کلام خداوند درباره امتها که به ارمیانازل شد؛ | ۱ 1 |
يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەللەر توغرۇلۇق سۆزى تۆۋەندە: ــ |
درباره مصر و لشکر فرعون نکو که نزد نهر فرات در کرکمیش بودند ونبوکدرصر پادشاه بابل ایشان را در سال چهارم یهویاقیم بن یوشیا پادشاه یهودا شکست داد: | ۲ 2 |
مىسىر توغرۇلۇق: ئەفرات دەرياسى بويىدىكى كاركېمىش شەھىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، پىرەۋن-نەقونىڭ قوشۇنى توغرۇلۇق (بۇ قوشۇننى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى بىتچىت قىلغان): ــ |
«مجن و سپر را حاضر کنید و برای جنگ نزدیک آیید. | ۳ 3 |
«قالقان-سىپارلارنى ئېلىپ سەپكە چۈشۈڭلار! جەڭگە چىقىشقا تەييارلىنىڭلار! |
ای سواران اسبان را بیارایید و سوار شویدو با خودهای خود بایستید. نیزهها را صیقل دهیدو زرهها را بپوشید. | ۴ 4 |
ئاتلارنى ھارۋىلارغا قېتىڭلار! ئاتلىرىڭلارغا مىنىڭلار! بېشىڭلارغا دۇبۇلغا سېلىپ سەپتە تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى بىلەپ ئىتتىكلىتىڭلار! ساۋۇت-قۇياقلارنى كىيىۋېلىڭلار! |
خداوند میگوید: چرا ایشان را میبینم که هراسان شده، به عقب برمی گردند وشجاعان ایشان خرد شده، بالکل منهزم میشوندو به عقب نمی نگرند، زیرا که خوف از هر طرف میباشد. | ۵ 5 |
لېكىن مەن نېمىنى كۆرىمەن؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مانا، مۇشۇ [لەشكەرلەر] دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ چېكىنىدۇ؛ باتۇر-پالۋانلىرى بىتچىت قىلىنىپ كەينىگە قارىماي بەدەر قاچىدۇ! تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
تیزروان فرار نکنند و زورآوران رهایی نیابند. بطرف شمال به کنار نهر فرات میلغزند ومی افتند. | ۶ 6 |
ــ ئەمدى ئەڭ چاققانلارمۇ قاچالمايدۇ، باتۇر-پالۋانلارمۇ ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ قالمايدۇ؛ مانا، شىمال تەرىپىدە، ئەفرات دەرياسى بويىدا ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ! |
این کیست که مانند رود نیل سیلان کرده است و آبهای او مثل نهرهایش متلاطم میگردد؟ | ۷ 7 |
سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسى [كەلكۈن كەبى] كۆتۈرۈلگەندەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن كىمدۇر!؟ |
مصر مانند رود نیل سیلان کرده است و آبهایش مثل نهرها متلاطم گشته، میگوید: من سیلان کرده، زمین را خواهم پوشانید و شهر وساکنانش را هلاک خواهم ساخت. | ۸ 8 |
سۇلىرى دەريالاردەك ئۆزلىرىنى دولقۇنلىتىپ، نىل دەرياسىدەك ئۆزىنى كۆتۈرگەن دەل مىسىر ئۆزىدۇر؛ ئۇ: «مەن ئۆزۈمنى كۆتۈرۈپ پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلايمەن؛ مەن شەھەرلەر ھەم ئۇلاردا تۇرۇۋاتقانلارنى يوقىتىمەن!» ــ دەيدۇ. |
ای اسبان، برآیید وای ارابهها تند بروید و شجاعان بیرون بروند. ای اهل حبش و فوت که سپرداران هستیدوای لودیان که کمان را میگیرید و آن رامی کشید. | ۹ 9 |
ئېتىلىڭلار، ئى ئاتلار! ھە دەپ ئالغا بېسىپ چېپىڭلار، ئى جەڭ ھارۋىلىرى! قالقان كۆتۈرگەن ئېفىئوپىيە ھەم لىۋىيەدىكىلەر، ئوقيالىرىنى ئېگىلدۈرگەن لىدىيەدىكىلەر، پالۋان-باتۇرلار جەڭگە چىقسۇن! |
زیرا که آن روز روز انتقام خداوندیهوه صبایوت میباشد که از دشمنان خود انتقام بگیرد. پس شمشیر هلاک کرده، سیر میشود و ازخون ایشان مست میگردد. زیرا خداوند یهوه صبایوت در زمین شمال نزد نهر فرات ذبحی دارد. | ۱۰ 10 |
لېكىن بۇ كۈن بولسا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدۇر؛ ئۇ قىساسلىق بىر كۈن، يەنى ئۆز ياۋلىرىدىن قىساس ئالىدىغان كۈنى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلىچى كىشىلەرنى تويغۇچە يۇتىدۇ؛ ئۇ قانغۇچە ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئىچىدۇ؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگارنىڭ شىمالىي زېمىندا، ئەفرات دەرياسى بويىدا قىلماقچى بولغان بىر قۇربانلىقى بار! |
