و قوم زمین، یهوآحاز بن یوشیا راگرفته، او را در جای پدرش در اورشلیم به پادشاهی نصب نمودند. | ۱ 1 |
[يەھۇدا] زېمىنىدىكى خەلق يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاھازنى تاللاپ، يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. |
یهوآحاز بیست و سه ساله بود که پادشاه شد و در اورشلیم سه ماه سلطنت نمود. | ۲ 2 |
يەھوئاھاز تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى؛ ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي سەلتەنەت قىلدى. |
و پادشاه مصر، او را در اورشلیم معزول نمود و زمین را به صد وزنه نقره و یک وزنه طلا جریمه کرد. | ۳ 3 |
مىسىر پادىشاھى ئۇنى يېرۇسالېمدا پادىشاھلىقتىن بىكار قىلدى ۋە يەھۇدا زېمىنىغا بىر يۈز تالانت كۈمۈش، بىر تالانت ئالتۇن جەرىمانە قويدى. |
و پادشاه مصر، برادرش الیاقیم را بر یهودا و اورشلیم پادشاه ساخت، و اسم او رابه یهویاقیم تبدیل نمود، و نکو برادرش یهوآحازرا گرفته، به مصر برد. | ۴ 4 |
ئاندىن مىسىر پادىشاھى يەھوئاھازنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىنىسى ئېلىئاكىمنى يەھۇدا بىلەن يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھوئاكىمغا ئۆزگەرتتى؛ ئاندىن نەقو ئىنىسى يەھوئاھازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. |
یهویاقیم بیست و پنج ساله بود که پادشاه شد و یازده سال در اورشلیم سلطنت نمود، و درنظر یهوه خدای خود شرارت ورزید. | ۵ 5 |
يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. |
ونبوکدنصر پادشاه بابل به ضد او برآمد و او را به زنجیرها بست تا او را به بابل ببرد. | ۶ 6 |
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغىلى چىقىپ، ئۇنى مىس زەنجىر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. |
و نبوکدنصربعضی از ظروف خانه خداوند را به بابل آورده، آنها را در قصر خود در بابل گذاشت. | ۷ 7 |
نېبۇقادنەسار يەنە پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى بىر قىسىم ئەسۋاب-بۇيۇملارنى بابىلغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ بابىلدىكى بۇتخانىسىغا قويدى. |
و بقیه وقایع یهویاقیم و رجاساتی که به عمل آورد وآنچه در او یافت شد، اینک در تواریخ پادشاهان اسرائیل و یهودا مکتوب است، و پسرش یهویاکین در جایش پادشاهی کرد. | ۸ 8 |
يەھوئاكىمنىڭ قالغان ئىشلىرى، ئۇنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرى، ئۇنىڭدىكى ئەيىبلەر بولسا مانا، «ئىسرائىل ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ-تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ ئوغلى يەھوئاكىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. |
یهویاکین هشت ساله بود که پادشاه شد و سه ماه و ده روز در اورشلیم سلطنت نمود و آنچه درنظر خداوند ناپسند بود، به عمل آورد. | ۹ 9 |
يەھوئاكىن تەختكە چىققان چېغىدا ئون سەككىز ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى. |
و در وقت تحویل سال، نبوکدنصر پادشاه فرستاد و اورا با ظروف گرانبهای خانه خداوند به بابل آورد، و برادرش صدقیا را بر یهودا و اورشلیم پادشاه ساخت. | ۱۰ 10 |
يېڭى يىل ئۆتكەندە، نېبوقادنەسار ئادەم ئەۋەتىپ يەھوئاكىننى پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى ئېسىل بۇيۇملار بىلەن بىرلىكتە بابىلغا ئەكەلدۈرۈپ، يەھوئاكىننىڭ تاغىسى زەدەكىيانى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. |
صدقیا بیست و یکساله بود که پادشاه شد ویازده سال در اورشلیم سلطنت نمود. | ۱۱ 11 |
زەدەكىيا تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بىر ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ |
و در نظریهوه خدای خود شرارت ورزیده، در حضورارمیای نبی که از زبان خداوند به او سخن گفت، تواضع ننمود. | ۱۲ 12 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرەمىيانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن قىلمىدى؛ |
و نیز بر نبوکدنصر پادشاه که اورا به خدا قسم داده بود عاصی شد و گردن خود راقوی و دل خویش را سخت ساخته، به سوی یهوه خدای اسرائیل بازگشت ننمود. | ۱۳ 13 |
ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ نامىدا [بېقىنىش] قەسىمىنى ئىچكۈزگەن نېبوقادنەساردىن يۈز ئۆرىدى؛ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا توۋا قىلىپ يېنىشقا كۆڭلىنى جاھىل قىلدى. |
