< تارىخ-تەزكىرە 1 11 >

ئۇ چاغدا بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ھېبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلىشىپ: «قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! 1
بۇرۇن سائۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزدە سەلتەنەت قىلغاندىمۇ ئىسرائىل خەلقىگە جەڭگە چىقىپ-كىرىشكە يولباشچى بولغان ئۆزلىرى ئىدىلا. ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرى بولغان پەرۋەردىگارمۇ ئۆزلىرىگە: ــ سەن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى بولۇپ ئۇلارنى باقىسەن ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن، دېگەنىدى» ــ دېدى. 2
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى ھېبرونغا كېلىپ پادىشاھ داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىشتى؛ داۋۇت ھېبروندا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزۈشتى. ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېيتقىنى بويىچە، داۋۇتنى مەسىھ قىلىپ، ئىسرائىلنى ئىدارە قىلىشقا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 3
داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا كەلدى (يېرۇسالېم شۇ چاغدا «يەبۇس» دەپ ئاتىلاتتى، زېمىندىكى ئاھالە بولغان يەبۇسىيلار شۇ يەردە تۇراتتى). 4
يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 5
داۋۇت: «كىم ئالدى بىلەن يەبۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ كىشى يولباشچى ۋە سەردار بولىدۇ» دېدى. زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ئالدى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ، يولباشچى بولدى. 6
داۋۇت قورغاندا تۇراتتى، شۇڭا كىشىلەر ئۇ قورغاننى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتاشتى. 7
داۋۇت شەھەرنى مىللودىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە يېڭىۋاشتىن ياساتتى؛ شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب ياساتتى. 8
داۋۇت كۈندىن كۈنگە قۇدرەت تاپتى، چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 9
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرى ئىچىدە يولباشچىلار ئىدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزى بويىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن بىرلىشىپ، داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ، بىرلىكتە ئۇنى پادىشاھ قىلىشقا كۈچىدى. 10
تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ پالۋانلىرىنىڭ تىزىملىكى بويىچە خاتىرىلەنگەندۇر: ــ ھاكمونىيلاردىن بولغان ياشوبىئام يولباشچىلار ئىچىدە بېشى ئىدى؛ ئۇ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ بىر قېتىمدىلا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. 11
ئۇنىڭدىن قالسا ئاخوخىي دودونىڭ ئوغلى ئەلىئازار بولۇپ، ئۇ «ئۈچ پالۋان»نىڭ بىرى ئىدى؛ 12
ئىلگىرى فىلىستىيلەر پاس-داممىمدا جەڭ قىلىشقا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن ئۇ يەردە ئىدى. ئۇ يەردە ئارپا ئۆسۈپ كەتكەن بىر ئېتىزلىق بولۇپ، خەلق فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچقانىدى؛ 13
ئۇلار بولسا ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋېلىپ، ھەم ئېتىزلىقنى قوغدىغان، ھەم فىلىستىيلەرنى تارمار قىلغان؛ پەرۋەردىگار ئەنە شۇ يول بىلەن ئۇلارنى غايەت زور غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن. 14
ئوتتۇز يولباشچى ئىچىدىن [يەنە] ئۈچەيلەن قورام تاشلىقتىكى ئادۇللامنىڭ غارىغا چۈشۈپ داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلدى. فىلىستىيلەرنىڭ قوشۇنى بولسا «رەفايىم جىلغىسى»دا بارگاھ قۇرغانىدى. 15
بۇ چاغدا داۋۇت قورغاندا، فىلىستىيلەرنىڭ قاراۋۇلگاھى بەيت-لەھەمدە ئىدى. 16
داۋۇت ئۇسساپ: «ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى!» دېۋىدى، 17
