< Книга пророка Исаии 17 >

1 Се, Дамаск возмется от градов и будет в падение.
دەمەشق توغرۇلۇق يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ مانا، دەمەشق شەھەر بولۇپ تۇرۇۋەرمەي، ناھايىتى بىر دۆۋە خارابىلىققا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
2 Оставлен в век, в ложе стадам и в покой, и не будет отгоняяй.
ئاروئەردىكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز بولۇپ، قوي پادىلىرىغا قالدۇرۇلىدۇ، ئۇلار تىنچ-ئامان ياتىدۇ، ئۇلارنى قورقۇتقۇدەك ھېچبىر ئادەممۇ كۆرۈنمەيدۇ.
3 И ксему не будет укреплен, еже вбегнути тамо Ефрему: и ксему не будет царство в Дамасце, и останок Сирян погибнет: неси бо ты лучший от сынов Израилевых и славы их: сия глаголет Господь Саваоф.
ئەفرائىمدا بولسا، قورغانلىق شەھەرلەر يوقىلىدۇ، دەمەشقنىڭ شاھانە ھوقۇقى، سۇرىيەنىڭ قالدۇقلىرى يوقىلىدۇ؛ ئۇلار «ئىسرائىلنىڭ شۆھرىتى»دەك يوق بولىدۇ. ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
4 Будет в той день помрачение славы Иаковли, и тучная славы его потрясутся.
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ياقۇپنىڭ شۆھرىتى سۇسلىشىپ، تېنىدىكى سېمىز ئەتلەر سىزىپ كېتىدۇ.
5 И будет, якоже аще кто собирает жатву стоящую, и семя класов пожинает: и будет, якоже аще кто собирает класы в дебри Тверде.
ئۇلارنىڭ ھالى بولسا ئورمىچى بۇغداي ئورغاندىن كېيىن، يەنى بىلىكى بىلەن يىغىپ ئورغاندىن كېيىن، ھەتتا رەفايىم جىلغىسىدا ئادەملەر باشاقلارنى تەرگەندىن كېيىنكى ھالەتكە ئوخشاش، [قالغىنى يوق دېيەرلىك بولىدۇ]؛
6 И останется в ней стеблие, или аки зерна маслична две или три на версе высоце, или четыре или пять на ветвии ея останут: сия глаголет Господь Бог Израилев.
ھالبۇكى، يەنە ئازراق تەرگۈدەك باشاق، زەيتۇن دەرىخى سىلكىنگەندىن كېيىن، ئەڭ ئۇچىدا ئىككى-ئۈچ تال مېۋە، كۆپ مېۋىلىگەن شاخلىرىدا تۆت-بەش تال مېۋە قالدۇرۇلىدۇ، ــ دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار.
7 В той день уповая будет человек на Сотворшаго и, и очи его ко Святому Израилеву воззрят,
ــ شۇ كۈنى ئىنسان بولسا ياراتقۇچىسىغا نەزىرىنى تىكىدۇ، كۆزى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىدا بولىدۇ.
8 и не будут уповающе на требища, ниже на дела рук своих, яже сотвориша персты их, и не будут смотрити на Дубравы, ниже на мерзости их.
ئۇلار ئۆز قۇربانگاھلىرىغا، يەنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىغا، ياكى بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە ھېچ قارىمايدۇ، نە «ئاشەراھ»لارغا نە «كۈن تۈۋرۈكلىرى»گە ھېچ ئۈمىد باغلىمايدۇ.
9 В той день будут гради твои оставлени, якоже оставиша Аморрее и Евее от лица сынов Израилевых: и будут пусти,
شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ قورغانلىق شەھەرلىرى، ئەسلىدىكى ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا چاتقاللىققا ۋە تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرۇلغان خارابە شەھەرلەردەك، ھەممىسى ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ.
10 зане оставил еси Бога спаса твоего и Господа помощника твоего не помянул еси: сего ради насадиши сад неверен и семя неверно.
چۈنكى نىجاتىڭ بولغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭ، كۈچۈڭ بولغان «قورام تاش بولغۇچى»نى ئەسلىمىدىڭ؛ شۇڭا سەن «سەرخىل» ئۆسۈملۈكلەرنى تىكىپ قويغىنىڭ بىلەن، ۋە ياقا يۇرتتىكى ئۈزۈم تاللىرىنى تىككىنىڭ بىلەن،
11 В оньже бо день аще насадиши, прельстишися: а еже аще заутра посееши, то процветет на жатву, во оньже день наследиши, и аки отец человечь наследие даси сыном твоим.
ئۇلارنى تىككەن كۈنىلا ياشارتقىنىڭ بىلەن، تىككەن ئەتىسىلا ئۇلارنى چېچەكلەتكىنىڭ بىلەن، ھوسۇلىغا ئېرىشكەن كۈنىدە، ئۇ پەقەت بىر پاتمان داۋالىغۇسىز قايغۇ-ھەسرەت بولىدۇ، خالاس!
12 О, люте множеству языков многих! Аки море волнующееся, тако смятетеся, и хребет языков многих яко вода возшумит:
ھەي! كۆپ خەلقلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى! ئۇلار دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۇرغۇتۇپ دولقۇنلاردەك شاۋقۇنلارنى كۆتۈرىدۇ، ئاھ، ئەللەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى! دولقۇنلانغان كۈچلۈك سۇلاردەك ئۇلار قاينام-تاشقىنلارنى كۆتۈرىدۇ.
13 аки вода многа языцы мнози, аки (шум) воды многия нуждею носимыя: и отвержет его и далече поженет его, аки прах плевный веющих противу ветра, и яко прах колесный буря возносящая.
ئەللەر ئۇلۇغ سۇلارنىڭ قاينام-تاشقىنلىرىدەك دولقۇنلىنىپ كېتىدۇ؛ بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىشى بىلەنلا، ئۇلار يىراققا بەدەر قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار تاغدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭ توپا-توپانلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىلگەندەك، قارا قۇيۇن ئالدىدا چاڭ-توزاڭلار قۇيۇن بولغاندەك ھەيدىۋېتىلىدۇ!
14 К вечеру, и будет плачь: прежде заутрия, и не будет: сия часть пленивших ны, и жребий наследивших нас.
كەچتە ــ ۋەھىمە! تاڭ سەھەردە ــ يوق بىراق! مانا بىزنى بۇلاپ كەتكەنلەرنىڭ نېسىۋىسى، بىزدىن ئولجا-غەنىيمەت ئېلىۋالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر!

< Книга пророка Исаии 17 >