ای باکره دختر مصر به جلعاد برآی وبلسان بگیر. درمانهای زیاد را عبث بهکار میبری. برای تو علاج نیست. | ۱۱ 11 |
گىلېئادقا چىقىپ تۇتىيا ئىزدەپ تاپ، ئى مىسىرنىڭ قىزى! لېكىن سەن ئۆزۈڭگە نۇرغۇن دورىلارنى ئالساڭمۇ بىكار؛ سەن ئۈچۈن ھېچ شىپالىق يوقتۇر! |
امتها رسوایی تو رامی شنوند و جهان از ناله تو پر شده است زیرا که شجاع بر شجاع میلغزد و هر دوی ایشان با هم میافتند.» | ۱۲ 12 |
ئەللەر خىجالىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلايدۇ، سېنىڭ پەريادلىرىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە پۇر كېتىدۇ؛ پالۋان پالۋانغا پۇتلىشىدۇ، ئىككىسى تەڭ مەغلۇپ بولۇپ يىقىلىدۇ! |
کلامی که خداوند درباره آمدن نبوکدرصرپادشاه بابل و مغلوب ساختن زمین مصر به ارمیانبی گفت: | ۱۳ 13 |
پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ مىسىر زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى توغرۇلۇق يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزى: ــ |
«به مصر خبر دهید و به مجدل اعلام نمایید و به نوف و تحفنحیس اطلاع دهید. بگویید برپا شوید و خویشتن را آماده سازید زیراکه شمشیر مجاورانت را هلاک کرده است. | ۱۴ 14 |
مىسىردا جاكارلا، مىگدولدا ئېلان قىل، نوفتا ۋە تاھپانەستىمۇ ئېلان قىل: چىڭ تۇر، جەڭگە بەل باغلا؛ چۈنكى قىلىچ ئەتراپىڭدىكىلەرنى يۇتۇۋاتىدۇ؛ |
زورآورانت چرا به زیر افکنده میشوند ونمی توانند ایستاد؟ زیرا خداوند ایشان را پراکنده ساخته است. | ۱۵ 15 |
سېنىڭ باتۇرلىرىڭ نېمىشقا سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ؟ ئۇلار چىڭ تۇرالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى سەپتىن ئىتتىرىپ يىقىتىۋېتىدۇ. |
بسیاری را لغزانیده است و ایشان بر یکدیگر میافتند، و میگویند: برخیزید و ازشمشیر بران نزد قوم خود و به زمین مولد خویش برگردیم. | ۱۶ 16 |
ئۇ ئۇلاردىن كۆپلىرىنى پۇتلاشتۇرىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار قاچقاندا بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بولە، تۇرايلى، زومىگەرنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ ئۆز خەلقىمىزگە ۋە ئانا يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتەيلى!» ــ دەيدۇ؛ |
در آنجا فرعون، پادشاه مصر را هالک مینامند و فرصت را از دست داده است. | ۱۷ 17 |
شۇ يەرگە [قايتقاندا] ئۇلار: «مىسىر پادىشاھى پىرەۋن پەقەت بىر قىيقاس-سۈرەن، خالاس! ئۇ پەيتنى بىلمەي ئۆتكۈزىۋەتتى!» ــ دەيدۇ. |
پادشاه که نام او یهوه صبایوت میباشد می گوید به حیات خودم قسم که او مثل تابور، درمیان کوهها و مانند کرمل، نزد دریا خواهد آمد. | ۱۸ 18 |
ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پادىشاھ، نامى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ تاغلار ئارىسىدا تابور تېغى بولغاندەك، كارمەل تېغى دېڭىز بويىدا [ئاسمانغا تاقىشىپ] تۇرغاندەك بىرسى كېلىدۇ. |
ای دختر مصر که در (امنیت ) ساکن هستی، اسباب جلای وطن را برای خود مهیا ساز زیرا که نوف ویران و سوخته و غیرمسکون گردیده است. | ۱۹ 19 |
ئەمدى سەن، ئى مىسىردا تۇرۇۋاتقان قىز، سۈرگۈن بولۇشقا لايىق يۈك-تاقلارنى تەييارلاپ قوي؛ چۈنكى نوف خارابە بولۇپ كۆيدۈرۈلىدۇ، ھېچ ئادەمزاتسىز بولىدۇ. |
مصر گوساله بسیار نیکو منظر است اما هلاکت از طرف شمال میآید و میآید. | ۲۰ 20 |
مىسىر بولسا چىرايلىق بىر ئىنەكتۇر؛ لېكىن ئۇنى نىشان قىلغان بىر كۆكۈيۈن كېلىۋاتىدۇ، شىمالدىن كېلىۋاتىدۇ! |
