< دوم تواریخ 32 >

و بعد از این امور و این امانت، سنخاریب، پادشاه آشور آمده، به یهودا داخل شد، و به ضد شهرهای حصارداراردو زده، خواست که آنها را برای خود مفتوح نماید. ۱ 1
بۇ بارلىق ئىشلارنى ۋە ساداقەتلىك ئەمەللەرنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇداغا تاجاۋۇز قىلىپ، قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قورشىۋالدى.
و چون حزقیا دید که سنخاریب آمده است و قصد مقاتله با اورشلیم دارد، ۲ 2
ھەزەكىيا سەنناخېرىبنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندە،
آنگاه باسرداران و شجاعان خود مشورت کرد که آب چشمه های بیرون شهر را مسدود نماید. پس اورااعانت کردند. ۳ 3
ئەمەلدارلىرى ۋە باتۇر ئەزىمەتلىرى بىلەن شەھەر سىرتىدىكى بۇلاق-ئېرىقلارنى توسۇۋېتىش توغرۇلۇق مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ئۇنى قوللىدى.
و خلق بسیاری جمع شده، همه چشمه‌ها و نهری را که از میان زمین جاری بودمسدود کردند، و گفتند: «چرا باید پادشاهان آشور بیایند و آب فراوان بیابند؟» ۴ 4
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ: «نېمە ئۈچۈن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىغا مول سۇ مەنبەسىنى تېپىۋېلىشىغا قالدۇرىدىكەنمىز؟» دەپ بارلىق بۇلاق كۆزلىرىنى ئېتىۋەتتى ۋە ئۇ يۇرت ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىقنى توسۇۋەتتى.
پس خویشتن را تقویت داده، تمامی حصار را که شکسته بود، تعمیر نمود و آن را تا برجها بلند نمود و حصاردیگری بیرون آن بنا کرد و ملو را در شهر داودمستحکم نمود و اسلحه‌ها و سپرهای بسیاری ساخت. ۵ 5
ھەزەكىيا ئۆزىنى غەيرەتلەندۈرۈپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن سېپىللارنى يېڭىباشتىن ئوڭلاتتى، ئۈستىگە قاراۋۇلخانىلارنى سالدۇردى، يەنە بىر تاشقى سېپىلمۇ ياساتتى ھەمدە داۋۇت شەھىرىدىكى «مىللو» قەلئەسىنى مۇستەھكەملىدى؛ ئۇ يەنە نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلارنى ياساتتى.
و سرداران جنگی بر قوم گماشت وایشان را در جای وسیع نزد دروازه شهر جمع کرده، سخنان دلاویز به ایشان گفت ۶ 6
ئۇ خەلقنىڭ ئۈستىگە سەردارلارنى تەيىنلىدى ئاندىن ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىدىكى مەيدانغا، ئۆز ئالدىغا يىغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئىلھام-رىغبەت بېرىپ:
که «دلیر وقوی باشید! و از پادشاه آشور و تمامی جمیعتی که با وی هستند، ترسان و هراسان مشوید! زیرا آنکه با ماست از آنکه با وی است قوی تر می‌باشد. ۷ 7
ــ ئىرادەڭلارنى چىڭ قىلىپ باتۇر بولۇڭلار، ئاسۇرىيە پادىشاھىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن زور قوشۇندىن قورقماڭلار ياكى ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بىز بىلەن بىرگە بولغۇچىلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغۇچىلاردىن كۆپتۇر.
با او بازوی بشری است و با ما یهوه خدای مااست تا ما را نصرت دهد و در جنگهای ما جنگ کند.» پس قوم بر سخنان حزقیا پادشاه یهودااعتماد نمودند. ۸ 8
ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغىنى ناھايىتى بىر ئىنسانىي ئەتلىك بىلەك، خالاس؛ لېكىن بىز بىلەن بىللە بولغۇچى بولسا بىزگە مەدەتكار بولۇپ، بىز ئۈچۈن جەڭ قىلغۇچى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار باردۇر! ــ دېدى. خەلق يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ تاياندى.
