< حزقیال 42 >

و مرا به صحن بیرونی از راه سمت شمالی بیرون برد و مرا به حجره‌ای که مقابل مکان منفصل و روبروی بنیان بطرف شمال بود آورد. ۱ 1
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا، شىمال تەرىپىگە ئاپاردى؛ ئۇ مېنى يەنە «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي ئۇدۇلىغا جايلاشقان كىچىك خانىلارغا ئاپاردى.
جلو طول صد ذراعی درشمالی بود و عرضش پنجاه ذراع بود. ۲ 2
خانىلارنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى؛ ئۇلارنىڭ كىرىش يولى شىمالغا قارايتتى؛ [خانىلارنىڭ] جەمئىي كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى.
مقابل بیست ذراع که از آن صحن اندرونی بود و مقابل سنگفرشی که از صحن بیرونی بود دهلیزی روبروی دهلیزی در سه طبقه بود. ۳ 3
خانىلار ئىچكى ھويلىغا تەۋە يىگىرمە گەز كەڭلىكتىكى «بوش يەر»گە قارايتتى، شۇنداقلا سىرتقى ھويلىغا تەۋە «تاش تاختايلىق سۇپا»نىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى. ئۈچ قەۋەتلىك خانىلارنىڭ كارىدورىنىڭ بىر تەرىپىدىكى خانىلار يەنە بىر تەرىپىدىكى خانىلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى.
و پیش روی حجره‌ها بطرف اندرون خرندی به عرض ده ذراع بود و راهی یک ذراع و درهای آنها بطرف شمال بود. ۴ 4
خانىلارنىڭ ئالدىدا ئون گەز كەڭلىكتە، يۈز گەز ئۇزۇنلۇقتا بىر كارىدور بار ئىدى. خانىلارنىڭ ئىشىكلىرى شىمالغا قارايتتى؛
و حجره های فوقانی کوتاه بود زیرا که دهلیزها از آنها می‌گرفتند بیشتر از آنچه آنها ازحجره های تحتانی و وسطی بنیان می‌گرفتند. ۵ 5
يۇقىرىدىكى خانىلار تۆۋەندىكى ۋە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆيلەردىن تار ئىدى؛ چۈنكى كارىدورلار كۆپ ئورۇننى ئىگىلىۋالغانىدى.
چونکه سه طبقه بود و ستونها مثل ستونهای صحن‌ها نداشت و از این سبب، طبقه فوقانی ازطبقات تحتانی و وسطی از زمین تنگتر می‌شد. ۶ 6
خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك ئىدى؛ بىراق ھويلىغا تۇتاش خانىلارنىڭكىدەك تۈۋرۈكلىرى بولمىغاچقا، ئۈچىنچى قەۋەتتىكى خانىلار ئاستىنقى قەۋەتتىكى ۋە ئوتتۇرىدىكى خانىلاردىن تار ئىدى.
وطول دیواری که بطرف بیرون مقابل حجره هابسوی صحن بیرونی روبروی حجره‌ها بود پنجاه ذراع بود. ۷ 7
سىرتتىكى خانىلارنىڭ يېنىدىكى، يەنى ھويلىنى خانىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان سىرتقى تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى.
زیرا طول حجره هایی که در صحن بیرونی بود پنجاه ذراع بود و اینک جلو هیکل صدذراع بود. ۸ 8
سىرتقى ھويلىغا تۇتاشقان خانىلارنىڭ بولسا، جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز ئىدى؛ مانا، مۇقەددەسخانىغا قارايدىغان تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى.
و زیر این حجره‌ها از طرف شرقی مدخلی بود که از آن به آنها از صحن بیرونی داخل می‌شدند. ۹ 9
بۇ خانىلار ئاستىدا، سىرتقى ھويلىدىن كىرىدىغان، شەرق تەرەپكە قارايدىغان بىر كىرىش يولى بار ئىدى.
و در حجم دیوار صحن که بطرف مشرق بود پیش روی مکان منفصل و مقابل بنیان حجره‌ها بود. ۱۰ 10
ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە، شەرقىي تەرىپىگە قارايدىغان ئىچكى ھويلىدىكى تامنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولغان، «بوش يەر»گە تۇتاشقان، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىگە قارايدىغان خانىلار بار ئىدى؛
و راه مقابل آنها مثل نمایش راه حجره های سمت شمال بود، عرض آنها مطابق طول آنها بود و تمامی مخرج های اینها مثل رسم آنها و درهای آنها. ۱۱ 11
ئۇلارنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كارىدور بار ئىدى؛ ئۇلار شىمالغا قارايدىغان خانىلارغا ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى، بارلىق چىقىش يوللىرى، شەكلى ۋە ئىشىكلىرى ئوخشاش ئىدى.
