< تارىخ-تەزكىرە 1 13 >

داۋۇت مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە بارلىق يولباشچىلار بىلەن مەسلىھەتلەشتى؛ 1
ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل ئاممىسىغا: «ئەگەر سىلەر ماقۇل كۆرسەڭلار، شۇنداقلا بۇ ئىشنى خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن دەپ بىلسەڭلار، بىز ئىسرائىلنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شۇ يەردە قالغان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە شەھەرلەردە ۋە ئېتىزلىقلىرىدا تۇرۇۋاتقان كاھىن ھەم لاۋىيلارغا مۇشۇ يەرگە يىغىلىش توغرۇلۇق ئادەم ئەۋەتەيلى. 2
بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەشەگە يۆتكەپ كېلەيلى؛ چۈنكى سائۇلنىڭ كۈنلىرىدە ھېچقايسىمىز [ئەھدە ساندۇقى] ئالدىدا خۇدادىن يول سوراپ باقمىدۇق» دېدى. 3
بۇ ئىشنى پۈتۈن ئامما توغرا تاپقاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى. 4
شۇڭا داۋۇت مىسىرنىڭ شىھور دەرياسىدىن تارتىپ خامات ئېغىزىغىچە بولغان پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىمدىن يۆتكەپ كەلمەكچى بولدى. 5
ئاندىن داۋۇت بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن بائالاھقا، يەنى يەھۇداغا تەۋە بولغان كىرىئات-يېئارىمغا كەلدى؛ ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى پەرۋەردىگار بۇ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىگە ئۆز نامىنى قويغانىدى. 6
ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن ئېلىنغان يېڭى بىر ھارۋىغا قويدى؛ ئۇززاھ بىلەن ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدىدى. 7
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل جامائىتى خۇدانىڭ ئالدىدا ھە دەپ نەغمە-ناۋا قىلىپ، چىلتار، تەمبۇر، داپ، چاڭلار ۋە كاناي-سۇنايلار چالاتتى. 8
لېكىن ئۇلار كىدون خامىنىغا كەلگەندە كالىلار ئالدىغا مۈدۈرەپ كېتىپ يىقىلغاندا ئۇززاھ ئەھدە ساندۇقىنى يۆلىۋالاي دەپ قولىنى ئۇنىڭغا سوزدى. 9
ئۇززاھنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇززاھ شۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆلدى. 10
لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. 11
شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «مەن زادى قانداق قىلىپ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلەلەيمەن؟» دېدى. 12
شۇڭا داۋۇت ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان «داۋۇت شەھىرى»گە يۆتكەپ كەلمەي، گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. 13
خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى؛ پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدومنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى بەرىكەتلىدى. 14

< تارىخ-تەزكىرە 1 13 >