< جامعه 6 >

مصیبتی هست که زیر آفتاب دیدم و آن برمردمان سنگین است: ۱ 1
قۇياش ئاستىدا بىر يامان ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇ ئىش ئادەملەر ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ ــ
کسی‌که خدا به اودولت و اموال و عزت دهد، به حدی که هر‌چه جانش آرزو کند برایش باقی نباشد، اما خدا او راقوت نداده باشد که از آن بخورد بلکه مرد غریبی از آن بخورد. این نیز بطالت و مصیبت سخت است. ۲ 2
خۇدا بىرسىگە بايلىقلار، مال-دۇنيا ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تەقسىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلى خالىغىنىدىن ھېچنەرسىسى كەم بولمىدى؛ بىراق خۇدا ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلمىدى، بەلكى يات بىر ئادەم ئۇلاردىن ھۇزۇر ئالىدۇ؛ مانا بۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر ئازابتۇر.
اگر کسی صد پسر بیاورد و سالهای بسیار زندگانی نماید، به طوری که ایام سالهایش بسیارباشد اما جانش از نیکویی سیر نشود و برایش جنازه‌ای برپا نکنند، می‌گویم که سقطشده از اوبهتر است. ۳ 3
بىرسى يۈز بالا كۆرۈپ كۆپ يىل ياشىشى مۇمكىن؛ بىراق ئۇنىڭ يىل-كۈنلىرى شۇنچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ جېنى بەختنى كۆرمىسە، ھەتتا گۆرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، تۇغۇلۇپ چاچراپ كەتكەن بوۋاق ئۇنىڭدىن ئەۋزەلدۇر دەيمەن.
زیرا که این به بطالت آمد و به تاریکی رفت و نام او در ظلمت مخفی شد. ۴ 4
چۈنكى چاچرىغان بالا بىمەنىلىك بىلەن كېلىدۇ، قاراڭغۇلۇقتا كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئىسمىنى قاپلايدۇ؛
و آفتاب رانیز ندید و ندانست. این بیشتر از آن آرامی دارد. ۵ 5
ئۇ كۈننىمۇ كۆرمىگەن، بىلمىگەن؛ بىراق ھېچ بولمىغاندا ئۇ بىرىنچىسىگە نىسبەتەن ئارام تاپقاندۇر.
و اگر هزار سال بلکه دو چندان آن زیست کند ونیکویی را نبیند، آیا همه به یکجا نمی روند؟ ۶ 6
بەرھەق، ھېلىقى كىشى ھەتتا ئىككى ھەسسە مىڭ يىل ياشىغان بولسىمۇ، بىراق بەختنى كۆرمىسە، ئەھۋالى ئوخشاشتۇر ــ ھەربىر كىشى ئوخشاش بىر جايغا بارىدۇ ئەمەسمۇ؟
تمامی مشقت انسان برای دهانش می‌باشد؛ ومعهذا جان او سیر نمی شود. ۷ 7
ئادەمنىڭ تارتقان بارلىق جاپاسى ئۆز ئاغزى ئۈچۈندۇر؛ بىراق ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ھەرگىز قانمايدۇ.
زیرا که مرد حکیم را از احمق چه برتری است؟ و برای فقیری که می‌داند چه طور پیش زندگان سلوک نماید، چه فایده است؟ ۸ 8
شۇنداقتا دانا كىشىنىڭ ئەخمەقتىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بولسۇن؟ نامرات كىشى باشقىلار ئالدىدا قانداق مېڭىشنى بىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟
رویت چشم از شهوت نفس بهتر است. این نیز بطالت و در‌پی باد زحمت کشیدن است. ۹ 9
كۆزنىڭ كۆرۈشى ئارزۇ-ھەۋەسنىڭ ئۇيان-بۇيان يۈرۈشىدىن ئەۋزەلدۇر. بۇنداق قىلىشمۇ بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتۇر.
هرچه بوده است به اسم خود از زمان قدیم مسمی شده است و دانسته شده است که او آدم است و به آن کسی‌که از آن تواناتر است منازعه نتواند نمود. ۱۰ 10
ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ بولسا ئاللىقاچان نامى بېكىتىلىپ ئاتالغان؛ ئىنساننىڭ نېمە ئىكەنلىكىمۇ ئايان بولغان؛ شۇڭا ئىنساننىڭ ئۆزىدىن قۇدرەتلىك بولغۇچى بىلەن قارشىلىشىشىغا بولمايدۇ.
چونکه چیزهای بسیار هست که بطالت رامی افزاید. پس انسان را چه فضیلت است؟ ۱۱ 11
چۈنكى گەپ قانچە كۆپ بولسا، بىمەنىلىك شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ بۇنىڭ ئىنسانغا نېمە پايدىسى؟
زیراکیست که بداند چه چیز برای زندگانی انسان نیکواست، در مدت ایام حیات باطل وی که آنها رامثل سایه صرف می‌نماید؟ و کیست که انسان را ازآنچه بعد از او زیر آفتاب واقع خواهد شد مخبرسازد؟ ۱۲ 12
چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆمرىدە، يەنى ئۇنىڭ سايىدەك تېزلا ئۆتىدىغان مەنىسىز ئۆمرىدىكى بارلىق كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن؟ چۈنكى ئىنسانغا ئۇ كەتكەندىن كېيىن قۇياش ئاستىدا نېمە ئىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كىم دەپ بېرەلىسۇن؟

< جامعه 6 >