< 1 Samuelova 2 >

1 I Ana se pomoli i reèe: razveseli se srce moje u Gospodu; podiže se rog moj u Gospodu; otvoriše se usta moja na neprijatelje moje, jer sam radosna radi spasenja tvojega.
ھانناھ دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قەلبىم پەرۋەردىگار بىلەن يايرايدۇ، مېنىڭ مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى؛ ئاغزىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىكتە ئېچىلدى؛ چۈنكى سېنىڭ نىجاتىڭدىن شادلىنىمەن.
2 Nema svetoga kao što je Gospod; jer nema drugoga osim tebe; i nema stijene kao što je Bog naš.
پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس بولغۇچى يوقتۇر؛ چۈنكى سەندىن باشقا ھېچ كىم يوق، خۇدايىمىزدەك ھېچ ئۇيۇلتاش يوقتۇر.
3 Ne govorite više ponosito, i neka ne izlaze iz usta vaših rijeèi ohole; jer je Gospod Bog koji sve zna, i on udešava namjere.
ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار، يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم-ھىدايەتكە ئىگە خۇدادۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ.
4 Luk junacima slomi se, i iznemogli opasaše se snagom.
پالۋانلارنىڭ ئوق-يالىرى سۇندۇرىلدى؛ لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلغانلارنىڭ بېلى بولسا قۇدرەت بىلەن باغلاندى.
5 Koji bijahu siti, naimaju se za hljeb; a koji bijahu gladni, nijesu više; i nerotkinja rodi sedmoro, a koja imaše djece, iznemože.
قورسىقى توق بولغانلار نان تېپىش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانمىلىققا بەردى؛ لېكىن ئاچ قالغانلار ھازىر ئاچ قالمىدى؛ ھەتتا تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغىدۇ؛ لېكىن كۆپ بالىلىق بولغان سولىشىپ كېتىدۇ.
6 Gospod ubija, i oživljuje; spušta u grob, i izvlaèi. (Sheol h7585)
پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ھايات بېرىدۇ؛ ئۇ ئادەمنى تەھتىساراغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ يەردىن يەنە تۇرغۇزىدۇ؛ (Sheol h7585)
7 Gospod siromaši, i bogati; ponižuje, i uzvišuje.
پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ.
8 Siromaha podiže iz praha, i iz bunjišta uzvišuje ubogoga da ga posadi s knezovima, i daje im da naslijede prijesto slave; jer su Gospodnji temelji zemaljski, i na njima je osnovao vasiljenu.
ئۇ ئۆزى مىسكىننى توپىدىن قوپۇرىدۇ، قىغلىقتىن يوقسۇلنى كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر ئارىسىدا تەڭ ئولتۇرغۇزىدۇ؛ ئۇلارنى شان-شەرەپلىك تەختىگە مىراس قىلدۇرىدۇ؛ چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر؛ ئۇ ئۆزى دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالغانىدى.
9 Saèuvaæe noge milijeh svojih, a bezbožnici æe umuknuti u mraku; jer svojom snagom neæe èovjek nadjaèati.
ئۆز مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئۇ مەزمۇت قىلىدۇ؛ ئەمما رەزىللەر بولسا، قاراڭغۇدا شۈك قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ھېچكىم ئۆز قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپمايدۇ.
10 Koji se suprote Gospodu, satræe se; na njih æe zagrmjeti s neba; Gospod æe suditi krajevima zemaljskim, i daæe snagu caru svojemu, i uzvisiæe rog pomazaniku svojemu.
پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇ ئۆزى ئاسمانلاردىن ئۇلارغا قارشى گۈلدۈرلەيدۇ. پەرۋەردىگار يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!».
11 Potom otide Elkana u Ramat kuæi svojoj, a dijete služaše Gospodu pred Ilijem sveštenikom.
ئەلكاناھ بولسا راماھدىكى ئۆز ئۆيىگە يېنىپ باردى. بالا بولسا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى.
12 A sinovi Ilijevi bijahu nevaljali, i ne znadijahu za Gospoda.
ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئىنتايىن يامان كىشىلەردىن بولۇپ، پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى.
13 Jer u tijeh sveštenika bješe obièaj prema narodu: kad ko prinošaše žrtvu, dolažaše momak sveštenikov dok se kuhaše meso s viljuškama trokrakim u ruci,
كاھىنلارنىڭ خەلقلەرگە مۇنداق ئادىتى بولغان: ــ بىرسى قۇربانلىق قىلىپ، گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ ئۈچ تىللىق چاڭگاكنى قولىدا تۇتۇپ
14 I zabadaše u sud, ili u kotao, ili u tavu, ili u lonac, i što se god nabode na viljuške uzimaše sveštenik. Tako èinjahu svemu Izrailju koji dolažaše u Silom.
داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، چاڭگاكقا نېمە ئېلىنغان بولسا كاھىن شۇنى ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلارنىڭ شىلوھغا [قۇربانلىق قىلغىلى] كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق ئادىتى بولغان.
15 Tako i prije nego bi zapalili salo, došao bi momak sveštenikov, te bi rekao èovjeku koji prinošaše žrtvu: daj meso da ispeèem svešteniku, jer ti neæu primiti mesa kuhana, nego sirovo.
شۇنداقلا ھەتتا ياغنى كۆيدۈرمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە: ــ كاھىنغا كاۋاپ ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن قايناپ پىشقان گۆش قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى خام گۆش لازىم، دەيتتى.
16 Ako bi mu tada èovjek odgovorio: neka se prvo zapali salo, pa onda uzmi što ti god duša želi; on bi rekao: ne, nego daj sada, ako li ne daš, uzeæu silom.
ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ــ ئاۋۋال يېغى كۆيدۈرۈلۈپ بولسۇن، ئاندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى ئالغىن، دېسە، ئۇ: ــ بولمايدۇ، ماڭا دەرھال بەر! بولمىسا مەجبۇرىي ئالىمەن، دەيتتى؛
17 I grijeh onijeh mladiæa bijaše vrlo velik pred Gospodom, jer ljudi ne marahu za prinos Gospodnji.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر بولغانىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن خەق پەرۋەردىگارغا ئاتىغان قۇربانلىقلار كۆزگە ئىلىنمايۋاتاتتى.
18 A Samuilo služaše pred Gospodom još dijete u opleæku lanenom.
ئەمما سامۇئىل نارەسىدە بالا بولۇپ كاناپتىن توقۇلغان بىر ئەفودنى كىيىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى.
19 A mati mu naèini mali plašt i donese mu, i tako èinjaše svake godine dolazeæi s mužem svojim da prinese žrtvu godišnju.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلدا ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، ھەر يىللىق قۇربانلىقنى قىلغىلى ئېرى بىلەن بارغاندا ئالغاچ كېلەتتى.
20 A Ilije blagoslovi Elkanu i ženu njegovu govoreæi: Gospod da ti da poroda od te žene za ovoga kojega je dala Gospodu! I otidoše u svoje mjesto.
ئەلى ئەلكاناھ ۋە ئايالىغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «ئايالىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغىنىنىڭ ئورنىغا ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا نەسىل بەرگەي، دېدى. ئاندىن بۇ ئىككىسى ئۆز ئۆيىگە ياندى.
21 I Gospod pohodi Anu, i ona zatrudnje i rodi tri sina i dvije kæeri. A dijete Samuilo rastijaše pred Gospodom.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھانناھنى يوقلاپ بەرىكەتلەپ، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۆسۈۋاتاتتى.
22 A Ilije bijaše vrlo star, i èu sve što èinjahu sinovi njegovi svemu Izrailju, i kako spavahu sa ženama koje dolažahu gomilama na vrata šatora od sastanka.
ئەلى بەك قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتكۈل ئىسرائىلغا ھەممە قىلغانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنىمۇ ئاڭلىدى.
23 I govoraše im: zašto to radite? jer èujem zle rijeèi o vama od svega naroda.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ چۈنكى بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىدىن سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى.
24 Nemojte, djeco moja; jer nije dobro što èujem; otpaðujete narod Gospodnji.
بولمايدۇ، ئى ئوغۇللىرىم! مەن ئاڭلىغان بۇ خەۋەر ياخشى ئەمەس، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرۇپسىلەر.
25 Kad èovjek zgriješi èovjeku, sudiæe mu sudija; ali kad ko zgriješi Gospodu, ko æe moliti za nj? Ali ne poslušaše oca svojega, jer Gospod šæaše da ih ubije.
ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە گۇناھ قىلسا، باشقا بىرسى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدادىن رەھىم سورىسا بولىدۇ؛ لېكىن ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭ گۇناھىنى تىلىيەلەيدۇ؟ ــ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى.
26 A dijete Samuilo rastijaše i bijaše mio i Gospodu i ljudima.
ئەمما سامۇئىل دېگەن بالا ئۆسۈۋاتاتتى، پەرۋەردىگار ھەم ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقانىدى.
27 Tada doðe èovjek Božji k Iliju, i reèe mu: ovako veli Gospod: ne javih li se domu oca tvojega, kad bijahu u Misiru u kuæi Faraonovoj?
خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مىسىردا، پىرەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە ئوچۇق ئايان قىلمىدىممۇ؟
28 I izabrah ga izmeðu svijeh plemena Izrailjevijeh sebi za sveštenika da prinosi žrtve na oltaru mojem i da kadi kadom i nosi opleæak preda mnom, i dadoh domu oca tvojega sve žrtve ognjene sinova Izrailjevijeh?
مەن ئۇنى كاھىنىم بولۇش، ئۆز قۇربانگاھىمدا قۇربانلىق قىلىش، خۇشبۇي يېقىش ۋە مېنىڭ ئالدىمدا ئەفود تونىنى كېيىپ خىزمەت قىلىشقا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن تاللىمىغانىدىممۇ؟ شۇنىڭدەك مەن ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى ئاتاڭغا تاپشۇرۇپ تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ؟
29 Zašto gazite žrtvu moju i prinos moj, koje sam zapovjedio da se prinose u šatoru? i paziš sinove svoje veæma nego mene, da se gojite prvinama svijeh prinosa Izrailja naroda mojega?
نېمىشقا مەن بۇيرۇغان، تۇرالغۇ جايىمدىكى قۇربانلىقىم بىلەن ئاشلىق ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ نېمىشقا خەلقىم ئىسرائىللار كەلتۈرگەن ھەممە ھەدىيەلەرنىڭ ئېسىلىدىن ئۆزلىرىڭلارنى سەمرىتىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى مېنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلىسەن؟»
30 Zato Gospod Bog Izrailjev kaže: rekao sam doista: dom tvoj i dom oca tvojega služiæe preda mnom dovijeka; ali kaže Gospod: neæe biti tako, jer one æu poštovati koji mene poštuju, a koji mene preziru, biæe prezreni.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ.
31 Gle, idu dani, kad æu odsjeæi tebi ruku i ruku domu oca tvojega, da ne bude starca u domu tvojem.
مانا شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سېنىڭ بىلىكىڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ بىلىكىنى تەڭ كېسىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەمەتىڭدە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ!
32 I vidjeæeš nevolju u šatoru mjesto svega dobra što je Gospod èinio Izrailju; neæe biti starca u domu tvojem dovijeka.
سەن تۇرالغۇ جايىمدا دەرد-قايغۇ كۆرىسەن؛ ئىسرائىللار ھەرقانداق ھۇزۇر-بەختنى كۆرگىنى بىلەن، سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدگىچە بىرمۇ قېرىغان ئادەم تېپىلمايدۇ.
33 A koga od tvojih ne istrijebim ispred oltara svojega, onaj æe ostati da ti èile oèi i da ti se cvijeli duša; i sav podmladak doma tvojega umiraæe u najboljim godinama.
ۋە مەن قۇربانگاھىمنىڭ خىزمىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىمىغان ئادىمىڭ بار بولسا، ئۇ كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشى بىلەن جېنىڭنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. جەمەتىڭدە تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسى بالاغەتتىن ئۆتمەي ئۆلىدۇ.
34 I ovo da ti je znak što æe doæi na oba sina tvoja, na Ofnija i Finesa: u jedan dan poginuæe obojica.
ساڭا بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا، ئىككى ئوغلۇڭ خوفنىي بىلەن فىنىھاسنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان مۇنداق بىر ئالامەت بېشارەت بولىدۇ: ــ ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ.
35 A sebi æu podignuti sveštenika vjerna, on æe raditi po srcu mojemu i po duši mojoj; i sazidaæu mu tvrd dom, i on æe hoditi pred pomazanikom mojim vazda.
ئەمما ئۆزۈمگە روھىم ۋە دىلىمدىكى نىيىتىم بويىچە ئىش كۆرىدىغان سادىق بىر كاھىننى تىكلەيمەن؛ مەن ئۇنىڭغا مەزمۇت بىر جەمەت قۇرىمەن؛ ئۇ مېنىڭ مەسىھ قىلغىنىمنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مېڭىپ خىزمەت قىلىدۇ.
36 I ko ostane od doma tvojega, doæi æe da mu se pokloni za srebrn novac i za komad hljeba, i govoriæe: primi me u kaku službu sveštenièku da imam komad hljeba.
شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردىن ھەربىر تىرىك قالغانلار بىر سەر كۈمۈش ۋە بىر چىشلەم نان تىلەشكە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ: «كاھىنلىق خىزمەتلىرىدىن ماڭا بىر ئورۇن بەرسىلە، يېگىلى بىر چىشلەم نان تاپاي دەپ ئېيتىدىغان بولىدۇ» دەيدۇ.

< 1 Samuelova 2 >