< Éxodo 35 >

1 E hizo juntar Moisés toda la congregación de los hijos de Israel, y díjoles: Estas son las cosas, que Jehová ha mandado que hagáis:
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمرلەر مۇنۇلاردۇر: ــ
2 Seis días se hará obra; mas el día séptimo os será santo, sábado de reposo a Jehová, cualquiera que hiciere en él obra, morirá.
ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك كۈنى بولسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى سىلەرگە نىسبەتەن مۇقەددەس بىر كۈن بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولسۇن. ھەركىم شۇ كۈنىدە ئىش-ئەمگەك قىلسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن.
3 No encenderéis fuego en todas vuestras moradas en el día del sábado.
شابات كۈنىدە بارلىق تۇرالغۇلىرىڭلاردا ھەرگىز ئوت قالىماڭلار، ــ دېدى.
4 Y habló Moisés a toda la congregación de los hijos de Israel, diciendo: Esto es lo que Jehová ha mandado, diciendo:
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئەمر مانا شۇكى: ــ
5 Tomád de entre vosotros ofrenda para Jehová: todo liberal de su corazón la traerá a Jehová, oro, plata, y metal,
ئۆزۈڭلارنىڭ ئاراڭلاردىن پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» كەلتۈرۈڭلار؛ كۆڭلى خالىغانلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىنى كەلتۈرسۇن: يەنى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس،
6 Y cárdeno, y púrpura, y carmesí, y lino fino, y pelos de cabras,
كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ، ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى،
7 Y cueros rojos de carneros, y cueros de tejones, y madera de cedro,
قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، دېلفىن تېرىسى، ئاكاتسىيە ياغىچى،
8 Y aceite para la luminaria, y especias aromáticas para el aceite de la unción, y para el perfume aromático,
چىراغدان ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» بىلەن خۇشبۇي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەر،
9 Y piedras de ónix, y las piedras de los engastes para el efod y para el pectoral.
ئەفودقا ھەم قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىق ۋە باشقا ياقۇتلارنى كەلتۈرۈڭلار».
10 Y todo sabio de corazón, que habrá entre vosotros, vendrán y harán todas las cosas que ha mandado Jehová:
ــ «ئاراڭلاردىكى بارلىق ماھىر ئۇستىلار كېلىپ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ياساپ بەرسۇن:
11 El tabernáculo, su tienda, y su cobertura, y sus sortijas, y sus tablas, sus barras, sus columnas, y sus basas;
ــ [مۇقەددەس] چېدىر بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى يوپۇقلىرىنى، ئىلغۇلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى،
12 El arca y sus barras, la cubierta, y el velo de la tienda;
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى،
13 La mesa y sus barras, y todos sus vasos, y el pan de la proposición;
شىرە ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى ۋە «تەقدىم نانلىرى»نى،
14 Y el candelero de la luminaria, y sus vasos, y sus candilejas, y el aceite de la luminaria;
يورۇقلۇق ئۈچۈن ياسالغان چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، ئۇنىڭ چىراغلىرى ۋە چىراغ مېيىنى،
15 Y el altar del perfume y sus barras, y el aceite de la unción, y el perfume aromático, y el pabellón de la puerta para la entrada del tabernáculo;
خۇشبۇيگاھ ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، دورا-دەرمەكلەردىن ئىشلەنگەن خۇشبۇينى، مۇقەددەس چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «ئىشىك پەردىسى»نى،
16 El altar del holocausto, y su criba de metal, y sus barras, y todos sus vasos, y la fuente, y su basa;
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، بالداقلىرىنى ۋە بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى،
17 Las cortinas del patio, sus columnas, y sus basas, y el pabellón de la puerta del patio;
ھويلىنىڭ پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىنى،
18 Las estacas del tabernáculo, y las estacas del patio, y sus cuerdas;
چېدىرنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، ھويلىنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق تانىلىرىنى،
19 Las vestiduras del servicio para ministrar en el santuario; es a saber, las santas vestiduras de Aarón el sacerdote, y las vestiduras de sus hijos para servir en el sacerdocio.
توقۇلىدىغان كىيىملەر، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىگە كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرىنى تەييار قىلسۇن».
20 Y salió toda la congregación de los hijos de Israel de delante de Moisés.
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسانىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى.
21 Y vino todo varón a quien su corazón levantó, y todo aquel a quien su espíritu le dio voluntad, y trajeron ofrenda a Jehová para la obra del tabernáculo del testimonio, y para toda su obra, y para las santas vestiduras.
