< تارىخ-تەزكىرە 1 15 >

داۋۇت داۋۇت شەھىرىدە ئۆزىگە ئۆي-ئوردىلار سالدۇردى، ھەم خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا جاي ھازىرلىدى ۋە ئۇنىڭغا چېدىر تىكتۈردى. 1
ئۇ چاغدا داۋۇت: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن بۆلەك كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈشىگە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنى كۆتۈرۈشكە ۋە مەڭگۈ ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا شۇلارنى تاللىغانىدى» دېدى. 2
ئاندىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھازىرلاپ قويغان يەرگە يۆتكەش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا يىغدى. 3
داۋۇت يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى يىغدى: 4
كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى جەمەت بېشى بولغان ئۇرىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز يىگىرمە كىشى؛ 5
مەرارى ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشى؛ 6
گەرشومنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئوتتۇز كىشى؛ 7
ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان شېمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئىككى يۈز كىشى؛ 8
ھېبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئەلىيەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى سەكسەن كىشى؛ 9
ئۇززىيەلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمەت بېشى بولغان ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى ئىدى. 10
داۋۇت كاھىنلاردىن زادوك بىلەن ئابىياتارنى، شۇنىڭدەك لاۋىلىيلاردىن ئۇرىيەل، ئاسايا، يوئېل، شېمايا، ئەلىيەل ۋە ئاممىنادابنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلارغا: 11
«سىلەر لاۋىي جەمەتىنىڭ باشلىرىسىلەر؛ ئۆزۈڭلارنى ۋە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلاپ قويغان يەرگە كۆتۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن پاك قىلىڭلار. 12
چۈنكى ئىلگىرى سىلەر شۇنداق قىلماي، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئۇنىڭدىن يول سورىمىغىنىمىزدىن خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بىزگە زەربە بەرگەن» دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاك قىلدى. 14
لاۋىيلار ئەمدى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى بىلەن تاپىلىغىنى بويىچە، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداق بىلەن مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈردى. 15
داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ يولباشچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەرنى تەيىنلەشنى بۇيرۇدى؛ ئۇلار جۈملىدىن تەمبۇر، چىلتار، جاڭلار قاتارلىق ھەرخىل سازلارنى چېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ شاد-خۇراملىق ئىچىدە كۈي ئېيتىشقا تەيىنلەندى. 16
شۇڭلاشقا، لاۋىيلار يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكى بەرەكىيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ھەم ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان مەرارىلاردىن كۇشاياھنىڭ ئوغلى ئېتاننى بەلگىلىدى. 17
ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەنە قېرىنداشلىرىدىن زەكەرىيا، بىن، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، بىناياھ، مائاسېياھ، ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا ھەم دەرۋازىۋەن ئوبەد-ئېدوم بىلەن جەئىيەلنى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەترەت قىلىپ تەشكىللىدى. 18
نەغمىچى ھېمان، ئاساف ۋە ئېتانلار مىس چاڭلار چېلىپ، ياڭراق ئاۋاز چىقىراتتى؛ 19
زەكەرىيا، يائازىيەل، شېمىراموت، يەھىيەل، ئۇننى، ئېلىئاب، مائاسېياھ ۋە بىنايالار تەمبۇر چېلىپ «ئالاموت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش قىلاتتى؛ 20
ماتتىتىياھ، ئەلىفەلەھ، مېكنىيا، ئوبەد-ئېدوم، جەئىيەل ۋە ئازازىيالار چىلتار چېلىپ باشلامچىلىق قىلىپ، «شەمىنىت ئۇسلۇبى»دا تەڭكەش بولاتتى. 21
لاۋىيلارنىڭ يولباشچىسى كەنانىيا مۇزىكىغا ناھايىتى پىششىق بولغاچقا، مەخسۇس نەغمە-ناۋاچىلىققا مەسئۇل بولۇپ مۇزىكا ئۆگىتەتتى. 22
بەرەكىيا بىلەن ئەلكاناھ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقارلار ئىدى. 23
شەبانىيا، يەھوشافات، نەتانەل، ئاماساي، زەكەرىيا، بىنايا ۋە ئەلىئېزەر قاتارلىق كاھىنلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چالاتتى؛ ئوبەد-ئېدوم بىلەن يەھىياھمۇ ئەھدە ساندۇقىغا مەسئۇل ئىشىكباقار قىلىنىپ قويۇلغانىدى. 24
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭبېشى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن خۇشاللىققا چۆمگەن ھالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ چىققىلى باردى. 25
ۋە شۇنداق بولدىكى، [داۋۇتلار] خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقار قۇربانلىق قىلدى. 26
داۋۇت ۋە شۇنداقلا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلار ھەمدە نەغمىچىلەر ھەم نەغمە-ناۋا بېشى بولغان كەنانىيالارنىڭ ھەممىسى كاناپ لىباس كىيىشكەنىدى؛ داۋۇت ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كاناپ ئەفود كىيگەنىدى. 27
پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەمدى شۇ تەرىقىدە تەنتەنە قىلىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭجاڭ، تەمبۇر، چىلتار قاتارلىق تۈرلۈك سازلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا مۇزىكا چېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كېلىشتى. 28
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىقال پەنجىردىن تۆۋەنگە قاراپ تۇراتتى؛ ئۇ داۋۇتنىڭ سەكرەپ ئويناپ-چېلىپ تەنتەنە قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئۇنى زاڭلىق قىلدى. 29

< تارىخ-تەزكىرە 1 15 >