< 1-я Паралипоменон 5 >

1 Сыновья Рувима, первенца Израилева, - он первенец; но, когда осквернил он постель отца своего, первенство его отдано сыновьям Иосифа, сына Израилева, с тем однакож, чтобы не писаться им первородными;
ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ (رۇبەن گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولغىنى بىلەن، لېكىن [ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن] زىنا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى ئىسرائىلنىڭ ئوغلى بولغان يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن. شۇڭا نەسەبنامە بويىچە ئۇ چوڭ ئوغۇل ھېسابلانمايدۇ.
2 потому что Иуда был сильнейшим из братьев своих, и вождь от него, но первенство перенесено на Иосифа.
يەھۇدا قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ ۋە ئىدارە قىلغۇچى ئۇنىڭدىن چىققان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئوغۇللۇق ھوقۇقى يۈسۈپكە تەۋە بولۇپ كەتكەن): ــ
3 Сыновья Рувима, первенца Израилева: Ханох, Фаллу, Хецрон и Харми.
ئىسرائىلنىڭ تۇنجىسى رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى مۇنۇلار: ــ ھانوخ ۋە پاللۇ، ھەزرون ۋە كارمى.
4 Сыновья Иоиля: Шемая, сын его; его сын Гог, его сын Шимей,
يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى مۇنۇلار: ــ [يوئېلنىڭ] ئوغلى شېمايا، شېمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمەي،
5 его сын Миха, его сын Реаия, его сын Ваал,
شىمەينىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رېئايا، رېئايانىڭ ئوغلى بائال،
6 его сын Беера, которого отвел в плен Феглафелласар, царь Ассирийский. Он был князем Рувимлян.
بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ؛ بەئەراھ ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىپ كېتىلگەن. ئۇ چاغدا ئۇ رۇبەن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى.
7 И братья его, по племенам их, по родословному списку их, были: главный Иеиель, потом Захария,
ئۇنىڭ ئىنىلىرى نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنگەندەك، جەمەتلىرىنىڭ تارىخى بويىچە يولباشچى بولغان جەئىيەل، زەكەرىيا ۋە بېلا دەپ پۈتۈلگەنىدى
8 и Бела, сын Азаза, сына Шемы, сына Иоиля. Он обитал в Ароере до Нево и Ваал-Меона;
(بېلا ئازازنىڭ ئوغلى، ئازاز شېمانىڭ ئوغلى، شېما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى). يوئېللار ئاروئەردە، نېبو ۋە بائال-مېئونغىچە سوزۇلغان جايلاردا تۇراتتى.
9 а к востоку он обитал до входа в пустыню, идущую от реки Евфрата, потому что стада их были многочисленны в земле Галаадской.
ئۇلار يەنە كۈن چىقىشقا قاراپ تاكى ئېفرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى چۆلنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قەدەر ئولتۇراقلاشتى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ گىلېئاد يۇرتىدىكى چارۋا ماللىرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى.
10 Во дни Саула они вели войну с Агарянами, которые пали от рук их, а они стали жить в шатрах и по всей восточной стороне Галаада.
سائۇلنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە ئۇلار ھاگارىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى؛ ھاگارىيلار ئۇلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار گىلېئادنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى پۈتۈن زېمىندا ھاگارىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا ماكانلاشتى.
11 Сыновья Гада жили напротив их в земле Васанской до Салхи:
ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا گادنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى سالىكاھغا قەدەر باشان زېمىنىغا ماكانلاشقانىدى.
12 в Васане Иоиль был главный, Шафан второй, потом Иаанай и Шафат.
باشاندا ماكانلاشقانلاردىن قەبىلە باشلىقى يوئېل، مۇئاۋىن قەبىلە باشلىقى شافام بار ئىدى؛ يەنە ياناي بىلەن شافاتمۇ بار ئىدى.
13 Братьев их с семействами их было семь: Михаил, Мешуллам, Шева, Иорай, Иаакан, Зия и Евер.
ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جەمەتنامىلەر بويىچە مىكائىل، مەشۇللام، شېبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر بولۇپ، جەمئىي يەتتە ئىدى.
14 Вот сыновья Авихаила, сына Хурия, сына Иароаха, сына Галаада, сына Михаила, сына Иешишая, сына Иахдо, сына Буза.
يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئابىھايىلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئابىھايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروياھنىڭ ئوغلى، ياروياھ گىلېئادنىڭ ئوغلى، گىلېئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يەشىشاينىڭ ئوغلى، يەشىشاي ياھدونىڭ ئوغلى، ياھدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى؛
15 Ахи, сын Авдиила, сына Гуниева, был главою своего рода.
گۇنىنىڭ نەۋرىسى، ئابدىئەلنىڭ ئوغلى ئاخى ئۇلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى.
