< Приче Соломонове 15 >

1 Одговор благ утишава гнев, а реч прека подиже срдњу.
مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار.
2 Језик мудрих људи украшава знање, а уста безумних просипају безумље.
ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر.
3 Очи су Господње на сваком месту гледајући зле и добре.
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار.
4 Здрав је језик дрво животно, а опачина с њега кршење од ветра.
شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار.
5 Луд се руга наставом оца свог; а ко прима укор бива паметан.
ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار.
6 У кући праведниковој има много блага; а у дохотку је безбожниковом расап.
ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار.
7 Усне мудрих људи сеју знање, а срце безумничко не чини тако.
دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛ ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس.
8 Жртва је безбожничка гад Господу, а молитва праведних угодна Му је.
يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.
9 Гад је Господу пут безбожников; а ко иде за правдом, њега љуби.
يامانلارنىڭ يولى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن ھەققانىيەتنى ئىنتىلىپ ئىزدىگۈچىنى ئۇ ياخشى كۆرەر.
10 Карање је зло ономе ко оставља пут; који мрзи на укор, умреће.
توغرا يولدىن چىققانلار ئازابلىق تەربىيىنى كۆرەر؛ تەنبىھگە ئۆچ بولغۇچى ئۆلەر.
11 Пакао је и погибао пред Господом, а камоли срца синова човечијих. (Sheol h7585)
تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟! (Sheol h7585)
12 Подсмевач не љуби оног ко га кори, нити иде к мудрима.
ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس.
13 Весело срце весели лице, а жалост у срцу обара дух.
كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار.
14 Срце разумно тражи знање, а уста безумних људи наслађују се безумљем.
يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار.
15 Сви су дани невољникови зли; а ко је веселог срца, на гозби је једнако.
ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر.
16 Боље је мало са страхом Господњим него велико благо с немиром.
زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن، ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل.
17 Боље је јело од зеља где је љубав него од вола угојена где је мржња.
نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل.
18 Човек гневљив замеће распру; а ко је спор на гнев, утишава свађу.
تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار.
19 Пут је лењога као ограда од трња, а стаза је праведних насута.
ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر، دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر.
20 Мудар је син радост оцу, а човек безуман презире матер своју.
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر.
21 Безумље је радост безумнику, а разуман човек ходи право.
ئەقلى يوق كىشى ئەخمەقلىقى بىلەن خۇشتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى يولىنى توغرىلاپ ماڭار.
22 Намере се расипају кад нема савета, а тврдо стоје где је много саветника.
مەسلىھەتسىز ئىش قىلغاندا نىشانلار ئەمەلگە ئاشماس؛ مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا مۇددىئالار ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
23 Радује се човек одговором уста својих, и реч у време како је добра!
كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!
24 Пут к животу иде горе разумноме да се сачува од пакла одоздо. (Sheol h7585)
ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى، ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار. (Sheol h7585)
25 Господ раскопава кућу поноситима, а међу удовици утврђује.
پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار.
26 Мрске су Господу мисли зле, а беседе чистих миле су.
يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر.
27 Лакомац затире своју кућу, а ко мрзи на поклоне жив ће бити.
ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر.
28 Срце праведниково премишља шта ће говорити, а уста безбожничка ригају зло.
ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.
29 Далеко је Господ од безбожних, а молитву праведних чује.
پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛ بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار.
30 Вид очни весели срце, добар глас гоји кости.
خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛ خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش-ماي قوندۇرار.
31 Ухо које слуша карање животно наставаће међу мудрима.
ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغان كىشى دانالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالار.
32 Ко одбацује наставу, не мари за душу своју; а ко слуша карање, бива разуман.
تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛ تەنبىھگە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار.
33 Страх је Господњи настава к мудрости, и пре славе иде смерност.
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر.

< Приче Соломонове 15 >