< تارىخ-تەزكىرە 1 2 >

ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، 1
دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشىردىن ئىبارەت. 2
يەھۇدانىڭ ئوغلى ئېر، ئونان ۋە شىلاھ ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن قانائانلىق شۇيانىڭ قىزىدىن بولغان. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغانلىقىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان. 3
يەھۇداغا كېلىنى تاماردىن پەرەز بىلەن زەراھ تۆرەلگەن. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بولغان. 4
پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇل ئىدى. 5
زەراھنىڭ ئوغۇللىرى زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول بىلەن دارا قاتارلىق بەش ئىدى. 6
كارمىنىڭ ئوغلى ئاكار ئىدى. ئاكار بولسا خۇدا لەنەت قىلغان نەرسىنى ئېلىپ، «ئىسرائىلغا بالا-قازا كەلتۈرگۈچى» بولۇپ چىقتى. 7
ئېتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا ئىدى. 8
ھەزروندىن تۆرەلگەن ئوغۇللار يەراھمىيەل، رام ۋە كالەب ئىدى. 9
ئاممىناداب رامدىن تۆرەلگەن؛ ناھشون ئاممىنادابتىن تۆرەلگەن؛ ناھشون يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 10
سالمون ناھشوندىن تۆرەلگەن؛ بوئاز سالموندىن تۆرەلگەن. 11
ئوبەد بوئازدىن تۆرەلگەن؛ يەسسە ئوبەددىن تۆرەلگەن. 12
يەسسەنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۇنجىسى ئېلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمىيا، 13
تۆتىنچىسى نەتانەل، بەشىنچىسى رادداي، 14
ئالتىنچىسى ئوزەم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى. 15
زەرۇئىيا بىلەن ئابىگائىل ئۇلارنىڭ سىڭلىسى ئىدى. زەرۇئىيانىڭ ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاساھەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 16
ئاماسا ئابىگائىلدىن تۆرەلدى؛ ئاماسانىڭ ئاتىسى ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەر ئىدى. 17
كالەب ئازۇباھ (يېرىئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)تىن ئوغۇل كۆردى؛ [ئازۇباھتىن] بولغان ئوغۇللىرى يەشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىدى. 18
ئازۇباھ ئۆلگەندىن كېيىن كالەب يەنە ئەفراتنى ئالدى؛ ئەفرات ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى. 19
خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى؛ ئۇرىدىن بەزالەل تۆرەلدى. 20
كېيىن ھەزرون گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىر ياستۇققا باش قويۇۋىدى (ئۇ ئاتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنى ئالغان)، ئۇنىڭدىن سەگۇب تۆرەلدى. 21
سەگۇبتىن يائىر تۆرەلدى؛ يائىرنىڭ گىلېئاد زېمىنىدا يىگىرمە ئۈچ شەھىرى بار ئىدى. 22
گەشۇر بىلەن ئارام شۇ يۇرتتىكىلەردىن «يائىرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى»نى، كىناتنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلار بولۇپ جەمئىي ئاتمىش يېزا-شەھەرنى تارتىۋالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى گىلېئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 23
ھەزرون كالەب-ئەفراتاھدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئايالى ئابىياھ ئۇنىڭغا ئاشخورنى تۇغدى؛ ئاشخور تەكوئانىڭ ئاتىسى ئىدى. 24
ھەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يەراھمىيەلنىڭ ئوغۇللىرى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزەم ۋە ئاخىياھ ئىدى. 25
يەراھمىيەلنىڭ ئاتاراھ دېگەن يەنە بىر ئايالى بار ئىدى، ئۇ ئونامنىڭ ئانىسى ئىدى. 26
يەراھمىيەلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامنىڭ ئوغۇللىرى مائاز، يامىن ۋە ئېكەر ئىدى. 27
