< Деяния святых апостолов 11 >

1 Слышаша же Апостоли и братия сущии во Иудеи, яко и языцы прияша слово Божие.
روسۇللار ۋە پۈتكۈل يەھۇدىيەدىكى باشقا قېرىنداشلار [يات] ئەللىكلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى.
2 И егда взыде Петр во Иерусалим, препирахуся с ним иже от обрезания,
شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، خەتنىلىك بولغان [ئىشەنگۈچىلەر] ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇپ:
3 глаголюще, яко к мужем обрезания не имущым вшел еси и ял еси с ними.
ــ سەن خەتنە قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدۇڭ؟! ــ دېدى.
4 Начен же Петр, сказоваше им поряду, глаголя:
بىراق پېترۇس پۈتۈن ئىشنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ
5 аз бех во граде Июппийстем моляся и видех во ужасе видение, сходящь сосуд некий, яко плащаницу велию, от четырех краев низпущаему с небесе, и прииде даже до мене:
مۇنداق دېدى: ــ يوپپا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، غايىبانە كۆرۈنۈش مېنى ئورىۋېلىپ، بىر ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختىدى.
6 в нюже воззрев смотрях, и видех четвероногая земная и звери и гады и птицы небесныя.
ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىسام، ئىچىدە ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىكەن.
7 Слышах же глас глаголющь мне: востав, Петре, заколи и яждь.
ئاندىن: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
8 Рех же: никакоже, Господи, яко всяко скверно или нечисто николиже вниде во уста моя.
مەن: «ياق رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم.
9 Отвеща же ми глас вторицею с небесе глаголющь: яже Бог очистил есть, ты не скверни.
بىراق ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دەپ پاكلىغان نەرسىنى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
10 Сие же бысть трижды: и паки взяшася вся на небо.
بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسمانغا قايتىدىن تارتىپ كېتىلدى.
11 И се, абие трие мужие сташа пред храминою, в нейже бех, послани от Кесарии ко мне.
مانا دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيەدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى.
12 Рече же ми Дух ити с ними, ничтоже разсуждая: приидоша же со мною и шесть братия сии, и внидохом в дом мужа.
مۇقەددەس روھ مېنى ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. مۇشۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. [قەيسەرىيەگە يېتىپ كېلىپ]، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.
13 И возвести нам, како виде Ангела (свята) в дому своем, ставша и рекша ему: посли во Июппию мужы и призови Симона, нарицаемаго Петра,
بۇ كىشى بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولۇپ تۇرغان بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل،
14 иже речет глаголы к тебе, в нихже спасешися ты и весь дом твой.
ئۇ ساڭا سېنى ۋە پۈتكۈل ئائىلەڭگە نىجاتلىق يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن.
15 Внегда же начах глаголати, нападе Дух Святый на них, якоже и на ны в начале.
مەن گەپنى باشلىغىنىمدا، مۇقەددەس روھ خۇددى باشتا بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى.
16 Помянух же глаголгол Господень, якоже глаголаше: Иоанн убо крестил есть водою, вы же имате креститися Духом Святым.
شۇ چاغدا، رەبنىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى: «يەھيا كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم.
17 Аще убо равен дар даде им Бог, якоже и нам веровавшым в Господа нашего Иисуса Христа, аз же кто бех могий возбранити Бога?
شۇڭا، ئەگەر خۇدا ئەمدى مۇشۇلارغا بىز رەب ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىمىزدىن كېيىن بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتقا ئوخشاش ئىلتىپات ئاتا قىلغان بولسا، خۇدانى توسالغۇدەك مەن زادى كىم ئىدىم؟
18 Слышавше же сия умолкоша и славляху Бога, глаголюще: убо и языком Бог покаяние даде в живот.
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئەيىبلەشتىن توختاپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: ــ بەرھەق، خۇدا ئەللەرگىمۇ ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان توۋا قىلىشنى نېسىپ قىلىپتۇ! ــ دېيىشتى.
19 Разсеявшиися убо от скорби, бывшия при Стефане, проидоша даже до Финикии и Кипра и Антиохии, ни единому же глаголюще слово, токмо Иудеем.
ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئىشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەنلەر فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە ئانتاكيا شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ بېرىپ، بۇ جايلاردا سۆز-كالامنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى.
20 Бяху же нецыи от них мужие Кипрстии и Киринейстии, иже, вшедше во Антиохию, глаголаху к Еллином, благовествующе Господа Иисуса.
لېكىن ئۇلاردىن سىپرۇس ئارىلى ۋە كۇرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزىلەر ئانتاكيا شەھىرىگە بارغاندا، رەب ئەيسانىڭ خۇش خەۋىرىنى گرېكلەرگىمۇ يەتكۈزدى.
21 И бе рука Господня с ними: многое же число веровавше обратишася ко Господу.
رەبنىڭ قولى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، تولىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىپ توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.
22 Слышано же бысть слово о них во ушию церкве сущия во Иерусалиме, и послаша Варнаву преити даже до Антиохии:
بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى جامائەتنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بارناباسنى ئانتاكياغىچە ئارىلاپ ئۆتۈشكە ئەۋەتتى.
23 иже пришед и видев благодать Божию, возрадовася и моляше всех изволением сердца терпети о Господе:
بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.
24 яко бе муж благ и исполнь Духа Свята и веры. И приложися народ мног Господеви.
چۈنكى ئۇ مۇقەددەس روھقا ۋە ئىمان-ئىشەنچكە تولدۇرۇلغان بولۇپ، ياخشى بىر ئادەم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زور بىر توپ ئادەملەر رەبگە قوشۇلدى.
25 Изыде же Варнава в Тарс взыскати Савла, и обрет его, приведе его во Антиохию:
شۇنىڭ بىلەن بارناباس تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ باردى.
26 бысть же им лето цело собиратися в церкви и учити народ мног, нарещи же прежде во Антиохии ученики Христианы.
ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى؛ شۇنداق بولدىكى، ئىككىيلەن جامائەت بىلەن بىللە ساق بىر يىل يىغىلىپ، نۇرغۇن ئادەمگە تەلىم بەردى. مۇخلىسلارنىڭ «خرىستىئانلار» دەپ تۇنجى ئاتىلىشى ئانتاكيادىن باشلاندى.
27 В тыя же дни снидоша от Иерусалима пророцы во Антиохию:
ئۇ كۈنلەردە بەزى پەيغەمبەرلەر يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا چۈشۈپ كەلدى.
28 востав же един от них, именем Агав, назнаменаше Духом глад велик хотящь быти по всей вселенней, иже и бысть при Клавдии кесари:
بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، روھنىڭ ۋەھىيىنى يەتكۈزۈپ، قاتتىق بىر ئاچارچىلىقنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى باسىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە «كلاۋدىيۇس قەيسەر» ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتا يۈز بەردى).
29 от ученик же, по елику кто имеяше что, изволиша кийждо их на службу послати живущым во Иудеи братиям,
بۇنىڭ بىلەن [ئانتاكيادىكى] مۇخلىسلارنىڭ ھەربىرى ئۆز قۇربىغا قاراپ پۇل يىغىپ، يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
30 еже и сотвориша, пославше к старцем рукою Варнавлею и Савлею.
ئۇلار بۇ قارارنى ئادا قىلىپ، ئىئانىنى بارناباس ۋە سائۇلنىڭ قولى ئارقىلىق [يەھۇدىيەدىكى جامائەت] ئاقساقاللىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى.

< Деяния святых апостолов 11 >