سپاهیان به مزد گرفته او در میانش مثل گوساله های پرواری میباشند. زیرا که ایشان نیز روتافته، با هم فرارمی کنند و نمی ایستند. چونکه روز هلاکت ایشان و وقت عقوبت ایشان بر ایشان رسیده است. | ۲۱ 21 |
ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ياللانما لەشكەرلەر بولسا بورداق تورپاقلاردەك بولىدۇ؛ ئۇلارمۇ ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىرلىكتە قېچىشىدۇ؛ ئۇلار چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ؛ چۈنكى كۈلپەتلىك كۈن، يەنى جازالىنىش كۈنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. |
آوازه آن مثل مار میرود زیرا که آنها با قوت میخرامند و با تبرها مثل چوب بران بر اومی آیند. | ۲۲ 22 |
[مىسىرنىڭ] ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى [دۈشمەن] قوشۇنلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ئوتۇن كەسكۈچىلەردەك ئۇنىڭغا قارشى پالتىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. |
خداوند میگوید که جنگل او را قطع خواهند نمود اگرچه لایحصی میباشد. زیرا که ایشان از ملخها زیاده و از حد شماره افزونند. | ۲۳ 23 |
ئورمانلىقى قويۇقلۇقىدىن كىرگۈسىز بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنى كېسىپ يىقىتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى كەسكۈچىلەر چېكەتكە توپىدىن كۆپ، سان-ساناقسىز بولىدۇ. |
دختر مصر خجل شده، بهدست قوم شمالی تسلیم گردیده است. | ۲۴ 24 |
مىسىرنىڭ قىزى خىجالەتتە قالدۇرۇلىدۇ؛ ئۇ شىمالىي ئەلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. |
یهوه صبایوت خدای اسرائیل میگوید: اینک من بر آمون نو و فرعون ومصر و خدایانش و پادشاهانش یعنی بر فرعون وآنانی که بر وی توکل دارند، عقوبت خواهم رسانید. | ۲۵ 25 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن نو شەھىرىدىكى بۇت ئاموننى، پىرەۋننى، شۇنداقلا مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن پادىشاھلىرىنى جازالايمەن؛ بەرھەق، پىرەۋن ۋە ئۇنىڭغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛ |
و خداوند میگوید که ایشان را بهدست آنانی که قصد جان ایشان دارند، یعنی بهدست نبوکدرصر پادشاه بابل و بهدست بندگانش تسلیم خواهم کرد و بعد از آن، مثل ایام سابق مسکون خواهد شد. | ۲۶ 26 |
مەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ جېنىنى ئىزدىگۈچىلەر، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ھەم خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. بىراق كېيىن، [مىسىر] قەدىمكى زامانلاردەك قايتىدىن ئاھالىلىك بولىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
اما توای بنده من یعقوب مترس وای اسرائیل هراسان مشو زیرا اینک من تو را از جای دور و ذریت تو را از زمین اسیری ایشان نجات خواهم داد و یعقوب برگشته، درامنیت و استراحت خواهد بود و کسی او را نخواهد ترسانید. | ۲۷ 27 |
لېكىن سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يۇرتتىن، نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ قايتىپ، خاتىرجەملىك ۋە ئارامبەخشتە تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. |
و خداوند میگوید: ای بنده من یعقوب مترس زیرا که من با تو هستم و اگرچه تمام امتها را که تو را در میان آنها پراکنده ساختهام بالکل هلاک سازم لیکن تو را بالکل هلاک نخواهم ساخت. بلکه تو را به انصاف تادیب خواهم نمود و تو را هرگز بیسزا نخواهم گذاشت.» | ۲۸ 28 |
قورقما، ئى قۇلۇم ياقۇپ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن؛ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويمايمەن. |