< تارىخ-تەزكىرە 1 10 >

فىلىستىيلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىۋىدى، ئىسرائىللار فىلىستىيلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى، ئۇلار گىلبوئا تېغىدا قىرىپ يوقىتىلدى. 1
فىلىستىيلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تاپ بېسىپ قوغلىدى؛ ئۇلار ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكى-شۇئالارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 2
سائۇلغا قارشى جەڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولدى؛ ئوقياچىلار سائۇلغا يېتىشىپ ئوقيا ئېتىپ ئۇنى يارىلاندۇردى. 3
ئاندىن سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ مېنى سانجىپ، مېنى خورلۇققا قويۇشى مۇمكىن، دېدى. لېكىن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىنتايىن قورقۇپ كېتىپ، ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى ئېلىپ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. 4
ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى. 5
شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۈچ ئوغلى ھەم پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈندە بىراقلا ئۆلدى. 6
ئەمدى ۋادىدا تۇرغان ئىسرائىللار ئەسكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇلار شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى، فىلىستىيلەر كېلىپ ئۇ جايلاردا ئورۇنلاشتى. 7
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئەتىسى فىلىستىيلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋالغىلى كەلگەندە گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى-دە، 8
كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، كاللىسىنى ۋە ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئېلىپ كەتتى ھەمدە بۇلارنى فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئاپىرىپ، ئۆز بۇتلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 9
ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-ياراغلىرىنى ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىدا قويۇپ، كاللىسىنى داگون بۇتخانىسىغا ئېسىپ قويدى. 10
ئەمدى يابەش-گىلېئاددا ئولتۇرغۇچىلار فىلىستىيلەرنىڭ سائۇلغا بارلىق قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا 11
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى يابەشكە قايتۇرۇپ كېلىپ، يابەشتىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلدى ۋە يەتتە كۈن روزا تۇتتى. 12
شۇنىڭ بىلەن سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۆلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىغا كىرمەي ۋە ھەتتا پەرۋەردىگاردىن يول سورىماي، بەلكى پالچى جىنكەشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سورىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يەسسەنىڭ ئوغلى داۋۇتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 13

< تارىخ-تەزكىرە 1 10 >