ئونامنىڭ ئوغۇللىرى شامماي بىلەن يادا ئىدى؛ شامماينىڭ ئوغۇللىرى ناداب بىلەن ئابىشۇر ئىدى. 28
ئابىشۇرنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىھايىل بولۇپ، ئابىھايىلدىن ئۇنىڭغا ئاھبان بىلەن مولىد تۆرەلدى. 29
نادابنىڭ ئوغۇللرى سەلەد بىلەن ئاپپايىم ئىدى؛ سەلەد تا ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. 30
يىشى ئاپپايىمنىڭ ئوغلى؛ شېشان يىشىنىڭ ئوغلى؛ ئاخلاي شېشاننىڭ ئوغلى ئىدى. 31
شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ ئوغۇللىرى يەتەر بىلەن يوناتان ئىدى؛ يەتەر تاكى ئۆلگۈچە ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن. 32
پەلەت بىلەن زازا يوناتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى يەراھمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 33
شېشان قىز پەرزەنت كۆرۈپ، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى؛ شېشاننىڭ مىسىرلىق يارخا دەيدىغان بىر مالىيى بار ئىدى. 34
شېشان قىزىنى مالىيى يارخاغا خوتۇنلۇققا بەرگەن، ئۇنىڭدىن يارخاغا ئاتتاي تۆرەلگەن. 35
ئاتتايدىن ناتان؛ ناتاندىن زاباد تۆرەلگەن. 36
زابادتىن ئىفلال؛ ئىفلالدىن ئوبەد تۆرەلگەن. 37
ئوبەدتىن يەھۇ؛ يەھۇدىن ئازارىيا تۆرەلگەن. 38
ئازارىيادىن ھەلەز؛ ھەلەزدىن ئەلئاساھ تۆرەلگەن. 39
ئەلئاساھتىن سىسماي؛ سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلگەن. 40
شاللۇمدىن يەكامىيا؛ يەكامىيادىن ئەلىشاما تۆرەلگەن. 41
يەراھمىيەلنىڭ ئىنىسى كالەبنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: مىشا ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى بولۇپ، زىفنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ مارىشاھمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھېبروننىڭ ئاتىسى ئىدى. 42
ھېبروننىڭ ئوغۇللىرى كوراھ، تاپپۇئاھ، رەكەم ۋە شېما ئىدى. 43
شېمادىن راھام تۆرەلگەن؛ ئۇ يوركېئامنىڭ ئاتىسى ئىدى؛ شامماي رەكەمدىن تۆرەلگەن. 44
مائون شامماينىڭ ئوغلى؛ مائون بەيت-زۇرنىڭ ئاتىسى ئىدى. 45
كالەبنىڭ توقىلى ئەفاھدىن ھاران، موزا ۋە گازەز تۆرەلگەن. ھاراندىن گازەز تۆرەلگەن. 46
ياخداينىڭ ئوغۇللىرى رەگەم، يوتام، گەشان، پەلەت، ئەفاھ ۋە شائافلار ئىدى. 47
كالەبنىڭ توقىلى مائاكاھدىن شېبەر بىلەن تىرخاناھ تۆرەلگەن؛ 48
ئۇنىڭدىن يەنە مادمانناھنىڭ ئاتىسى شائاف، ماكبىنانىڭ ئاتىسى ۋە گىبېئاھنىڭ ئاتىسى شىۋا تۆرەلگەن. ئاكساھ كالەبنىڭ قىزى ئىدى. 49
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كالەبنىڭ ئەۋلادلىرى. ئەفراتاھنىڭ تۇنجى ئوغلى خۇرنىڭ ئوغۇللىرى: كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبال، 50
بەيت-لەھەمنىڭ ئاتىسى سالما، بەيت-گادەرنىڭ ئاتىسى خارەف ئىدى. 51
كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئاتىسى شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: خاروئەھ ھەمدە ماناخاتلارنىڭ يېرىمى ئىدى. 52
كىرىئات-يېئارىم جەمەتلىرىدىكىلەر ئىترىيلەر، پۇتىيلار، شۇماتىيلار، مىشرائىيلار بولۇپ، بۇ جەمەتلەردىن يەنە زوراتىيلار بىلەن ئەشتايولىيلار ئايرىلىپ چىققان. 53
سالمانىڭ ئەۋلادلىرى بەيت-لەھەم بىلەن نىتوفاتلار، ئاتروت-بەيت-يوئابلار، ماناھاتلارنىڭ يېرىم قىسمى، زورىيلار، 54
يابەزدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان تەۋرات خەتتاتلىرى، يەنى تىراتىيلار، شىمياتىيلەر بىلەن سۇكاتىيلار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېنىيلەر بولۇپ، رەكاب جەمەتىنىڭ بوۋىسى خاماتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 55

< تارىخ-تەزكىرە 1 2 >