< تارىخ-تەزكىرە 1 14 >

تۇر پادىشاھى ھىرام داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچىلەرنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوردا سېلىشقا كېدىر ياغىچى، تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ئەۋەتتى. 1
Misit quoque Hiram rex Tyri nuncios ad David, et ligna cedrina, et artifices parietum, lignorumque: ut ædificarent ei domum.
بۇ چاغدا داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھ بولۇشقا جەزمەن تىكلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنىدى. 2
Cognovitque David quod confirmasset eum Dominus in regem super Israel, et sublevatum esset regnum suum super populum eius Israel.
داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرمۇنچە خوتۇن ئالدى ھەمدە يەنە ئوغۇل-قىزلارنى كۆردى. 3
Accepit quoque David alias uxores in Ierusalem: genuitque filios, et filias.
تۆۋەندىكىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇيا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، 4
Et hæc nomina eorum, qui nati sunt ei in Ierusalem: Samua, et Sobab, Nathan, et Salomon,
ئىبھار، ئەلىشۇيا، ئەلپەلەت، 5
Iebahar, et Elisua, et Eliphalet,
نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، 6
Noga quoque, et Napheg, et Iaphia,
ئەلىشاما، بەئەلىيادا ۋە ئەلىفەلەت. 7
Elisama, et Baaliada, et Eliphalet.
داۋۇتنىڭ مەسىھ قىلىنىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان فىلىستىيلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت بىلەن قارشىلىشىش پۇرسىتىنى ئىزلەپ كەلدى؛ داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 8
Audientes autem Philisthiim eo quod unctus esset David regem super universum Israel, ascenderunt omnes ut quærerent eum: quod cum audisset David, egressus est obviam eis.
فىلىستىيلەر «رەفايىم جىلغىسى»غا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىردى. 9
Porro Philisthiim venientes, diffusi sunt in Valle Raphaim.
داۋۇت خۇدادىن: «مەن فىلىستىيلەرگە قارشى جەڭگە چىقسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سۆزسىز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن» دېدى. 10
Consuluitque David Dominum, dicens: Si ascendam ad Philisthæos, et si trades eos in manu mea? Et dixit ei Dominus: Ascende, et tradam eos in manu tua.
فىلىستىيلەر بائال-پەرازىمغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلگەندە، داۋۇت ئۇلارنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» دېدى. شۇڭا ئۇ يەر «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتالغان. 11
Cumque illi ascendissent in Baalpharasim, percussit eos ibi David, et dixit: Divisit Deus inimicos meos per manum meam, sicut dividuntur aquæ: et idcirco vocatum est nomen illius loci Baalpharasim.
فىلىستىيلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانلىقتىن، داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى تاپىلىدى. 12
Dereliqueruntque ibi deos suos, quos David iussit exuri.
فىلىستىيلەر يەنە ھېلىقى جىلغىغا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىلى كىرىۋىدى، 13
Alia etiam vice Philisthiim irruerunt, et diffusi sunt in valle.
داۋۇت يەنە خۇدادىن يول سورىدى. خۇدا ئۇنىڭغا: «ئۇلارنى ئارقىسىدىن قوغلىماي، ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۈجمىلىكنىڭ ئۇدۇلىدىن ھۇجۇم قىلغىن. 14
Consuluitque rursum David Deum, et dixit ei Deus: Non ascendas post eos, recede ab eis, et venies contra illos ex adverso pyrorum.
سەن ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا جەڭگە ئاتلان؛ چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇمغا چىققان بولىدۇ» دېدى. 15
Cumque audieris sonitum gradientis in cacumine pyrorum, tunc egredieris ad bellum. Egressus est enim Deus ante te, ut percutiat castra Philisthiim.
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنىغا گىبېئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ زەربە بەردى. 16
Fecit ergo David sicut præceperat ei Deus, et percussit castra Philisthinorum, de Gabaon usque Gazera.
شۇ سەۋەبتىن داۋۇتنىڭ شۆھرىتى بارلىق يۇرت-زېمىنلارغا پۇر كەتتى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قورقۇنچىنى بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە سالدى. 17
Divulgatumque est nomen David in universis regionibus, et Dominus dedit pavorem eius super omnes gentes.

< تارىخ-تەزكىرە 1 14 >