ئاندىن كۆڭلى تارتقانلارنىڭ ھەربىرى، روھى ئۆزلىرىگە تۈرتكە بولغانلارنىڭ ھەربىرى كېلىپ، جامائەت چېدىرىنى ياساشقا، شۇنداقلا چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سەرەمجانلارنى ياساشقا ۋە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پۇلاڭلاتما ھەدىيە»نى كەلتۈرگىلى تۇردى.
22 Y vinieron así hombres como mujeres, todo voluntario de corazón, y trajeron ajorcas, y zarcillos, y anillos, y brazaletes, y toda joya de oro, y cualquiera ofrecía ofrenda de oro a Jehová.
ئۇلار ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كېلىپ، سۇنۇشقا كۆڭلى خۇش بولغانلارنىڭ ھەربىرى ھەدىيە كەلتۈرۈپ، بۇلاپكا، زىرە-ھالقا، ئۈزۈك، زۇننار-بىلەزۈك قاتارلىق ھەرخىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى؛ ئالتۇننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ بېرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى ئۇنى پەرۋەردىگارغا سۇندى.
23 Todo hombre que se hallaba con cárdeno, o púrpura, o carmesí, o lino fino, o pelos de cabras, o cueros rojos de carneros, o cueros de tejones, lo traía.
كىمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە دېلفىن تېرىسى بولسا، شۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى.
24 Cualquiera que ofrecía ofrenda de plata, o de metal, traía la ofrenda a Jehová: y todo hombre que se hallaba con madera de cedro, la traía para toda la obra del servicio.
كۈمۈش يا مىستىن كۆتۈرمە ھەدىيە كەلتۈرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى شۇنى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ سۇندى. كىمدە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سەرەمجانلارغا يارىغۇدەك ئاكاتسىيە ياغىچى بولسا، ئۇنى ئېلىپ كەلدى.
25 Ítem, todas las mujeres sabias de corazón hilaban de sus manos, y traían lo que habían hilado, cárdeno, o púrpura, o carmesí, o lino fino.
قولى چېۋەر ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېگىرىپ، شۇ ئېگىرگەن يىپ ۋە رەختلەرنى، يەنى كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەختلەرنى كەلتۈردى،
26 Y todas las mujeres, cuyo corazón las levantó en sabiduría, hilaron pelos de cabras.
شۇنىڭدەك كۆڭلى قوزغالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى.
27 Y los príncipes trajeron las piedras de ónix, y las piedras de los engastes para el efod, y el pectoral;
ئەمىرلەر ئەفود ۋە قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىقلار ۋە ياقۇتلارنى،
28 Y la especia aromática, y aceite para la luminaria, y para el aceite de la unción, y para el perfume aromático.
دورا-دەرمەكلەرنى، چىراغقا ۋە مەسىھلەش مېيىغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن مېيىنى، خۇشبۇيغا ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەرنى كەلتۈردى.
29 Todo hombre y mujer que tuvieron corazón voluntario para traer para toda la obra que Jehová había mandado por Moisés que hiciesen, trajeron los hijos de Israel ofrenda voluntaria a Jehová.
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەرقايسىغا بىر نەرسە بېرىشكە كۆڭلى تارتقان بولسا، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەربىرى شۇنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىختىيارىي ھەدىيە بەردى.
30 Y dijo Moisés a los hijos de Israel: Mirád, Jehová ha llamado por su nombre a Beseleel, hijo de Uri, hijo de Jur, de la tribu de Judá.
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىپ،
31 Y lo ha henchido de Espíritu de Dios, en sabiduría, en inteligencia, y en ciencia, y en todo artificio;
ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ،
32 Para inventar invenciones para obrar en oro, y en plata, y en metal;
ئۇنى تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان ــ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان،
33 Y en obra de pedrería para engastar, y en obra de madera, para obrar en toda obra de invención:
ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدى.
34 Y ha puesto en su corazón para que pueda enseñar él y Ooliab, hijo de Aquisamec, de la tribu de Dan.
ئۇ يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىگە، شۇنىڭدەك ھەم دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭ كۆڭلىگە [باشقىلارغا] ھۈنەر ئۆگىتىش نىيەت-ئىستىكىنى سېلىپ،
35 Y los ha henchido de sabiduría de corazón para que hagan toda obra de artificio, y de invención, y de recamado, en cárdeno, y en púrpura, y en carmesí, y en lino fino, y en telar, para que hagan toda obra, e inventen toda invención.
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى دانالىق-ھېكمەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرخىل نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر قىلىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت بىلەن كەشتىچىلىك قىلىشقا ھەمدە باپكارلىققا ئىقتىدارلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەرخىل لايىھىلەش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدى.

< Éxodo 35 >