< لاویان 12 >

و خداوند موسی را خطاب کرده، گفت: ۱ 1
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
«بنی‌اسرائیل را خطاب کرده، بگو: چون زنی آبستن شده، پسر نرینه‌ای بزاید، آنگاه هفت روز نجس باشد، موافق ایام طمث حیضش نجس باشد. ۲ 2
ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «ئايال كىشى ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، ئادەت كۆرۈپ ئاغرىق بولغان كۈنلىرىدىكىدەك يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن.
و در روز هشتم گوشت غلفه اومختون شود. ۳ 3
سەككىزىنچى كۈنى ئوغلى بولسا خەتنە قىلىنسۇن.
و سی و سه روز در خون تطهیرخود بماند، و هیچ‌چیز مقدس را لمس ننماید، وبه مکان مقدس داخل نشود، تا ایام طهرش تمام شود. ۴ 4
ئايال بولسا شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇز ئۈچ كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن؛ پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولمىغۇچە ھېچبىر مۇقەددەس نەرسىگە تەگمىسۇن، مۇقەددەس جايغىمۇ كىرمىسۇن.
و اگر دختری بزاید، دو هفته برحسب مدت طمث خود نجس باشد، و شصت و شش روز در خون تطهیر خود بماند. ۵ 5
ئەگەر ئۇ قىز تۇغسا ئۇنداقتا ئادەت كۈنلىرىدىكىدەك ئىككى ھەپتىگىچە ناپاك تۇرۇپ، ئاندىن ئاتمىش ئالتە كۈنگىچە «قان پاكلىنىش»تا تۇرسۇن.
و چون ایام طهرش برای پسر یا دختر تمام شود، بره‌ای یک ساله برای قربانی سوختنی و جوجه کبوتر یافاخته‌ای برای قربانی گناه به در خیمه اجتماع نزدکاهن بیاورد. ۶ 6
مەيلى ئوغۇل ياكى قىز تۇغسۇن، قان پاكلىنىش كۈنلىرى تامام بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشقا كىرگەن قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر باچكا ياكى پاختەكنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.
و او آن را به حضور خداوندخواهد گذرانید، و برایش کفاره خواهد کرد، تا ازچشمه خون خود طاهر شود. این است قانون آن که بزاید، خواه پسر خواه دختر. ۷ 7
كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇپ، شۇ ئايال ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇنىدىن پاك بولىدۇ. ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر.
و اگر دست اوبه قیمت بره نرسد، آنگاه دو فاخته یا دو جوجه کبوتر بگیرد، یکی برای قربانی سوختنی ودیگری برای قربانی گناه. و کاهن برای وی کفاره خواهد کرد، و طاهر خواهد شد.» ۸ 8
ئەگەر ئۇنىڭ قوزىغا قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا كەلتۈرسۇن؛ ئۇلارنىڭ بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، يەنە بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇ ئايال پاك بولىدۇ.

< لاویان 12 >