< Jeremías 27 >

1 Cuando Sedequías, hijo de Josías, rey de Judá, se convirtió en rey por primera vez, esta palabra vino a Jeremías de parte del Señor, diciendo:
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى زەدەكىيانىڭ تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، شۇ سۆز يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Esto es lo que el Señor me ha dicho: hazte bandas y yugos y colócalos en tu cuello;
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئاسارەتلەر ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى ياساپ ئۆز بوينۇڭغا سال؛
3 Y envíalos al rey de Edom, al rey de Moab, al rey de los hijos de Amón, al rey de Tiro y al rey de Sidón, por medio de sus mensajeros que vienen a Jerusalén, a ver a Sedequías, rey de Judá;
بۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا، موئابنىڭ پادىشاھىغا، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھىغا، تۇرنىڭ پادىشاھىغا ۋە زىدوننىڭ پادىشاھىغا يېرۇسالېمغا، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئەۋەتكىن؛
4 Y dales órdenes de decirles a sus amos: Esto es lo que el Señor de los ejércitos, el Dios de Israel, ha dicho: di a tus amos:
ھەربىرىنى ئۆز خوجايىنلىرىغا شۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز خوجايىنلىرىڭلارغا مۇنداق دەڭلار: ــ
5 He hecho la tierra, y el hombre y la bestia sobre la faz de la tierra, por mi gran poder y por mi brazo extendido; y se lo daré a cualquiera a mi gusto.
مەن زېمىن ۋە زېمىن يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنى زور قۇدرىتىم ۋە سوزۇلغان بىلىكىم بىلەن ياراتقانمەن؛ ۋە كىم كۆزۈمگە لايىق كۆرۈنسە، بۇلارنى شۇلارغا تەقدىم قىلىمەن.
6 Y ahora he entregado todas estas tierras en manos de Nabucodonosor, el rey de Babilonia, mi siervo; y le he dado las bestias del campo para su uso.
ھازىر مەن بۇ زېمىنلەرنىڭ ھەممىسىنى بابىل پادىشاھى، مېنىڭ قۇلۇم بولغان نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا تەقدىم قىلدىم.
7 Y todas las naciones serán siervos de él, y de su hijo, y del hijo de su hijo, hasta que llegue el momento de que su tierra sea vencida, y luego varias naciones y grandes reyes la tomarán para su uso.
بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ، ئوغلىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۆز زېمىنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، كۆپ ئەللەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار ئۇنىمۇ قۇللۇققا سالىدۇ.
8 Y sucederá que, si alguna nación no sierve de este mismo Nabucodonosor, rey de Babilonia, y no pone su cuello bajo el yugo del rey de Babilonia, entonces enviaré un castigo sobre esa Nación, dice el Señor, por la espada, hambre y por pestilencia, hasta que yo los haya entregado en sus manos.
شۇنداق بولىدۇكى، قايسى ئەل ياكى پادىشاھلىق بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشنى، يەنى بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇشنى رەت قىلسا، مەن شۇ ئەلنى نېبوقادنەسارنىڭ قولى ئارقىلىق يوقاتقۇزغۇچە قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن جازالايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
9 Y no deben prestar atención a sus profetas ni a sus adivinos, ni a sus intérpretes de sueños, ni a los hechiceros que pretenden ver el futuro y que les dicen: No se sometan al rey de Babilonia.
ــ سىلەر بولساڭلار، «بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا ھېچ بولمايسىلەر» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلارغا، پالچىلىرىڭلارغا، چۈش كۆرگۈچىلىرىڭلارغا، رەم ئاچقۇچىلىرىڭلارغا ياكى جادۇگەرلىرىڭلارغا قۇلاق سالماڭلار؛
10 Porque les dicen palabras falsas, para que los puedan enviar lejos de su tierra, y para que puedas ser expulsado por mí y llegar a la destrucción.
چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىق قىلىپ بېشارەت بېرىدۇ؛ [گەپلىرىگە كىرسەڭلار]، سىلەرنى ئۆز يۇرتۇڭلاردىن سۈرگۈن قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۆزۈم سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەيمەن، سىلەر نابۇت بولىسىلەر.
11 Pero en cuanto a esa nación que pone su cuello bajo el yugo del rey de Babilonia y se convierte en su sirviente, dejaré que esa nación continúe en su tierra, y la cultive y viviendo en ella, dice el Señor.
