< تارىخ-تەزكىرە 1 20 >

شۇنداق بولدىكى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، پادىشاھلار جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا، يوئاب كۈچلۈك قىسىمنى باشلاپ كېلىپ، ئاممونلارنىڭ يەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن رابباھنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇ چاغدا داۋۇت يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتاتتى. يوئاب رابباھغا ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. 1
داۋۇت ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىن تاجنى ئېلىۋىدى (ئالتۇنىنىڭ ئېغىرلىقى بىر تالانت چىقتى، ئۇنىڭغا ياقۇتلار قوندۇرۇلغانىدى)، كىشىلەر بۇ تاجنى داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى. داۋۇت شەھەردىن يەنە نۇرغۇن جەڭ غەنىيمەتلىرىنى ئېلىپ كەتتى. 2
ئۇ يەنە شەھەردىكى خەلقنى ئېلىپ چىقىپ ھەرە، جوتۇ ۋە پالتا بىلەن ئىشلەشكە سالدى؛ داۋۇت ئامموننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى خەلقلەرنىمۇ شۇنداق ئىشلەتتى؛ ئاندىن داۋۇت كۆپچىلىك بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. 3
شۇ ۋەقەدىن كېيىن [ئىسرائىللار] گەزەردە فىلىستىيلەر بىلەن سوقۇشتى؛ ئۇ چاغدا خۇشاتلىق سىببىكاي رەفايىيلاردىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، فىلىستىيلەر تىز پۈكتى. 4
كېيىنچە [ئىسرائىللار] بىلەن فىلىستىيلەر يەنە سوقۇشتى؛ يائىرنىڭ ئوغلى ئەلھانەن گاتلىق گولىياتنىڭ ئىنىسى لاخمىنى ئۆلتۈردى؛ بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى باپكارنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. 5
كېيىنكى ۋاقىتلاردا گاتتا يەنە سوقۇش بولدى؛ ئۇ يەردە ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىمۇ، پۇتىدىمۇ ئالتىدىن بارماق بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارمىقى بار ئىدى؛ ئۇمۇ رەفايىيلاردىن ئىدى. 6
بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى تىللىغىلى تۇرۇۋىدى، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شىمىيانىڭ ئوغلى يوناتان چىقىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 7
بۇلار گاتلىق رافانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىدا ئۆلدى. 8

< تارىخ-تەزكىرە 1 20 >