< Isaías 53 >

1 ¿Ha creído alguien en nuestras noticias? ¿A quién ha mostrado el Señor su poder?
بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟
2 Como un brote joven creció ante él, como una raíz que surge de la tierra seca. No tenía belleza ni gloria para que nos fijáramos en él; nada en su aspecto nos atraía.
ئۇ بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ.
3 La gente lo despreciaba y lo rechazaba. Era un hombre que realmente sufría y que experimentaba el dolor más profundo. Le tratamos como a alguien a quien se le da la espalda con asco: le despreciamos y no le respetamos.
ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ؛ ئۇ كۆپ دەرد-ئەلەملىك ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭغا ئازاب-ئوقۇبەت يار بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن يۈزلەر قاچۇرۇلىدۇ؛ ئۇ كەمسىتىلىدۇ، بىز ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس دەپ ھېسابلىدۇق.
4 Sin embargo, era él quien cargaba con nuestras debilidades, estaba cargado con nuestro dolor, pero suponíamos que estaba siendo golpeado, vencido y humillado por Dios.
بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى كۆتۈردى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بىز بولساق، بۇ ئىشلارنى ئۇ ۋاباغا ئۇچرىغانلىقىدىن، خۇدا تەرىپىدىن جازالىنىپ ئۇرۇلغانلىقىدىن، شۇنداقلا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىدىن دەپ قارىدۇق!
5 Pero fue herido por nuestros actos rebeldes, fue aplastado por nuestra culpa. Experimentó la disciplina que nos trae la paz, y sus heridas nos curan.
لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئاسىيلىقلىرىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن زەخىملەندى؛ ئۇنىڭ جازالىنىش بەدىلىگە، بىز ئارام-خاتىرجەملىك تاپتۇق، ھەم قامچىدىن بولغان يارىلىرى ئارقىلىق بىز شىپامۇ تاپتۇق.
6 Todos nosotros nos hemos extraviado, como ovejas. Cada uno de nosotros ha seguido su propio camino, y el Señor permitió que toda nuestra culpa cayera sobre él.
ھەممىمىز خۇددى قويلاردەك يولدىن ئېزىپ، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز خالىغان يولغا ماڭغانىدۇق؛ بىراق پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىغىپ يۈكلىدى.
7 Fue perseguido y maltratado, pero no dijo nada. Fue llevado como un cordero a la muerte, y del mismo modo que una oveja a punto de ser esquilada guarda silencio, él no dijo ni una palabra.
ئۇ قىينىلىپ، ئازاب چەككەن بولسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى؛ ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان پاقلاندەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، شۇنداقلا يۇڭ قىرقىغۇچىلار ئالدىدا قوي ئۈن-تىنسىز ياتقاندەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى.
8 Por la fuerza y una sentencia de muerte fue asesinado —¿a quién le importaba lo que le ocurriera? Lo ejecutaron, lo sacaron de la tierra de los vivos; lo mataron por la maldad de mi pueblo.
ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى.
9 Lo enterraron como si fuera un malvado, dándole una tumba entre los ricos, aunque no había hecho nada malo ni había dicho ninguna mentira.
كىشىلەر ئۇنى رەزىللەر بىلەن ئورتاق بىر گۆرگە بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆلۈمىدە بىر باي بىلەن بىللە بولدى، چۈنكى ئۇ ھېچقاچان زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز تېپىلماس.
10 Sin embargo, la voluntad del Señor era que fuera aplastado y que sufriera, porque cuando dé su vida como ofrenda por la culpa, verá a sus descendientes, tendrá una larga vida, y lo que el Señor quiere se logrará a través de él.
بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
11 Después de su sufrimiento, verá los resultados y quedará satisfecho. A través de su conocimiento, mi siervo que hace lo que es correcto, enderezará a muchos, y cargará con sus pecados.
ئۇ ئۆزى تارتقان جاپانىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەققانىي بولغۇچى مېنىڭ قۇلۇم ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەققانىيلىقنى يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ.
12 Por eso le concederé un lugar entre los grandes y le daré el premio de los vencedores, porque derramó su vida en la muerte y fue contado como uno de los rebeldes. Tomó sobre sí los pecados de muchos y pidió perdón por los rebeldes.
بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى».

< Isaías 53 >