مزمور برای خداوند سرود تازه بسرایید زیراکارهای عجیب کرده است. دست راست و بازوی قدوس او، او را مظفر ساخته است. | ۱ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار؛ چۈنكى ئۇ كارامەت مۆجىزىلەرنى ياراتتى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ھەم مۇقەددەس بىلىكى ئۆزىگە زەپەر-نىجات كەلتۈردى. |
خداوند نجات خود را اعلام نموده، وعدالتش را به نظر امتها مکشوف کرده است. | ۲ 2 |
پەرۋەردىگار ئۆز نىجاتلىقىنى ئايان قىلدى؛ ھەققانىيىتىنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارا كۆرسەتتى. |
رحمت و امانت خود را با خاندان اسرائیل به یادآورد. همه اقصای زمین نجات خدای ما رادیدهاند. | ۳ 3 |
ئۇ ئىسرائىل جەمەتىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىنى ئېسىگە ئالدى، زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىمۇ خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆردى. |
ای تمامی زمین، خداوند را آواز شادمانی دهید. بانگ زنید و ترنم نمایید و بسرایید. | ۴ 4 |
پەرۋەردىگارغا ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، پۈتكۈل يەر يۈزى؛ تەنتەنە قىلىپ ئاۋازىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، ناخشا ئېيتىڭلار! |
خداوند را با بربط بسرایید! با بربط و با آوازنغمات! | ۵ 5 |
پەرۋەردىگارغا چىلتار چېلىپ ناخشا ئېيتىڭلار، چىلتار بىلەن، كۈينىڭ ساداسى بىلەن! |
با کرناها و آواز سرنا! به حضور یهوه پادشاه آواز شادمانی دهید! | ۶ 6 |
كاناي ھەم سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن، پادىشاھ بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا تەنتەنە قىلىڭلار؛ |
دریا و پری آن بخروشد! ربع مسکون و ساکنان آن! | ۷ 7 |
دېڭىز-ئوكيان ھەم ئۇنىڭغا تولغان ھەممە جۇش ئۇرۇپ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلار شاۋقۇنلىسۇن! |
نهرهادستک بزنند! و کوهها با هم ترنم نمایند. | ۸ 8 |
كەلكۈن-تاشقىنلار چاۋاك چالسۇن؛ پەرۋەردىگار ئالدىدا تاغلار قوشۇلۇپ تەنتەنە قىلىپ ناخشا ئېيتسۇن؛ |
به حضور خداوند زیرا به داوری جهان میآید. ربع مسکون را به انصاف داوری خواهد کرد و قومهارا به راستی. | ۹ 9 |
چۈنكى مانا، ئۇ يەرنى سوراق قىلىشقا كېلىدۇ؛ ئۇ ئالەمنى ئادىللىق بىلەن، خەلقلەرنى ئۆز ھەقىقەت-ساداقىتىدە سوراق قىلىدۇ. |