< تارىخ-تەزكىرە 1 16 >

ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ داۋۇت ئۇنىڭغا ھازىرلاپ قويغان چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، ئاندىن خۇدانىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇندى. 1
داۋۇت كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەلققە بەخت تىلىدى. 2
ئۇ يەنە ئەر-ئايال دېمەي ئىسرائىللارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن نان، بىردىن خورما پوشكىلى، بىردىن ئۈزۈم پوشكىلى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 3
داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇش، يەنى دۇئا-تىلاۋەت ئوقۇش، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىش ۋە كۈي-مۇناجات ئوقۇشنى بۇيرۇدى. 4
ئۇلارنىڭ يولباشچىسى بولسا ئاساف، ئاندىن زەكەرىيا ئىدى؛ باشقىلىرى بولسا جەئىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ماتتىتىياھ، ئېلىئاب، بىنايا، ئوبەد-ئېدوم ۋە جەئىيەللەر ئىدى. ئۇلار تەمبۇر-چىلتار چېلىشقا قويۇلدى؛ ئاساف بولسا چاڭلارنى چالاتتى. 5
بىنايا بىلەن ياھازىيەلدىن ئىبارەت ئىككى كاھىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەردائىم كاناي چېلىشقا قويۇلدى. 6
شۇ كۈنى داۋۇت ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا بەلگىلەپ ئۇلارغا بىرىنچىدىن مۇنۇ كۈينى تاپشۇردى: ــ 7
«پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قىلىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئەللەر ئارىسىدا ئايان قىلىڭلار! 8
ئۇنىڭغا ناخشىلار ئېيتىپ، ئۇنى كۈيلەڭلار، ئۇنىڭ پۈتكۈل كارامەت مۆجىزىلىرى ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىڭلار. 9
مۇقەددەس نامىدىن پەخىرلىنىپ داڭلاڭلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلى شادلانسۇن! 10
پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئىزدەڭلار، ئۇنىڭ يۈز-ھۇزۇرىنى توختىماي ئىزدەڭلار. 11
ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، كارامەت ئالامەتلىرىنى ھەم ئاغزىدىن چىققان ھۆكۈملىرىنى ئەستە تۇتۇڭلار، 12
ئى ئۇنىڭ قۇلى ئىسرائىلنىڭ نەسلى، ئۆزى تاللىغانلىرى، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى! 13
ئۇ، پەرۋەردىگار ــ خۇدايىمىز، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى پۈتكۈل يەر يۈزىدىدۇر. 14
ئۇ ئۆزى تۈزگەن ئەھدىنى ئەبەدىي يادىڭلاردا تۇتۇڭلار ــ ــ بۇ ئۇنىڭ مىڭ ئەۋلادقىچە ۋەدىلەشكەن سۆزىدۇر ــ 15
ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، يەنى ئىسھاققا ئىچكەن قەسىمىدۇر. 16
ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام دەپ جەزملەشتۈردى، ئىسرائىلغا ئەبەدىي ئەھدە قىلىپ بېرىپ: ــ 17
«ساڭا قانائان زېمىنىنى بېرىمەن، ئۇنى مىراسىڭ بولغان نېسىۋەڭ قىلىمەن» ــ دېدى. 18
ئۇ چاغدا سىلەر ئاجىز ئىدىڭلار، ئادىمىڭلار ئاز ھەم ئۇ يەردە مۇساپىر ئىدىڭلار؛ 19
بۇ ئەلدىن ئۇ ئەلگە، بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە كۆچۈپ يۈرگەن. 20
پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇلارنى بوزەك قىلىشىغا يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ پادىشاھلارغىمۇ تەنبىھ بېرىپ: ــ 21
«مەن مەسىھ قىلغانلارغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما!» ــ دېدى. 22
پۈتۈن جاھان، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار، نىجاتىنى ھەر كۈنى ئېلان قىلىڭلار! 23
ئۇنىڭ جۇلاسىنى ئەللەردە بايان قىلىڭلار، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدا جاكارلاڭلار. 24
چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۇلۇغدۇر، زور ھەمدۇساناغا لايىقتۇر؛ ئۇ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن، ئۇنىڭدىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ 25
چۈنكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى ــ بۇتلار خالاس، بىراق پەرۋەردىگار ئاسمان-پەلەكنى ياراتقاندۇر. 26
شانۇشەۋكەت ۋە ھەيۋەت ئۇنىڭ ئالدىدا، قۇدرەت ۋە خۇشلۇق ئۇنىڭ جايىدىدۇر. 27
پەرۋەردىگارغا تەئەللۇقىنى بەرگەيسىلەر، ئى ئەل-قەبىلىلەر، پەرۋەردىگارغا شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتنى بەرگەيسىلەر! 28
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا لايىق بولغان شان-شۆھرەتنى ئۇنىڭغا بەرگەيسىلەر؛ سوۋغا-سالام ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىڭلار، پەرۋەردىگارغا پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ گۈزەللىكىدە سەجدە قىلىڭلار؛ 29
پۈتكۈل يەر-يۈزى، ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەڭلار! دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا. 30
ئاسمانلار شادلانسۇن، ۋە يەر-جاھان خۇش بولسۇن، ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنسۇن: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!». 31
دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن! دالىلار ھەم ئۇلاردىكى ھەممە يايرىسۇن! 32
ئۇ چاغدا ئورماندىكى پۈتكۈل دەرەخلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ پۈتۈن جاھاننى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ! 33
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى. 34
ۋە: بىزنى قۇتقۇزغىن، ئى نىجاتىمىز بولغان خۇدا! بىزنى [يېنىڭغا] يىغىۋالغايسەن، مۇقەددەس نامىڭغا تەشەككۈر قىلىشقا، يايراپ سېنى مەدھىيىلەشكە، بىزنى ئەللەردىن قۇتقۇزۇپ چىققايسەن! ــ دەڭلار! 35
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا، ئەزەلدىن تا ئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن! پۈتكۈل خەلق «ئامىن!» دېدى ھەمدە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. 36
[داۋۇت] شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈندىكى ۋەزىپىگە مۇۋاپىق، ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىكى خىزمەتتە داۋاملىق بولۇشقا ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قالدۇرۇپ قويدى؛ 37
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبەد-ئېدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبەد-ئېدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى. 38
كاھىن زادوك بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى گىبېئون ئېگىزلىكىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرى ئالدىدا، 39
پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا تاپىلىغان قانۇن-ئەھكاملىرىدا بارلىق يېزىلغىنى بويىچە، ھەركۈنى ئەتىسى-ئاخشىمى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا قويۇلدى. 40
ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يەدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىلغانلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىشقا قويۇلدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەبەدگىچىدۇر!). 41
ھېمان ۋە يەدۇتۇن بولسا نەغمىچىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ-جاڭ ۋە بارلىق مەدھىيە سازلىرىنى چېلىشقا مەسئۇل قىلىندى. يەدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى. 42
بۇ ئىشلاردىن كېيىن بارلىق خەلق ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى؛ داۋۇتمۇ ئۆز ئۆيىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى. 43

< تارىخ-تەزكىرە 1 16 >