< Наум 1 >

1 Пророчество о Ниневии; книга видений Наума Елкосеянина.
نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي ــ ئەلكوشلۇق ناھۇم كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن كىتاب.
2 Господь есть Бог ревнитель и мститель; мститель Господь и страшен в гневе: мстит Господь врагам Своим и не пощадит противников Своих.
پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ.
3 Господь долготерпелив и велик могуществом, и не оставляет без наказания; в вихре и в буре шествие Господа, облако - пыль от ног Его.
پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، كۈچ-قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر، گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ــ ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ-توزاڭدۇر.
4 Запретит Он морю, и оно высыхает, и все реки иссякают; вянет Васан и Кармил, и блекнет цвет на Ливане.
ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ، بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل-گىياھمۇ قاغجىرايدۇ.
5 Горы трясутся пред Ним, и холмы тают, и земля колеблется пред лицем Его, и вселенная и все живущие в ней.
تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ كېتىدۇ، دۆڭلەر ئېرىپ كېتىدۇ، يەر يۈزى ئۇنىڭ ھۇزۇرى ئالدىغا كۆتۈرۈلىدۇ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا بارلىق ياشاۋاتقانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ.
6 Пред негодованием Его кто устоит? И кто стерпит пламя гнева Его? Гнев Его разливается как огонь; скалы распадаются пред Ним.
كىم ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا تىك تۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ دەھشىتىدە قەددىنى كېرىپ تۇرالىسۇن؟ ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا تاشلار يېرىلىدۇ.
7 Благ Господь, убежище в день скорби, и знает надеющихся на Него.
پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛ ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ.
8 Но всепотопляющим наводнением разрушит до основания Ниневию, и врагов Его постигнет мрак.
بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوغلايدۇ.
9 Что умышляете вы против Господа? Он совершит истребление, и бедствие уже не повторится,
سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىپ نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ؛ يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ.
10 ибо сплетшиеся между собою, как терновник, и упившиеся, как пьяницы, они пожраны будут совершенно, как сухая солома.
ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ.
11 Из тебя произошел умысливший злое против Господа, составивший совет нечестивый.
سەندىن پەرۋەردىگارغا رەزىللىك ئويلىغۇچى چىققانىدى، ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر.
12 Так говорит Господь: хотя они безопасны и многочисленны, но они будут посечены и исчезнут; а тебя, хотя Я отягощал, более не буду отягощать.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ؛ مەن ساڭا ئازار قىلغىنىم بىلەن، [ئى خەلقىم]، قايتىدىن ساڭا ئازار قىلمايمەن.
13 И ныне Я сокрушу ярмо его, лежащее на тебе, и узы твои разорву.
ھازىر مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن، ۋە ئاسارەتلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايمەن.
14 А о тебе, Ассур, Господь определил: не будет более семени с твоим именем; из дома бога твоего истреблю истуканов и кумиров; приготовлю тебе в нем могилу, потому что ты будешь в презрении.
پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ بۇتۇڭنىڭ ئۆيىدىن مەن ئويما ھەيكەل، قۇيما ھەيكەلنى يوقىتىمەن؛ مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سەن پەسەندىدۇرسەن.
15 Вот, на горах - стопы благовестника, возвещающего мир: празднуй, Иудея, праздники твои, исполняй обеты твои, ибо не будет более проходить по тебе нечестивый: он совсем уничтожен.
مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا! ھېيتلىرىڭنى تەبرىكلە، ئى يەھۇدا، ئىچكەن قەسەملىرىڭنى ئادا قىل؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بولغۇچى زېمىنىڭدىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ.

< Наум 1 >