بۇ ئۈچ پالۋان فىلىستىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتتى ۋە داۋۇتقا ئېلىپ كەلدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن ئىچكىلى ئۇنىمىدى، بەلكى سۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تۆكۈپ: 18
«خۇدايىم بۇ ئىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن! مەن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئىچسەم قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىماي ئېلىپ كەلگەن!» دېدى. شۇڭا داۋۇت بۇ سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. 19
يوئابنىڭ ئىنىسى ئابىشاي ئۈچىنىڭ بېشى ئىدى؛ ئۇ ئۈچ يۈز ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ نەيزىسىنى پىقىرىتىپ ئۇلارنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە نامى چىققانىدى. 20
ئۇ مۇشۇ «ئۈچ پالۋان» ئىچىدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاۋۋالقى ئۈچەيلەنگە يەتمەيتتى. 21
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كابزەئەلدىن بولۇپ، بىر باتۇر پالۋان ئىدى؛ ئۇ كۆپ قالتىس ئىشلارنى قىلغان. ئۇ موئابىي ئارىئەلنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرگەن. يەنە قار ياغقان بىر كۈنى ئازگالغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. 22
ئۇ يەنە قولىدا باپكارنىڭ ئوقىدەك بىر نەيزىسى بار، بويىنىڭ ئېگىزلىكى بەش گەز كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى قەتل قىلدى؛ ئۇ بىر ھاسا بىلەن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ نەيزىسىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ ئۆز نەيزىسى بىلەن ئۆلتۈردى. 23
يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا مانا بۇ ئىشلارنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ پالۋان ئىچىدە نام چىقارغانىدى. 24
مانا، ئۇ ھېلىقى ئوتتۇز پالۋاندىنمۇ بەكرەك شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئۈچ پالۋانغا يەتمەيتتى. داۋۇت ئۇنى ئۆزىنىڭ پاسىبان بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن. 25
قوشۇندىكى پالۋانلار بولسا: ــ يوئابنىڭ ئىنىسى ئاساھەل، بەيت-لەھەملىك دودونىڭ ئوغلى ئەلھانان، 26
ھارورلۇق شامموت، پىلونلۇق ھەلەز، 27
تەكوئالىق ئىككەشنىڭ ئوغلى ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئېزەر، 28
خۇشاتلىق سىببەكاي، ئاخوھلۇق ئىلاي، 29
نىتوفاتلىق ماھاراي، نىتوفاتلىق بائاناھنىڭ ئوغلى خەلەب، 30
بىنيامىن ئەۋلادلىرىدىن گىبېئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتتاي، پىراتونلۇق بىنايا، 31
گائاش ۋادىلىرىدىن كەلگەن خۇراي، ئارباتلىق ئابىيەل، 32
باھارۇملۇق ئازماۋەت، شالبونلۇق ئېلياھبا، 33
گىزونلۇق ھاشەمنىڭ ئوغۇللىرى، ھارارلىق شاگىنىڭ ئوغلى يوناتان، 34
ھارارلىق ساكارنىڭ ئوغلى ئاھىيام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال، 35
مەكەراتلىق ھەفەر، پىلونلۇق ئاخىياھ، 36
كارمەللىك ھەزرو، ئەزباينىڭ ئوغلى نائاراي، 37
ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبھار، 38
ئاممونلۇق زەلەك، زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان بەئەروتلۇق ناھاراي، 39
ئىترىلىق ئىرا، ئىترىلىق گارەب، 40
ھىتتىي ئۇرىيا، ئاھلاينىڭ ئوغلى زاباد، 41
رۇبەن قەبىلىسىدىن شىزانىڭ ئوغلى، رۇبەنلەر ئىچىدە يولباشچى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئوتتۇز ئادەم، 42
مائاكاھنىڭ ئوغلى ھانان، مىتنىلىق يوشافات، 43
ئاشتاراتلىق ئۇززىيا، ئاروئەرلىك خوتامنىڭ ئوغلى شاما بىلەن جەئىيەل، 44
شىمرىنىڭ ئوغلى يېدىيايەل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزىلىق يوخا، 45
ماھاۋىلىق ئەلىيەل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يەرىباي بىلەن يوشاۋىيا، موئابلىق يىتما، 46
ئەلىيەل، ئوبەد ۋە مەزوبالىق يائاسىيەللەردىن ئىبارەت ئىدى. 47

< تارىخ-تەزكىرە 1 11 >