< Proverbios 4 >

1 Oíd hijos la enseñanza del padre; y estád atentos, para que sepáis inteligencia.
ئى ئوغۇللار، ئاتاڭلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويساڭلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىسىلەر.
2 Porque os doy buen enseñamiento: no desamparéis mi ley.
چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىدىغانلىرىم ياخشى بىلىمدۇر، كۆرسەتمىلىرىمدىن ۋاز كەچمەڭلار.
3 Porque yo fui hijo de mi padre, delicado y único delante de mi madre:
چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ يۇمران بالىسى ئىدىم، ئانامنىڭ ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغلى ئىدىم،
4 Y enseñábame, y me decía: Sustente mis razones tu corazón: guarda mis mandamientos, y vivirás.
ئاتام ماڭا ئۆگىتىپ مۇنداق دېدى: ــ سۆزلىرىمنى ئېسىڭدە تۇت؛ كۆرسەتمىلىرىمگە رىئايە قىل، شۇنىڭ بىلەن ياشنايسەن.
5 Adquiere sabiduría, adquiere inteligencia: no te olvides, ni te apartes de las razones de mi boca.
دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما.
6 No la dejes, y ella te guardará; ámala, y conservarte ha.
[دانالىقتىن] ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى ساقلايدۇ؛ ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى قوغدايدۇ.
7 Primeramente sabiduría: adquiere sabiduría, y ante toda tu posesión adquiere inteligencia.
دانالىق ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر؛ شۇڭا دانالىقنى ئالغىن؛ بارلىقىڭنى سەرپ قىلىپ بولساڭمۇ، ئەقىل تاپقىن.
8 Engrandécela, y ella te engrandecerá; ella te honrará, cuando tú la hubieres abrazado.
[دانالىقنى] ئەزىزلىگىن، ئۇ سېنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلىغاندا، سېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ.
9 Dará a tu cabeza aumento de gracia: corona de hermosura te entregará.
بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەكتەك [ساڭا گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ]، ساڭا شۆھرەتلىك تاج ئىنئام قىلىدۇ.
10 Oye, hijo mío, y recibe mis razones; y multiplicársete han años de vida.
ئى ئوغلۇم، قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلغىن، شۇندا ئۆمرۈڭنىڭ يىللىرى كۆپ بولىدۇ.
11 Por el camino de la sabiduría te he encaminado; y por veredas derechas te he hecho andar.
مەن ساڭا دانالىق يولىنى ئۆگىتەي، سېنى دۇرۇسلۇق يوللىرىغا باشلاي.
12 Cuando por ellas anduvieres, no se estrecharán tus pasos; y si corrieres, no tropezarás.
ماڭغىنىڭدا قەدەملىرىڭ چەكلەنمەيدۇ، يۈگۈرسەڭ يىقىلىپ چۈشمەيسەن.
13 Ten asida la instrucción, no la dejes: guárdala, porque ella es tu vida.
ئالغان تەربىيەڭنى چىڭ تۇت، قولۇڭدىن كەتكۈزمىگىن؛ ئوبدان ساقلىغىن ئۇنى، چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر.
14 No entres por la vereda de los impíos: ni vayas por el camino de los malos:
يامان ئادەملەر ماڭغان يولغا كىرمە، رەزىللەرنىڭ ئىزىنى باسما.
15 Desampárala; no pases por ella: apártate de ella, y pasa.
ئۇلارنىڭ [يولىدىن] ئۆزۈڭنى قاچۇر، [يولىغا] يېقىن يولىما؛ ئۇنىڭدىن يانداپ ئۆتۈپ كەت، نېرى كەتكىن.
16 Porque no duermen, si no hicieren mal; y pierden su sueño, si no han hecho caer.
چۈنكى [يامانلار] بىرەر رەزىللىك قىلمىغۇچە ئۇخلىيالماس، بىرەرسىنى يىقىتمىغۇچە ئۇيقۇسى كەلمەس.
17 Porque comen pan de maldad, y beben vino de robos.
يامانلىق ئۇلارنىڭ ئوزۇقىدۇر، زوراۋانلىق ئۇلارنىڭ شارابىدۇر.
18 Mas la vereda de los justos es como la luz del lucero: auméntase, y alumbra hasta que el día es perfecto.
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ.
19 El camino de los impíos es como la oscuridad: no saben en qué tropiezan.
يامانلارنىڭ يولى زۇلمەت كېچىدەك قاپقاراڭغۇ، ئۇلار يىقىلىپ، نېمىگە پۇتلىشىپ كەتكىنىنى بىلمەيدۇ.
20 Hijo mío, está atento a mis palabras; y a mis razones inclina tu oreja:
ئى ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇب ئاڭلا، گەپلىرىمگە قۇلاق سال.
21 No se aparten de tus ojos: mas guárdalas en medio de tu corazón;
ئۇلارنى كۆزۈڭدە تۇتقىن، يۈرىكىڭنىڭ قېتىدا قەدىرلەپ ساقلىغىن.
22 Porque son vida a los que las hallan; y medicina a toda su carne.
چۈنكى سۆزلىرىم تاپقانلار ئۈچۈن ھاياتتۇر، ئۇلارنىڭ پۈتۈن تېنىگە سالامەتلىكتۇر.
23 Sobre toda cosa guardada, guarda tu corazón; porque de él mana la vida.
قەلبىڭنى «ھەممىدىن ئەزىز» دەپ ساپ تۇت، چۈنكى بارلىق ھايات ئىشلىرى قەلبتىن باشلىنىدۇ.
24 Aparta de ti la perversidad de la boca; y la iniquidad de labios aleja de ti.
ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن.
25 Tus ojos miren lo recto; y tus párpados enderecen tu camino delante de ti.
كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛
26 Pesa la vereda de tus pies; y todos tus caminos sean ordenados.
ماڭىدىغان يولۇڭنى ئوبدان ئويلانغىن، شۇنداق قىلساڭ ئىشلىرىڭ پۇختا بولىدۇ.
27 No te apartes a diestra, ni a siniestra: aparta tu pie del mal.
ئوڭغا، سولغا قايمىغىن؛ قەدەملىرىڭنى يامانلىق يولىدىن نېرى تارت.

< Proverbios 4 >