inhabitants of the land into my hand; and the land is subdued before the LORD, and before his people.
ئەمدى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزلەڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىدىكى قاچا-ئەسۋابلىرىنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىنى سېلىشقا ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار!» دېدى. 19
Now set your heart and your soul to seek after the LORD your God. Arise therefore, and build the sanctuary of the LORD God, to bring the ark of the covenant of the LORD, and the holy vessels of God, into the house that is to be built to the name of the LORD."

< تارىخ-تەزكىرە 1 22 >