و مثل درهای حجره های سمت جنوب دری بر سر راه بود یعنی بر راهی که راست پیش روی دیوار مشرقی بود جایی که به آنها داخل می‌شدند. ۱۲ 12
جەنۇبقا قارايدىغان بىر يۈرۈش خانىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدورنىڭ بېشىدا بىر كىرىش يولى بار ئىدى؛ بۇ كىرىش يولىمۇ شەرققە قارايدىغان تامنىڭ يېنىدا ئىدى.
و مرا گفت: «حجره های شمالی وحجره های جنوبی که پیش روی مکان منفصل است، حجره های مقدس می‌باشد که کاهنانی که به خداوند نزدیک می‌آیند قدس اقداس را درآنها می‌خورند و قدس اقداس و هدایای آردی وقربانی های گناه و قربانی های جرم را در آنهامی گذارند زیرا که این مکان مقدس است. ۱۳ 13
ۋە ئۇ ماڭا: «[ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىدىكى] «بوش يەر»گە تۇتاشلىق بۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي يۈرۈش خانىلار بولسا، مۇقەددەس خانىلاردۇر؛ پەرۋەردىگارغا يېقىنلىشالايدىغان كاھىنلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى يەيدۇ. ئۇلار شۇ يەرلەردە «ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەر»نى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلەرنى، گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى قويىدۇ؛ چۈنكى شۇ يەرلەر مۇقەددەستۇر.
وچون کاهنان داخل آنها می‌شوند دیگر از قدس به صحن بیرونی بیرون نمی آیند بلکه لباسهای خودرا که در آنها خدمت می‌کنند در آنها می‌گذارندزیرا که آنها مقدس می‌باشد و لباس دیگرپوشیده، به آنچه به قوم تعلق دارد نزدیک می‌آیند.» ۱۴ 14
كاھىنلار خۇدا ئالدىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار «مۇقەددەس جاي»دىن بىۋاسىتە سىرتقى ھويلىغا چىقمايدۇ، بەلكى شۇ يەرگە خىزمەت كىيىمىنى سېلىپ قويىدۇ، چۈنكى بۇ كىيىملەر مۇقەددەستۇر. ئۇلار پەقەت باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، ئاندىن جامائەت تۇرغان يەرگە چىقىدۇ» ــ دېدى.
و چون پیمایشهای خانه اندرونی را به اتمام رسانید، مرا بسوی دروازه‌ای که رویش به سمت مشرق بود بیرون آورد و آن را از هر طرف پیمود. ۱۵ 15
ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى كۆلىمىنى ئۆلچىگەندىن كېيىن، ئۇ مېنى شەرققە قارايدىغان دەرۋزىدىن چىقاردى ۋە ئەتراپىدىكى تامنى ئۆلچىدى.
جانب شرقی آن را به نی پیمایش، پانصد نی پیمود یعنی به نی پیمایش آن را از هرطرف (پیمود). ۱۶ 16
ئۇ شەرقىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
و جانب شمالی را به نی پیمایش از هر طرف پانصد نی پیمود. ۱۷ 17
ئۇ شىمالىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
و جانب جنوبی را به نی پیمایش، پانصد نی پیمود. ۱۸ 18
ئۇ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
پس به سوی جانب غربی برگشته، آن را به نی پیمایش پانصد نی پیمود. ۱۹ 19
ئۇ غەربىي تەرىپىگە بۇرۇلۇپ، ئۆلچەم خادىسى بىلەن ئۆلچىدى؛ ئۇ بەش يۈز خادا چىقتى.
هر‌چهار جانب آن را پیمود وآن را دیواری بود که طولش پانصد و عرضش پانصد (نی ) بود تا در میان مقدس و غیرمقدس فرق گذارد. ۲۰ 20
ئۇ تۆت تەرىپىنى ئۆلچىدى؛ ئەتراپىدا ئاۋام بىلەن پاك-مۇقەددەس بولغان جايلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان، ئۇزۇنلۇقى بەش يۈز [خادا]، كەڭلىكى بەش يۈز [خادا] تام بار ئىدى.

< حزقیال 42 >