و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: | ۱ 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«بنیاسرائیل را امر فرموده، به ایشان بگو: چون شما به زمین کنعان داخل شوید، این است زمینی که به شما به ملکیت خواهد رسید، یعنی زمین کنعان با حدودش. | ۲ 2 |
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: «سىلەر قانائان زېمىنىغا كىرگەن چاغدا، سىلەرگە مىراس بولۇشقا تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىن قانائان زېمىنى بولىدۇ؛ زېمىننىڭ بېكىتىلگەن جاي-چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: — |
آنگاه حد جنوبی شما از بیابان سین بر جانب ادوم خواهد بود، و سرحد جنوبی شما از آخر بحرالملح به طرف مشرق خواهد بود. | ۳ 3 |
سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛ |
و حد شما از جانب جنوب گردنه عقربیم دور خواهد زد و به سوی سین خواهدگذشت، و انتهای آن به طرف جنوب قادش برنیع خواهد بود، و نزد حصرادار بیرون رفته، تاعصمون خواهد گذشت. | ۴ 4 |
شۇ يەردىن چېگراڭلار «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ زىنغا ئۆتسۇن؛ ئۇنىڭ ئايىغى توپتوغرا قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە ھازار-ئاددارغا بېرىپ، ئازمونغا تۇتىشىدۇ؛ |
و این حد از عصمون تاوادی مصر دور زده، انتهایش نزد دریا خواهدبود. | ۵ 5 |
ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. |
و اما حد غربی. دریای بزرگ حد شماخواهد بود. این است حد غربی شما. | ۶ 6 |
كۈن پېتىش تەرەپتە چېگراڭلار «ئۇلۇغ دېڭىز»نىڭ ئۆزى بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بويلىرى بولىدۇ؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ. |
و حد شمالی شما این باشد، از دریای بزرگ برای خود جبل هور را نشان گیرید. | ۷ 7 |
شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار مۇنداق بولىدۇ: — «ئۇلۇغ دېڭىز»دىن باشلاپ ھور تېغىغىچە پاسىل سىزىلسۇن؛ |
و از جبل هور تا مدخل حمات را نشان گیرید. و انتهای این حد نزد صدد باشد. | ۸ 8 |
پاسىل سىزىقى ھور تېغىدىن باشلاپ خامات ئېغىزىغا سوزۇلۇپ، ئاندىن چېگرا زەدادغا تۇتاشسۇن؛ |
و این حد نزد زفرون بیرون رود و انتهایش نزد حصر عینان باشد، این حدشمالی شما خواهد بود. | ۹ 9 |
چېگرا يەنە زىفرونغا ئۆتۈپ ھازار-ئېناندا ئاخىرلاشسۇن؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ. |
و برای حد مشرقی خود از حصر عینان تاشفام را نشان گیرید. | ۱۰ 10 |
ئاندىن شەرقىي چېگرايىڭلارنىڭ پاسىل سىزىقى ھازار-ئېناندىن شېفامغىچە سىزىلسۇن. |
و این حد از شفام تا ربله به طرف شرقی عین برود، پس این حد کشیده شده بهجانب دریای کنرت به طرف مشرق برسد. | ۱۱ 11 |
بۇ چېگرا شېفامدىن ئايىننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى رىبلاھقا چۈشىدۇ؛ ئاندىن چېگرا شۇ يەردىن چۈشۈپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ كۈن چىقىش تەرەپكە تۇتىشىدۇ. |
واین حد تا به اردن برسد و انتهایش نزد بحرالملح باشد. این زمین برحسب حدودش به هر طرف زمین شما خواهد بود.» | ۱۲ 12 |
ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ». |
و موسی بنیاسرائیل را امر کرده، گفت: «این است زمینی که شما آن را به قرعه تقسیم خواهید کرد که خداوند امر فرموده است تا به نه سبط و نصف داده شود. | ۱۳ 13 |
مۇسا ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: — «مانا بۇ پەرۋەردىگار توققۇز قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلىگە تەقدىم قىلىنسۇن دەپ بۇيرۇغان، چەك تاشلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ۋارىسلىق قىلىدىغان زېمىنىڭلار بولىدۇ؛ |
زیرا که سبط بنی روبین برحسب خاندان آبای خود و سبط بنی جادبرحسب خاندان آبای خود، و نصف سبط منسی، نصیب خود را گرفتهاند. | ۱۴ 14 |
چۈنكى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ئۆز مىراسىغا ئاللىقاچان ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن؛ |
این دو سبط و نصف به آن طرف اردن در مقابل اریحا بهجانب مشرق به سوی طلوع آفتاب نصیب خود را گرفتهاند.» | ۱۵ 15 |
بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا». |
و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: | ۱۶ 16 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
«این است نامهای کسانی که زمین را برای شماتقسیم خواهند نمود. العازار کاهن و یوشع بن نون. | ۱۷ 17 |
تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: — كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا. |
و یک سرور را از هر سبط برای تقسیم نمودن زمین بگیرید. | ۱۸ 18 |
سىلەرمۇ يەنە زېمىن تەقسىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئەمىر تاللاپ بېرىڭلار. |
و این است نامهای ایشان. ازسبط یهودا کالیب بن یفنه. | ۱۹ 19 |
بۇلارنىڭ ئىسمى مۇنداق: — يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب. |
و از سبطبنی شمعون شموئیل بن عمیهود. | ۲۰ 20 |
شىمېئون قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل. |
و از سبطبنیامین الیداد بن کسلون. | ۲۱ 21 |
بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد. |
و از سبط بنی دان رئیس بقی ابن یجلی. | ۲۲ 22 |
دان قەبىلىسىدىكىلەردىن يوگلىنىڭ ئوغلى، ئەمىر بۇككى ئىدى. |
و از بنی یوسف از سبطبنی منسی رئیس حنیئیل بن ایفود. | ۲۳ 23 |
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: — ماناسسەھ قەبىلىسىدىكىلەردىن ئەفودنىڭ ئوغلى ئەمىر ھاننىيەل |
و از سبطبنی افرایم رئیس قموئیل بن شفطان. | ۲۴ 24 |
ھەم ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەردىن شىفتاننىڭ ئوغلى ئەمىر كەمۇئەل. |
و از سبطبنی زبولون رئیس الیصافان بن فرناک. | ۲۵ 25 |
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكىلەردىن پارناقنىڭ ئوغلى ئەمىر ئەلىزافان؛ |
و از سبطبنی یساکار رئیس فلطیئیل بن عزان. | ۲۶ 26 |
ئىسساكار قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاززاننىڭ ئوغلى ئەمىر پالتىيەل؛ |
و از سبطبنی اشیر رئیس اخیهود بن شلومی. | ۲۷ 27 |
ئاشىر قەبىلىسىدىكىلەردىن شېلومىنىڭ ئوغلى ئەمىر ئاخىھۇد؛ |
و از سبطبنی نفتالی رئیس فدهئیل بن عمیهود.» | ۲۸ 28 |
نافتالى قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەمىر پەداھەل ئىدى. |
اینانندکه خداوند مامور فرمود که ملک را در زمین کنعان برای بنیاسرائیل تقسیم نمایند. | ۲۹ 29 |
مانا بۇلار پەرۋەردىگار ئەمر قىلىپ ئىسرائىللارغا قانائان زېمىنىدىكى مىراسلىرىنى تەقسىم قىلىشقا بېكىتكەنلەر ئىدى. |