< Jeremías 26 >

1 En el principio del reino de Joacim, hijo de Josías, rey de Judá, fue esta palabra de Jehová, diciendo:
يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلنىڭ بېشىدا شۇ سۆز پەرۋەردىگاردىن كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Así dijo Jehová: Pónte en el patio de la casa de Jehová, y habla a todas las ciudades de Judá, que vienen para adorar en la casa de Jehová, todas las palabras que yo te mandé que les hablases: no detengas palabra.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن يەھۇدانىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىكىلەرگە مەن ساڭا بۇيرۇغان ھەربىر سۆزلەرنى جاكارلىغىن؛ ئەينەن ئېيتقىن!
3 Quizás oirán, y se tornarán cada uno de su mal camino; y arrepentirme he yo del mal que pienso hacerles, por la maldad de sus obras.
ئۇلار بەلكىم ئاڭلاپ قويار، ھەربىرى ئۆز رەزىل يولىدىن يانار؛ شۇنداق قىلسا، مەن قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرمەكچى بولغان نىيىتىمدىن يانىمەن.
4 Decirles has: Así dijo Jehová: Si no me oyereis para andar en mi ley, la cual di delante de vosotros,
سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالماي، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويغان تەۋرات-قانۇنۇمدا ماڭمىساڭلار،
5 Para oír a las palabras de mis siervos los profetas que yo os envío, madrugando y enviando, a los cuales no habéis oído:
مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەۋەتكەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىساڭلار (سىلەر ئۇلارغا ھېچ قۇلاق سالماي كەلگەنسىلەر!)،
6 Yo pondré esta casa como Silo, y daré esta ciudad en maldición a todas las naciones de la tierra.
ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن».
7 Y oyeron los sacerdotes, y los profetas, y todo el pueblo, a Jeremías hablar estas palabras en la casa de Jehová.
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق يەرەمىيانىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە جاكارلىغانلىقىنى ئاڭلىدى.
8 Y fue que acabando de hablar Jeremías todo lo que Jehová le había mandado que hablase a todo el pueblo, los sacerdotes, y los profetas, y todo el pueblo le echaron mano, diciendo: Muerte morirás.
شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا بارلىق خەلققە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا تاپىلىغان بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق خەلق ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: «سەن چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك!
9 ¿Por qué profetizaste en nombre de Jehová, diciendo: Esta casa será como Silo; y esta ciudad será asolada hasta no quedar morador? Y todo el pueblo se juntó contra Jeremías en la casa de Jehová.
سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى.
10 Y los príncipes de Judá oyeron estas cosas, y subieron de casa del rey a la casa de Jehová, y asentáronse en la entrada de la puerta nueva de Jehová.
يەھۇدا ئەمىرلىرى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى؛ ئۇلار پادىشاھلىق ئوردىسىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «يېڭى دەرۋازا»دا سوتقا ئولتۇردى.
11 Y hablaron los sacerdotes y los profetas a los príncipes, y a todo el pueblo, diciendo: En pena de muerte ha incurrido este hombre, porque profetizó contra esta ciudad, como vosotros habéis oído con vuestros oídos.
كاھىنلار ۋە پەيغەمبەرلەر ئەمىرلەرگە ۋە خەلققە سۆزلەپ: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق، چۈنكى سىلەر ئۆز قۇلاقلىرىڭلار بىلەن ئاڭلىغاندەك ئۇ مۇشۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەردى» ــ دېدى.
12 Y habló Jeremías a todos los príncipes, y a todo el pueblo, diciendo: Jehová me envió que profetizase contra esta casa, y contra esta ciudad, todas las palabras que habéis oído.
ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمىرلەرگە ۋە بارلىق خەلققە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار مېنى بۇ ئۆينى ئەيىبلەپ، بۇ شەھەرنى ئەيىبلەپ، سىلەر ئاڭلىغان بۇ بارلىق سۆزلەر بىلەن بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن.
13 Y ahora mejorád vuestros caminos, y vuestras obras, y oíd la voz de Jehová vuestro Dios; y arrepentirse ha Jehová del mal que ha hablado contra vosotros.
ھازىر يوللىرىڭلارنى ۋە قىلمىشىڭلارنى تۈزىتىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار! شۇنداق بولغاندا، پەرۋەردىگار سىلەرگە جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانىدۇ.
