برای سالار مغنیان برجتیت. مزمور داود ای یهوه خداوند ما، چه مجید است نام تودر تمامی زمین، که جلال خود را فوق آسمانها گذاردهای! | ۱ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا ئورۇنلانسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى، ئۆز ھەيۋەڭنى ئاسمانلاردىنمۇ يۇقىرى تىكلىگەن پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ شۇنچە شەرەپلىكتۇر! |
از زبان کودکان وشیرخوارگان بهسبب خصمانت قوت را بنا نهادی تا دشمن و انتقام گیرنده را ساکت گردانی. | ۲ 2 |
ئۆز رەقىبلىرىڭ تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە، بوۋاقلار ۋە ئەمگۈچىلەرنىڭ ئاغزىدىن كۈچ تىكلىدىڭسەن. |
چون به آسمان تو نگاه کنم که صنعت انگشتهای توست، و به ماه و ستارگانی که تو آفریدهای، | ۳ 3 |
مەن بارماقلىرىڭنىڭ ياسىغىنى بولغان ئاسمانلىرىڭغا، سەن مەزمۇت بېكىتكەن ئاي-يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمدا، |
پس انسان چیست که او را به یادآوری، وبنی آدم که از او تفقد نمایی؟ | ۴ 4 |
سەن ئىنساننى سېغىنىدىكەنسەن، ئەمدى ئادەم دېگەن نېمە ئىدى؟ سەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يوقلايدىكەنسەن، ئىنسان بالىسى قانچىلىك نېمە ئىدى؟ |
او را از فرشتگان اندکی کمتر ساختی و تاج جلال و اکرام را بر سراو گذاردی. | ۵ 5 |
چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئورنىنى پەرىشتىلەرنىڭكىدىن ئازغىنە تۆۋەن بېكىتتىڭسەن، سەن ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە شۆھرەتلەرنى تاج قىلىپ بەردىڭ. |
او را بر کارهای دست خودت مسلط نمودی، و همهچیز را زیر پای وی نهادی، | ۶ 6 |
ئۇنى قولۇڭنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىدارە قىلىشقا تىكلىدىڭ؛ سەن بارلىق نەرسىلەرنى ئۇنىڭ پۇتى ئاستىغا قويغانسەن، |
گوسفندان و گاوان جمیع، و بهایم صحرا را نیز؛ | ۷ 7 |
جۈملىدىن بارلىق قوي-كالىلار، دالادىكى بارلىق جانىۋارلار، |
مرغان هوا و ماهیان دریا را، و هرچه بر راههای آبها سیر میکند. | ۸ 8 |
ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دېڭىزدىكى بېلىقلار، دېڭىزلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ بارلىقىنى پۇتى ئاستىغا قويدۇڭ. |
ای یهوه خداوند ما، چه مجیداست نام تو در تمامی زمین! | ۹ 9 |
ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە! |