< Génesis 3 >

1 Empero la serpiente era astuta más que todos los animales del campo, que Jehová Dios había hecho: la cual dijo a la mujer: Cuanto más que Dios dijo: No comáis de todo árbol del huerto.
يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
2 Y la mujer respondió a la serpiente: Del fruto de los árboles del huerto comemos;
ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ.
3 Mas del fruto del árbol que está en medio del huerto dijo Dios; No comeréis de él, ni tocaréis en él, porque no muráis.
ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى.
4 Entonces la serpiente dijo a la mujer: No moriréis.
يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!
5 Mas sabe Dios, que en el día que comiereis de él, serán abiertos vuestros ojos; y seréis como dioses, sabiendo el bien y el mal.
بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى.
6 Y vio la mujer que el árbol era bueno para comer, y que era deseable a los ojos, y árbol de codicia para entender: y tomó de su fruto, y comió, y dio también a su marido, y comió con ella.
ئايال دەرەخنىڭ [مېۋىسىنىڭ] يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى.
7 Y fueron abiertos los ojos de ellos ambos, y conocieron que estaban desnudos: entonces cosieron hojas de higuera, e hiciéronse delantales.
يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى.
8 Y oyeron la voz de Jehová Dios, que se paseaba en el huerto al aire del día; y escondióse el hombre y su mujer de delante de Jehová Dios entre los árboles del huerto.
كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
9 Y llamó Jehová Dios al hombre, y díjole: ¿Dónde estás tú?
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى.
10 Y él respondió: Oí tu voz en el huerto, y tuve miedo; porque estaba desnudo: y escondíme.
ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى.
11 Y díjole: ¿Quién te enseñó, que estabas desnudo? ¿Has comido del árbol de que yo te mandé que no comieses?
[خۇدا] ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى.
12 Y el hombre respondió: La mujer que diste para estar conmigo, ella me dio del árbol, y comí.
ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى.
13 Entonces Jehová Dios dijo a la mujer: ¿Qué es esto que hiciste? Y dijo la mujer: La serpiente me engañó, y comí.
پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى.
14 Y Jehová Dios dijo a la serpiente: Porque hiciste esto, maldita serás más que todas las bestias, y que todos los animales del campo: sobre tu pecho andarás, y polvo comerás todos los días de tu vida.
پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن.
15 Y enemistad pondré entre ti y la mujer, y entre tu simiente y su simiente; esta te herirá en la cabeza, y tú le herirás en el calcañar.
ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن».
16 A la mujer dijo: Multiplicando multiplicaré tus dolores, y tus preñeces: con dolor parirás los hijos, y a tu marido será tu deseo, y él se enseñoreará de ti.
ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى.
17 Y al hombre dijo: Porque obedeciste a la voz de tu mujer, y comiste del árbol de que te mandé, diciendo: No comerás de él: Maldita será la tierra por amor de ti: con dolor comerás de ella todos los días de tu vida.
ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن.
18 Espinos y cardos te producirá, y comerás yerba del campo.
يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن.
19 En el sudor de tu rostro comerás el pan, hasta que vuelvas a la tierra, porque de ella fuiste tomado: Porque polvo eres, y al polvo serás tornado.
تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى.
20 Y llamó el hombre el nombre de su mujer, Eva: por cuanto ella era madre de todos los vivientes.
ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى.
21 Y Jehová Dios hizo al hombre y a su mujer túnicas de pieles, y vistiólos.
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى.
22 Y dijo Jehová Dios: He aquí, el hombre es como uno de nos, sabiendo el bien y el mal: ahora pues, porque no meta su mano, y tome también del árbol de la vida, y coma, y viva para siempre.
پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن [ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك]، دېدى.
23 Y sacóle Jehová del huerto de Edén, para que labrase la tierra, de que fue tomado.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى.
24 Y echó al hombre, y puso al oriente del huerto de Edén querubines, y una espada flamante que andaba alrededor, para guardar el camino del árbol de la vida.
ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى.

< Génesis 3 >