< تارىخ-تەزكىرە 1 18 >

شۇ ئىشتىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇت فىلىستىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن گاتنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى تارتىۋالدى. 1
ئۇ يەنە موئابىيلارغا ھۇجۇم قىلدى؛ موئابىيلار ئۇنىڭغا بېقىنىپ، ئولپان تۆلەيدىغان بولدى. 2
زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەر ئۆز تەۋەسىنى ئەفرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىشكە ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت تاكى خاماتقا قەدەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 3
داۋۇت ئۇنىڭ مىڭ جەڭ ھارۋىسىنى ئولجا ئالدى، يەتتە مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى، يىگىرمە مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىر ئالدى. داۋۇت بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى قىرقىتىۋېتىپ، پەقەت يۈز ھارۋىغا قوشقىدەك ئاتنىلا ئېلىپ قالدى. 4
دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلدى؛ داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. 5
داۋۇت سۇرىيەدىكى دەمەشق رايونىغا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزۇۋىدى، سۇرىيلەر داۋۇتقا بېقىنىپ، ئۇنىڭغا ئولپان تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت قەيەرگە [جەڭگە] چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى. 6
داۋۇت ھادادئېزەرنىڭ خىزمەتكارلىرى ئىشلىتىدىغان ئالتۇن قالقانلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ قايتتى. 7
ئۇ يەنە ھادادئېزەرگە تەۋە تىبھات بىلەن كۇندىن ئىبارەت ئىككى شەھەردىن نۇرغۇن مىس ئولجا ئالدى؛ كېيىنكى زامانلاردا سۇلايمان مۇشۇ مىسلارنى ئىشلىتىپ مىس كۆل، مىس تۈۋرۈكلەر ۋە باشقا بارلىق مىس ئەسۋابلارنى ياساتقان. 8
خامات پادىشاھى توۋ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىغانلىقىنى ئاڭلاپ، 9
ئۆز ئوغلى ھادورامنى داۋۇتقا سالام بېرىپ، ئۇنىڭ ھادادئېزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغان غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى توۋ ئەسلىدە ھادادئېزەر بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. ھادورام ھەرخىل ئالتۇن، كۈمۈش، مىس ئەسۋاب-جابدۇقلارنى سوۋغا قىلىپ ئەكەلدى. 10
داۋۇت پادىشاھ بۇ ئەسۋاب-جابدۇقلارنى ھەرقايسى ئەللەردىن، جۈملىدىن ئېدوم، موئاب، ئاممونلاردىن، فىلىستىيلەردىن ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. 11
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى ئابىشاي «شور ۋادىسى»دا ئېدومىيلاردىن ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. 12
داۋۇت ئېدومدا قاراۋۇل ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزدى؛ ئېدوملارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا بېقىندى. داۋۇت قەيەرگە جەڭگە چىقمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى قوغداپ تۇردى. 13
داۋۇت پادىشاھ بولۇپ پۈتۈن ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بارلىق خەلقىگە ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. 14
زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا سەردار، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات مىرزا، 15
ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوك بىلەن ئابىياتارنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك [باش] كاھىن، شاۋشا كاتىپ، 16
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ يولباشچىسى ئىدى؛ داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەمەلدارلار بولدى. 17

< تارىخ-تەزكىرە 1 18 >