< Бытие 48 >

1 Бысть же по глаголех сих, и поведано бысть Иосифу, яко отец твой изнемогает: и поим два сына своя, Манассию и Ефрема, прииде ко Иакову.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى.
2 Поведаша же Иакову, глаголюще: се, сын твой Иосиф грядет к тебе. И укрепився Израиль седе на одре,
بىرسى ياقۇپقا: ــ مانا ئوغلۇڭ يۈسۈپ قېشىڭغا كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىۋىدى، ئىسرائىل كۈچەپ قوپۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردى.
3 и рече Иаков ко Иосифу: Бог мой явися мне в Лузе, в земли Ханаани, и благослови мя
ياقۇپ يۈسۈپكە: ــ ھەممىگە قادىر تەڭرى ماڭا قانائان زېمىنىدىكى لۇز دېگەن جايدا ئايان بولۇپ، مېنى بەرىكەتلەپ
4 и рече ми: се, Аз возращу тя и умножу тя, и сотворю тя в собрания языков: и дам ти землю сию и семени твоему по тебе во одержание вечное.
ماڭا: مانا، مەن سېنىڭ نەسلىڭنى كۆپەيتىپ، سېنى ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن، سەندىن بىر تۈركۈم خەلق چىقىرىمەن؛ بۇ زېمىننى سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە ئەبەدىي مىراس قىلىپ بېرىمەن، دەپ ئېيتقانىدى.
5 Ныне убо два сына твоя, иже быша тебе в земли Египетстей прежде пришествия моего к тебе во Египет, мои суть: Ефрем и Манассиа, аки Рувим и Симеон будут мне:
ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ.
6 сыны же, яже аще родиши по сих, будут тебе: во имя братии своея призовутся ко жребиям оных:
ئۇلاردىن كېيىن تاپقان بالىلىرىڭ ئۆزۈڭنىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسقا ئېرىشكەندە ئاكىلىرىنىڭ نامى ئاستىدا بولىدۇ.
7 аз же егда идях от Месопотамии Сирския, умре Рахиль мати твоя в земли Ханаани, приближающуся ми ко ипподрому Хаврафы земли, еже приити во Ефрафу: и погребох ю на пути ипподрома: сей есть Вифлеем.
ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى.
8 Видев же Израиль сыны Иосифовы, рече: что тебе сии?
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا قاراپ: ــ بۇلار كىمدۇر، ــ دەپ سورىدى.
9 Рече же Иосиф отцу своему: сынове мои суть, яже даде ми Бог зде. И рече Иаков: приведи ми я, да благословлю их.
يۈسۈپ ئاتىسىغا جاۋابەن: ــ بۇلار بولسا خۇدا ماڭا بۇ يەردە بەرگەن ئوغۇللىرىمدۇر، ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۇلارنى ئالدىمغا يېقىن كەلتۈرگىن، مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەي، ــ دېدى.
10 Очи же Израилю тяжко видеста от старости, и не можаше видети: и приближи их к нему, и лобза их, и объят я.
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقىدىن غۇۋالىشىپ [ياخشى] كۆرەلمەيتتى. شۇڭا يۈسۈپ ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنراق كەلتۈردى؛ ئۇ ئۇلارنى سۆيۈپ قۇچاقلىدى.
11 И рече Израиль ко Иосифу: се, лица твоего не лишихся, и се, показа ми Бог и семя твое.
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرەلەيمەن دەپ ھېچ ئويلىمىغانىدىم؛ لېكىن خۇدا مېنى سېنىڭ بالىلىرىڭنىمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى، ــ دېدى.
12 И отведе их Иосиф от колен его, и поклонишася ему лицем до земли.
يۈسۈپ بالىلارنى [ياقۇپنىڭ] تىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىن ئېلىپ، يۈزىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى.
13 Поим же Иосиф два сына своя, Ефрема в десницу, прямо левицы Израиля, Манассию же в левую, прямо десницы Израилевы, приближи их к нему.
ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى.
14 Простер же Израиль руку десную, возложи на главу Ефремлю, сей же бяше менший, а левую на главу Манассиину, пременив руце,
لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى.
15 и благослови я и рече: Бог, Емуже благоугодиша отцы мои пред ним, Авраам и Исаак, Бог, Иже питает мя измлада даже до дне сего,
ئۇ يۈسۈپكە بەخت-بەرىكەت تىلەپ: ــ ئاتىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق خۇدا دەپ بىلىپ يۈزى ئالدىدا ماڭغان، مېنى پۈتكۈل ئۆمرۈمدە بۇ كۈنگىچە پادىچىدەك يېتەكلەپ بېقىپ كەلگەن خۇدا،
16 Ангел, иже мя избавляет от всех зол, да благословит детища сия, и прозовется в них имя мое, и имя отец моих, Авраама и Исаака, и да умножатся во множество многое на земли.
ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى.
17 Видев же Иосиф, яко возложи отец его руку десную свою на главу Ефремлю, тяжко ему явися: и прия Иосиф руку отца своего отяти ю от главы Ефремли на главу Манассиину,
يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ،
18 и рече Иосиф отцу своему: не тако, отче: сей бо (есть) первенец, возложи руку десную твою на главу его.
ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى.
19 И не хотяше, но рече: вем, чадо, вем: и сей будет в люди, и сей вознесется: но брат его менший болий его будет, и семя его будет во множество языков.
لېكىن ئاتىسى رەت قىلىپ: ــ بىلىمەن، ئى ئوغلۇم، بىلىمەن؛ ئۇنىڭدىنمۇ بىر قوۋم چىقىپ، ئۆزىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئەمما دەرھەقىقەت ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ نەسلىدىن ناھايىتى كۆپ قوۋملار پەيدا بولىدۇ، ــ دېدى.
20 И благослови я в том дни, глаголя: в вас благословится Израиль, глаголюще: да сотворит тя Бог якоже Ефрема и яко Манассию. И постави Ефрема вышше Манассии.
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى.
21 Рече же Израиль Иосифу: се, аз умираю, и будет Бог с вами, и возвратит вас от земли сея на землю отец ваших:
ئاندىن ئىسرائىل يۈسۈپكە يەنە: ــ مانا، مەن ئۆلىمەن؛ لېكىن خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ بارىدۇ.
22 аз же даю ти Сикиму избранную свыше братии твоея, юже взях из руки Аморрейски мечем моим и луком.
مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭنىڭكىدىن بىر ئۈلۈش يەرنى ئارتۇق بەردىم؛ شۇ يەرنى ئۆزۈم قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن ئامورىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدىم.

< Бытие 48 >