16 Они жили в Галааде, в Васане и в зависящих от него городах и во всех окрестностях Сарона, до исхода их.
ئۇلار گىلېئادقا، باشانغا ۋە باشانغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگە، شۇنداقلا پۈتكۈل شارون يايلىقىغا، تاكى تۆت چېتىگىچە ماكانلاشقانىدى.
17 Все они перечислены во дни Иоафама, царя Иудейского, и во дни Иеровоама, царя Израильского.
بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدا پادىشاھى يوتام ۋە ئىسرائىل پادىشاھى يەروبوئامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ كۈنلىرىدە نەسەبنامىلەرگە پۈتۈلگەنىدى.
18 У потомков Рувима и Гада и полуплемени Манассиина было людей воинственных, мужей, носящих щит и меч, стреляющих из лука и приученных к битве, сорок четыре тысячи семьсот шестьдесят, выходящих на войну.
رۇبەن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىنىڭ باتۇر، قالقان-قىلىچ تۇتالايدىغان، ئوقيا ئاتالايدىغان ھەم جەڭگە ماھىر قىرىق تۆت مىڭ يەتتە يۈز ئاتمىش جەڭگىۋار ئادىمى بار ئىدى.
19 И воевали они с Агарянами, Иетуром, Нафишем и Надавом.
ئۇلار ھاگارىيلار، يەتۇرلار، نافىشلار ۋە نودابلار بىلەن جەڭ قىلغان.
20 И подана была им помощь против них, и преданы были в руки их Агаряне и все, что у них было, потому что они во время сражения воззвали к Богу, и Он услышал их, за то, что они уповали на Него.
ئۇلار جەڭ قىلغاندا مەدەت تېپىپ، ھاگارىيلار ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان؛ چۈنكى ئۇلار جەڭ ئۈستىدە خۇداغا نىدا قىلغان؛ ئۇلار ئۇنىڭغا تايانغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت قىلغان.
21 И взяли они стада их: верблюдов пятьдесят тысяч, из мелкого скота двести пятьдесят тысяч, ослов две тысячи, и сто тысяч душ людей,
ئۇلار يەنە دۈشمەننىڭ چارۋا-ماللىرىنى، جۈملىدىن ئەللىك مىڭ تۆگە، ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشىكىنى ئولجا ئالغان ۋە يۈز مىڭ جاننى ئەسىر ئالغان.
22 потому что много пало убитых, так как от Бога было сражение сие. И жили они на месте их до переселения.
بۇ ئۇرۇش خۇدانىڭ نىيىتىدىن بولغاچقا، دۈشمەندىن ئۆلگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان؛ سۈرگۈن قىلىنغۇچە ئۇلار شۇلارنىڭ يېرىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان.
23 Потомки полуколена Манассиина жили в той земле, от Васана до Ваал-Ермона и Сенира и до горы Ермона; и их было много.
ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەر باشاندىن بائال-ھەرمون، سېنىر، ھەرمون تېغىغا قەدەر بولغان زېمىندا يېيىلىپ ماكانلاشتى. ئۇلار زور كۆپەيگەن.
24 И вот главы поколений их: Ефер, Ишьи, Елиил, Азриил, Иеремия, Годавия и Иагдиил, мужи мощные, мужи именитые, главы родов своих.
ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئېفەر، ئىشى، ئەلىيەل، ئازرىئەل، يەرىمىيا، خوداۋىيا ۋە ياھدىيەل ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى باتۇر جەڭچىلەر، مەشھۇر مۆتىۋەرلەر، شۇنداقلا ھەرقايسىسى ئۆز جەمەتىگە جەمەت بېشى ئىدى.
25 Но когда они согрешили против Бога отцов своих и стали блудно ходить вслед богов народов той земли, которых изгнал Бог от лица их,
ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ خۇدا ئەسلىدە ئۆزلىرى ئالدىدا يوقاتقان شۇ يەردىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئەگىشىپ كەتتى.
26 тогда Бог Израилев возбудил дух Фула, царя Ассирийского, и дух Феглафелласара, царя Ассирийского, и он выселил Рувимлян и Гадитян и половину колена Манассиина, и отвел их в Халах, и Хавор, и Ару, и на реку Гозан, - где они до сего дня.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئاسۇرىيە پادىشاھى پۇل (يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلنەسەر)نىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن، ئۇ ئۇلارنى، يەنى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەرنى، گاد قەبىلىسىدىكىلەرنى ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى خالاھ، خابور ۋە خاراغا ھەم گوزان دەرياسى بويىغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى بۈگۈنگە قەدەر تېخىچە شۇ يەردە ماكانلىشىپ تۇرماقتا.

< 1-я Паралипоменон 5 >