< Jozuego 20 >

1 Potem PAN powiedział do Jozuego:
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
2 Powiedz synom Izraela: Wyznaczcie sobie miasta schronienia, o których mówiłem wam przez Mojżesza;
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئۆزۈم مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن «پاناھلىق شەھەرلەر»نى تاللاپ بېكىتىڭلار؛
3 Aby tam uciekał zabójca, który by zabił człowieka niechcący i mimowolnie. Będą dla was schronieniem przed mścicielem krwi.
بىلمەي، تاسادىپىيلىقتىن ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەرقانداق كىشى ئۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كەتسۇن. بۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەرلەر سىلەرگە قان ئىنتىقامىنى ئالغۇچىدىن پاناھگاھ بولىدۇ.
4 Gdy [ktoś] ucieknie do jednego z tych miast i stanie przy wejściu do bramy miejskiej, opowie do uszu starszych tego miasta swoją sprawę, a oni przyjmą go do miasta do siebie i dadzą mu miejsce, i będzie z nimi mieszkał.
[ئادەمنى شۇنداق ئۆلتۈرگەن] كىشى بۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، شەھەرنىڭ قوۋۇقىغا كېلىپ، شۇ يەردە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز ئەھۋالىنى ئېيتسۇن؛ ئۇلار ئۇنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ شەھەرگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىغا ئۇنىڭغا جاي بەرسۇن.
5 A gdy będzie go ścigał mściciel krwi, to nie wydadzą zabójcy w jego ręce, gdyż nieumyślnie zabił swego bliźniego i nie czuł do niego przedtem nienawiści.
ئەمدى قان قىساسىنى ئالغۇچى ئۇنى قوغلاپ كەلسە، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسۇن؛ چۈنكى شۇ كىشىنىڭ بۇرۇندىن ئۆز قوشنىسىغا ھېچ ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان، بەلكى تاسادىپىي ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان.
6 I będzie mieszkał w tym mieście, dopóki nie stanie przed zgromadzeniem na sąd i aż do śmierci najwyższego kapłana, który będzie w tym czasie. Wtedy zabójca wróci i przyjdzie do swego miasta i do swego domu, do miasta, z którego uciekł.
[ئادەم ئۆلتۈرگەن] كىشى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنغۇچە شۇ شەھەردە تۇرسۇن؛ ئاندىن شۇ ۋاقىتتىكى باش كاھىن ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ شۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، ئۆز شەھىرىگە، يەنى قېچىپ چىققان شەھەردىكى ئۆيىگە يېنىپ كەلسۇن.
7 I wyznaczyli Kedesz w Galilei na górze Neftalego, Sychem na górze Efraim oraz Kiriat-Arba, [czyli] Hebron, na górze Judy.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نافتالى تاغلىق يۇرتىدىكى كەدەشنى، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى شەكەمنى ۋە يەھۇدانىڭ تاغلىق يۇرتىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننى،
8 Z drugiej zaś strony Jordanu, na wschód od Jerycha, wyznaczyli Beser na pustyni, na równinie, z pokolenia Rubena, Ramot w Gileadzie z pokolenia Gada oraz Golan w Baszanie z pokolenia Manassesa.
يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۈزلەڭلىكنىڭ چۆلىدىكى بەزەرنى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن گىلېئادتىكى راموتنى ۋە ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن باشاندىكى گولاننى تاللاپ بېكىتتى.
9 Oto miasta ucieczki dla wszystkich synów Izraela i cudzoziemców, którzy mieszkają pośród nich, aby mógł tam uciec każdy, kto zabił kogoś przez nieuwagę i nie poniósł śmierci z ręki mściciela krwi, zanim stanie przed zgromadzeniem.
مانا بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار ئۈچۈن پاناھگاھ بولۇشقا بىكىتىلگەن شەھەرلەردۇر؛ كىمكى بىلمەي، تاسادىپىلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشىدىن بۇرۇن، قان قىساسكارنىڭ قولىدا ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن شۇ شەھەرلەرگە قېچىپ كېتىشكە بۇ شەھەرلەر بېكىتىلگەن.

< Jozuego 20 >