لېكىن قايسى ئەل بوينىنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ قۇللۇقىغا كىرسە، شۇ ئەلنى ئۆز يۇرتىدا تۇرغۇزىمەن، ئۇلار ئۇنىڭدا تېرىقچىلىق قىلىپ ياشايدۇ.
12 Y dije todo esto a Sedequías, rey de Judá, diciendo: “Pongan sus cuellos bajo el yugo del rey de Babilonia y conviértanse en sus siervos y su pueblo, para que puedan guardar sus vidas”.
ــ مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغىمۇ شۇ سۆزلەر بويىچە مۇنداق دېدىم: «بوينۇڭلارنى بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىغا قويۇپ ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر.
13 ¿Por qué deseas la muerte, tú y tu pueblo, a espada, de hambre, y por enfermedad, como el Señor ha dicho de la nación que no se convierta en el siervo del rey de Babilonia?
ئەمدى نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىغا بويسۇنمىغان ھەرقايسى ئەللەر توغرىسىدا دېگىنىدەك، سەن ۋە خەلقىڭ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلمەكچى بولىسىلەر؟
14 Y no debes escuchar a los profetas que te dicen: No se sometan en siervos del rey de Babilonia, porque lo que dicen no es cierto.
پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بابىلنىڭ قۇللۇقىدا بولمايسىلەر» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ.
15 Porque no los he enviado, dice el Señor, pero ellos dicen lo que es falso en mi nombre, para que yo pueda enviarlos por la fuerza, causando destrucción sobre ustedes y sobre sus profetas.
مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار مېنىڭ نامىمدا يالغاندىن بېشارەت بېرىدۇ؛ بۇ سۆزلەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، مەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدىۋېتىمەن، شۇنىڭدەك نابۇت بولىسىلەر؛ سىلەر ۋە سىلەرگە بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرلەر نابۇت بولىسىلەر».
16 Y dije a los sacerdotes y a todo el pueblo: Esto es lo que ha dicho el Señor: No prestes atención a las palabras de tus profetas que te dicen: Mira, dentro de muy poco tiempo, las vasijas de la casa del Señor volverán de Babilonia, porque lo que te dicen es falso.
ئاندىن مەن كاھىنلارغا ۋە بۇ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار پات ئارىدا بابىلدىن قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغانچىلىقتىن بېشارەت قىلىدۇ.
17 No les prestes atención; conviértanse en siervos del rey de Babilonia y manténganse lejos de la muerte; ¿por qué dejar que este pueblo sea un montón de ruinas?
ئۇلارغا قۇلاق سالماڭلار؛ بابىل پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولساڭلار، ھايات قالىسىلەر؛ بۇ شەھەر نېمىشقا ۋەيران بولسۇن؟
18 Pero si son profetas, y si la palabra del Señor está con ellos, ahora pidan al Señor de los ejércitos que los vasos que aún están en la casa del Señor y en la casa del rey de Judá y en Jerusalén, no sean llevados a Babilonia.
ئەگەر بۇلار ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر بولسا ھەم پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇلاردا بولسا، ئۇلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۆزىدە قالغان قىممەتلىك قاچا-قۇچىلار بابىلغا ئېلىپ كېتىلمىسۇن دەپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلسۇن!
19 Porque esto es lo que el Señor ha dicho sobre el resto de los vasos que todavía están en esta ciudad,
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىككى [مىس] تۈۋرۈك، [مىس] «دېڭىز»، داس ھارۋىلىرى ۋە بۇ شەھەردە قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ
20 Que Nabucodonosor, rey de Babilonia, no se llevó, cuando tomó a Jeconías, hijo de Joacim, rey de Judá, prisionero de Jerusalén a Babilonia, con todos los grandes hombres de Judá y Jerusalén;
(بۇلارنى بولسا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھنى يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئېسىلزاد-ئەمىرلەر بىلەن تەڭ يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا ئۇ ئېلىپ كەتمىگەنىدى)
21 Porque esto es lo que el Señor de los ejércitos, el Dios de Israel, ha dicho acerca del resto de los vasos en la casa del Señor y en la casa del rey de Judá y en Jerusalén:
بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قالغان [قىممەتلىك] قاچا-قۇچىلار توغرۇلۇق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
22 Serán llevados a Babilonia, y allí estarán hasta el día en que les envíe su castigo, dice el Señor. Luego los tomaré y los pondré en su lugar.
ئۇلارمۇ بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار مەن ئۇلاردىن قايتىدىن خەۋەر ئالىدىغان كۈنگىچە شۇ يەردە تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار: ــ شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئېلىپ بۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن.

< Jeremías 27 >