< تارىخ-تەزكىرە 1 17 >

داۋۇت ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان چېغىدا، ناتان پەيغەمبەرگە: «قارا، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىر پەردىلىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. 1
ناتان داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە پۈككەنلىرىڭگە ئەمەل قىلغىن؛ چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر» ــ دېدى. 2
شۇ كۈنى كېچىدە خۇدانىڭ سۆزى ناتانغا كېلىپ يەتتى: 3
«سەن بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سەن مەن ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي سالساڭ بولمايدۇ. 4
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بىر ئۆيدە تۇرۇپ باقمىغانمەن، پەقەت بۇ چېدىردىن ئۇ چېدىرغا، بىر چېدىرگاھدىن باشقا بىرىگە يۆتكىلىپ يۈردۈم، خالاس. 5
مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە مەيلى قەيەرگە بارماي، ھېچقاچان ئىسرائىلنىڭ بىرەر ھاكىمىغا، يەنى مېنىڭ خەلقىمنى بېقىشنى تاپىلىغان بىرەرسىگە: نېمىشقا سىلەر ماڭا كېدىر ياغىچىدىن ئۆي سېلىپ بەرمەيسىلەر؟ ــ دېدىممۇ؟ 6
ئەمدى سەن قۇلۇم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئېيتىدۇكى، مەن سېنى ئەمدى يايلاقلاردىن، قويلارنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ئەمىر بولۇش ئۈچۈن چاقىرتىپ چىقتىم. 7
مەيلى قەيەرگە بارمىغىن، مەن ھامان سېنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم ۋە سېنىڭ ئالدىڭدىن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ كەلدىم؛ يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلار نام-شۆھرەتكە ئىگە بولغاندەك سېنى نام-شۆھرەتكە سازاۋەر قىلدىم. 8
مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك ۋە مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى ساڭا بېقىندۈردىمەن. ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى ياساپ بېرىمەن! 9
10
سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا قايتقان ۋاقتىڭدا سېنىڭ نەسلىڭدىن، يەنى ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى سېنىڭ ئورنۇڭنى باسىدىغان قىلىمەن؛ مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. 11
ئۇ ماڭا بىر ئۆي ياسايدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن. 12
مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ؛ مېھرى-شەپقىتىمنى سېنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن [ئىدارە قىلغۇچىدىن] جۇدا قىلغىنىمدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز جۇدا قىلمايمەن؛ 13
ئۇنى مېنىڭ ئۆيۈمدە ۋە مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن؛ ئۇنىڭ تەختى مەڭگۈ مەزمۇت بولۇپ تۇرغۇزۇلىدۇ». 14
ناتان بۇ بارلىق سۆزلەر ۋە بارلىق ۋەھىينى ھېچنېمە قالدۇرماي، داۋۇتقا ئېيتىپ بەردى. 15
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى خۇدا پەرۋەردىگار، مەن زادى كىم ئىدىم، مېنىڭ ئۆيۈم نېمە ئىدى، سەن مېنى مۇشۇ دەرىجىگە كۆتۇرگۈدەك؟ 16
لېكىن ئى خۇدا پەرۋەردىگار، [بۇ مەرتىۋىگە كۆتۈرگىنىڭ] سېنىڭ نەزىرىڭدە كىچىككىنە بىر ئىش ھېسابلاندى؛ چۈنكى سەن مەن قۇلۇڭنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق سۆزلىدىڭ ۋە مېنى ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زات دەپ قارىدىڭ، ئى خۇدا پەرۋەردىگار! 17
سەن كەمىنەڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەن شۇنداق شان-شەرەپ توغرۇلۇق داۋۇت ساڭا نېمە دىيەلىسۇن؟ چۈنكى سەن دەرۋەقە ئۆز قۇلۇڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. 18
ئاھ پەرۋەردىگار، پېقىر قۇلۇڭ ئۈچۈن ھەمدە ئۆز كۆڭلۈڭدىكى نىيىتىڭ بويىچە بۇ بارلىق ئۇلۇغلۇقنى كۆرسىتىپ، بۇ چوڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئايان قىلدىڭ. 19
ئاھ پەرۋەردىگار، قۇلىقىمىز تولۇق ئاڭلىغىنى بويىچە ساڭا تەڭ كەلگۈدەك ھېچكىم يوق؛ سېنىڭدىن بۆلەك ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. 20
دۇنيادا قايسى بىر ئەل خەلقىڭ ئىسرائىلغا تەڭ كېلەلىسۇن؟ ئۇلارنى ئۆزۈڭگە خاس بىردىنبىر خەلق بولۇش ئۈچۈن قۇتۇلدۇرۇشقا باردىڭ ھەمدە مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان خەلقىڭ ئالدىدىن يات ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلۇغۋار ۋە بەھەيۋەت ئىشلار ئارقىلىق ئۆز نامىڭنى تىكلىدىڭ! 21
سەن خەلقىڭ ئىسرائىلنى مەڭگۈ ئۆزۈڭنىڭ خەلقىڭ قىلدىڭ؛ ئاھ پەرۋەردىگار، سەنمۇ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. 22
ئاھ پەرۋەردىگار، ئەمدى پېقىر قۇلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەڭ مەڭگۈگە ئەمەل قىلىنسۇن؛ سەن دېگەنلىرىڭ بويىچە ئىشنى ئادا قىلغايسەن! 23
ئامىن، ۋەدەڭ ئەمەل قىلىنسۇن، شۇنداقلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلانسۇن، كىشىلەر: «ساماۋى قوشۇننىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ھەقىقەتەن ئىسرائىلغا خۇدادۇر!» دېسۇن؛ ۋە شۇنداق بولۇپ، پېقىر قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ئۆي-جەمەتى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن. 24
ئاھ خۇدايىم، سەن پېقىر قۇلۇڭغا ساڭا ئۆي ياسايمەن، دېگەن ۋەھىي كەلتۈردۈڭ؛ شۇڭا قۇلۇڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇنداق دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. 25
ئاھ پەرۋەردىگار، سەن بىردىنبىر خۇدادۇرسەن، سەن پېقىر قۇلۇڭغا مۇشۇنداق ئامەتنى بېرىشنى ۋەدە قىلدىڭ؛ 26
ئەمدى پېقىر قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىگە ئىلتىپات قىلىپ، ئۇنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشىغا ساقلىغايسەن. چۈنكى سەن، ئاھ پەرۋەردىگار، [پېقىرنىڭ ئۆي-جەمەتىگە] ئىلتىپات قىلدىڭ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈگە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ». 27

< تارىخ-تەزكىرە 1 17 >