و تمامی روسای کهنه و قوم، خیانت بسیاری موافق همه رجاسات امتها ورزیدند و خانه خداوند را که آن را در اورشلیم تقدیس نموده بود، نجس ساختند. | ۱۴ 14 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، كاھىنلارنىڭ بارلىق باشلىرى بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى يات ئەللىكلەرنىڭ ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى دوراپ، ئاسىيلىقلىرىنى ئاشۇردى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئۆزىگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان ئۆينى بۇلغىۋەتتى. |
و یهوه خدای پدر ایشان بهدست رسولان خویش نزد ایشان فرستاد، بلکه صبح زودبرخاسته، ایشان را ارسال نمود زیرا که بر قوم خود و بر مسکن خویش شفقت نمود. | ۱۵ 15 |
ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە ۋە تۇرالغۇسىغا ئىچىنى ئاغرىتقاچقا، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. |
اماایشان رسولان خدا را اهانت نمودند و کلام او راخوار شمرده، انبیایش را استهزا نمودند، چنانکه غضب خداوند بر قوم او افروخته شد، به حدی که علاجی نبود. | ۱۶ 16 |
بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. |
پس پادشاه کلدانیان را که جوانان ایشان رادر خانه مقدس ایشان به شمشیر کشت و برجوانان و دوشیزگان و پیران و ریش سفیدان ترحم ننمود، بر ایشان آورد و همه را بهدست او تسلیم کرد. | ۱۷ 17 |
پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز-يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ [خۇدا] بۇلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە] پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى. |
و او سایر ظروف خانه خدا را از بزرگ وکوچک و خزانه های خانه خداوند و گنجهای پادشاه و سرورانش را تمام به بابل برد. | ۱۸ 18 |
كالدىيە پادىشاھى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى چوڭ-كىچىك دېمەي، بارلىق قاچا-بۇيۇملارنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار ئۆيىدىكى خەزىنىلەرنى، شۇنىڭدەك پادىشاھنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ خەزىنىلىرىنى قويماي، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. |
و خانه خدا را سوزانیدند و حصار اورشلیم را منهدم ساختند و همه قصرهایش را به آتش سوزانیدندو جمیع آلات نفیسه آنها را ضایع کردند. | ۱۹ 19 |
كالدىيلەر خۇدانىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىنى چېقىۋەتتى، شەھەردىكى ھەممە ئوردا-قورغانلارغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمدىكى بارلىق قىممەتلىك قاچا-بۇيۇملارنى چېقىپ كۇكۇم-تالقان قىلدى. |
وبقیه السیف را به بابل به اسیری برد که ایشان تازمان سلطنت پادشاهان فارس او را و پسرانش رابنده بودند. | ۲۰ 20 |
قىلىچتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە پادىشاھى] بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتتى؛ ئۇلار تاكى پارس پادىشاھلىقىنىڭ سەلتەنىتىكىچە بابىل پادىشاھى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ تۇردى. |
تا کلام خداوند به زبان ارمیا کامل شود و زمین از سبت های خود تمتع برد زیرا درتمامی ایامی که ویران ماند آرامی یافت، تا هفتادسال سپری شد. | ۲۱ 21 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ۋاستىسى بىلەن [ئالدىن] ئېيتقان [ئاگاھ] سۆزى ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن بولدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئۆزىگە تېگىشلىك شابات كۈنلىرىگە مۇيەسسەر بولدى؛ چۈنكى زېمىن يەتمىش يىل توشقۇچە خارابىلىكتە تۇرۇپ «شابات تۇتۇپ» دەم ئېلىپ راھەتلەندى. |
و در سال اول کورش، پادشاه فارس، تاکلام خداوند به زبان ارمیا کامل شود، خداوندروح کورش، پادشاه فارس را برانگیخت تا درتمامی ممالک خود فرمانی نافذ کرد و آن را نیزمرقوم داشت و گفت: | ۲۲ 22 |
«کورش، پادشاه فارس چنین میفرماید: یهوه خدای آسمانها، تمامی ممالک زمین را به من داده است و او مرا امر فرمودکه خانهای برای وی در اورشلیم که در یهودااست بنا نمایم. پس کیست از شما از تمامی قوم او؟ یهوه خدایش همراهش باشد و برود.» | ۲۳ 23 |