14 En lo que a mí toca, he aquí, estoy en vuestras manos, hacéd de mí como mejor y más recto os pareciere:
لېكىن مەن بولسام، مانا، قوللىرىڭلاردىمەن؛ ماڭا كۆزۈڭلەرگە نېمە ياخشى ۋە دۇرۇس كۆرۈلسە شۇنداق قىلىڭلار؛
15 Mas sabéd de cierto, que si me matareis, sangre inocente echaréis sobre vosotros, y sobre esta ciudad, y sobre sus moradores; porque, en verdad, Jehová me envió a vosotros, para que dijese todas estas palabras en vuestros oídos.
پەقەت شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلەر گۇناھسىز قاننىڭ جازاسىنى ئۆز بېشىڭلارغا، بۇ شەھەرگە ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىسىلەر؛ چۈنكى دېگىنىم ھەق، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇلاقلىرىڭلارغا دېيىشكە مېنى ئەۋەتكەن».
16 Y dijeron los príncipes y todo el pueblo a los sacerdotes y profetas: No ha incurrido este hombre en pena de muerte, porque en nombre de Jehová nuestro Dios ha hablado a nosotros.
ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق كاھىنلارغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىدا بىزگە سۆزلىدى» ــ دېدى.
17 Y levantáronse algunos de los ancianos de la tierra, y hablaron a toda la congregación del pueblo, diciendo:
ئاندىن زېمىندىكى بەزى ئاقساقاللار ئورنىدىن تۇرۇپ خەلق كېڭىشىگە مۇنداق دېدى: ــ
18 Miquéas de Morasti profetizó en tiempo de Ezequías, rey de Judá, y habló a todo el pueblo de Judá, diciendo: Así dijo Jehová de los ejércitos: Sión será arada como campo, y Jerusalem será montones, y el monte del templo en cumbres de bosque.
«مورەشەتلىك مىكاھ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە بارلىق يەھۇدا خەلقىگە بېشارەت بېرىپ: ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلەر بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلارلا بولىدۇ، خالاس» ــ دېگەنىدى.
19 ¿Matáronle luego Ezequías, rey de Judá, y todo Judá? ¿No temió a Jehová, y oró a la faz de Jehová, y Jehová se arrepintió del mal que había hablado contra ellos? ¿Y nosotros haremos tan grande mal contra nuestras almas?
يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز [بۇ يولدىن يانمىساق] ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟».
20 Hubo también un hombre que profetizaba en nombre de Jehová, Urías, hijo de Semeí, de Cariat-jarim, el cual profetizó contra esta ciudad, y contra esta tierra conforme a todas las palabras de Jeremías.
(پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يەرەمىيانىڭ بارلىق دېگەنلىرىدەك بۇ شەھەرنى ۋە بۇ زېمىننى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگەن، كىرىئات-يېئارىملىق شەمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم بار ئىدى.
21 Y oyó el rey Joacim, y todos sus valientes, y todos sus príncipes sus palabras, y el rey procuró de matarle: lo cual entendiendo Urías, tuvo temor, y huyó, y se metió en Egipto.
پادىشاھ يەھوئاكىم ۋە بارلىق پالۋانلىرى، بارلىق ئەمىرلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەن؛ لېكىن ئۇرىيا بۇنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ، مىسىرغا قاچتى.
22 Y el rey Joacim envió hombres en Egipto, a Elnatán, hijo de Acor, y otros hombres con él a Egipto,
لېكىن يەھوئاكىم چاپارمەنلەرنى، يەنى ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان ۋە باشقىلارنى مىسىرغا ئەۋەتكەن؛
23 Los cuales sacaron a Urías de Egipto, y le trajeron al rey Joacim, e hirióle a cuchillo, y echó su cuerpo en los sepulcros del vulgo.
ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ پادىشاھ يەھوئاكىمنىڭ ئالدىغا ئاپارغان؛ ئۇ ئۇنى قىلىچلاپ، جەسىتىنى پۇقرالارنىڭ گۆرلۈكىگە تاشلىۋەتكەن).
24 La mano empero de Ahicam, hijo de Safán, era con Jeremías, porque no le entregasen en las manos del pueblo para matarle.
ــ ھالبۇكى، شۇ چاغدا شافاننىڭ ئوغلى ئاھىكام ئۇلارنىڭ يەرەمىيانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قوللىدى.

< Jeremías 26 >