و بعد از آن سنخاریب، پادشاه آشور، بندگان خود را به اورشلیم فرستاد و خودش با تمامی حشمتش در برابر لاکیش بودند که به حزقیاپادشاه یهودا و تمامی یهودا که در اورشلیم بودند، بگویند: ۹ 9
شۇنىڭدىن كېيىن ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب پۈتكۈل كۈچ-قوشۇنى بىلەن لاقىش شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ شۇ چاغدا ئۇ خىزمەتكارلىرىنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىياغا، شۇنداقلا يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق يەھۇدالارغا ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ: ــ
«سنخاریب پادشاه آشورچنین می‌فرماید: بر چه چیز اعتماد دارید که درمحاصره در اورشلیم می‌مانید؟ ۱۰ 10
«ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب: «يېرۇسالېم مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرۇقلۇق، سىلەر زادى نېمىگە تايىنىپ ئۇنىڭدا تېخىچە تۇرۇۋاتىسىلەر؟
آیا حزقیا شمارا اغوا نمی کند تا شما را با قحط و تشنگی به موت تسلیم نماید که می‌گوید: یهوه خدای ما، مارا از دست پادشاه آشور رهایی خواهد داد؟ ۱۱ 11
ھەزەكىيا سىلەرگە: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ»، دەپ ئىشەندۈرۈپ، سىلەرنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈمگە تاپشۇرماقچى بولۇۋاتمامدۇ؟
آیا همین حزقیا مکانهای بلند و مذبحهای اورا منهدم نساخته، و به یهودا و اورشلیم امرنفرموده و نگفته است که پیش یک مذبح سجده نمایید و بر آن بخور بسوزانید؟ ۱۲ 12
شۇ ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئاندىن يەھۇدادىكى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: ــ «سىلەر بىرلا قۇربانگاھ ئالدىدا سەجدە قىلىسىلەر ۋە شۇنىڭ ئۈستىگىلا خۇشبۇي ياقىسىلەر» دەپ ئەمر قىلغان ئەمەسمىدى؟
آیا نمی دانیدکه من و پدرانم به همه طوایف کشورها چه کرده‌ایم؟ مگر خدایان امت های آن کشورها هیچ قدرتی داشتند که زمین خود را از دست من برهانند؟ ۱۳ 13
مېنىڭ ۋە مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ بارلىق ئەل خەلقلىرىگە نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى ئۆز زېمىنىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزۇشقا بىرەر ئامال قىلالىغانمۇ؟
کدام‌یک از همه خدایان این امت هایی که پدران من آنها را هلاک ساخته‌اند، قادر بر رهانیدن قوم خود از دست من بود تاخدای شما قادر باشد که شما را از دست من رهایی دهد؟ ۱۴ 14
مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقان ئەشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ بۇت-ئىلاھلىرىنىڭ قايسىبىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامتى؟
پس حال، حزقیا شما را فریب ندهد و شما را به اینطور اغوا ننماید و بر اواعتماد منمایید، زیرا هیچ خدا از خدایان جمیع امت‌ها و ممالک قادر نبوده است که قوم خود را ازدست من و از دست پدرانم رهایی دهد، پس به طریق اولی خدای شما شما را از دست من نخواهد رهانید.» ۱۵ 15
سىلەر ئەمدى ھەزەكىياغا ئالدانماڭلار، سىلەرنى شۇنداق قايىل قىلىشىغا يول قويماڭلار ياكى ئۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ ئولتۇرماڭلار؛ چۈنكى مەيلى قايسى ئەلنىڭ، قايسى پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى بولسۇن، ھېچقايسىسى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن ياكى مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزۇپ چىقالمىدى؛ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ» ــ دېدى.
و بندگانش سخنان زیاده به ضد یهوه خدا وبه ضد بنده‌اش حزقیا گفتند. ۱۶ 16
[سەنناخېرىبنىڭ] خىزمەتكارلىرى داۋاملىق يەنە پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى ھەزەكىيانى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنىمۇ قىلدى.
و مکتوبی نیزنوشته، یهوه خدای اسرائیل را اهانت نمود و به ضد وی حرف زده، گفت: «چنانکه خدایان امت های کشورها قوم خود را از دست من رهایی ندادند، همچنین خدای حزقیا قوم خویش را ازدست من نخواهد رهانید.» ۱۷ 17
ئاندىن سەنناخېرىب تېخى خەت يېزىپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلەپ، زاڭلىق قىلىپ: «خۇددى ھەرقايسى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمىغاندەك، ھەزەكىيانىڭ خۇداسىمۇ ئۇنىڭ خەلقىنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزالمايدۇ» دېدى.
و به آواز بلند به زبان یهود به اهل اورشلیم که بر دیوار بودند، ندادر‌دادند تا ایشان را ترسان و مشوش ساخته، شهررا بگیرند. ۱۸ 18
ئۇلار شەھەرنى ئېلىش غەرىزىدە يېرۇسالېم سېپىلىدە تۇرۇۋاتقان خەلقنى قورقۇتۇپ، پاتىپاراقچىلىققا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن يەھۇدىي تىلىدا ئۈنلۈك توۋلاپ تۇردى.
و درباره خدای اورشلیم مثل خدایان امت های جهان که مصنوع دست آدمیان می‌باشند، سخن‌گفتند. ۱۹ 19
ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنى خۇددى يەر يۈزىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىنساننىڭ قولىدا ياسالغان ئىلاھلىرىغا ئوخشىتىپ سۆزلىدى.
پس حزقیا پادشاه و اشعیاء ابن آموص نبی درباره این دعا کردند و به سوی آسمان فریادبرآوردند. ۲۰ 20
شۇنىڭ تۈپەيلىدىن ھەزەكىيا پادىشاھ ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر دۇئا قىلىپ ئاسمانغا قاراپ نىدا قىلىۋىدى،
و خداوند فرشته‌ای فرستاده، همه شجاعان جنگی و روسا و سرداران را که دراردوی پادشاه آشور بودند، هلاک ساخت و او باروی شرمنده به زمین خود مراجعت نمود. وچون به خانه خدای خویش داخل شد، آنانی که از صلبش بیرون آمده بودند، او را در آنجا به شمشیر کشتند. ۲۱ 21
پەرۋەردىگار بىر پەرىشتە ئەۋەتتى، ئۇ ئاسۇرىيە پادىشاھى قوشۇنىنىڭ لەشكەرگاھىغا كىرىپ، پۈتكۈل باتۇر جەڭچىلەرنى، ئەمەلدالار ۋە سەردارلارنى قويماي قىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسۇرىيە پادىشاھى شەرمەندە بولۇپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگەن چېغىدا ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغۇللىرى ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.
پس خداوند حزقیا و سکنه اورشلیم را از دست سنحاریب پادشاه آشور و ازدست همه رهایی داده، ایشان را از هر طرف نگاهداری نمود. ۲۲ 22
ئەنە شۇ تەرىقىدە، پەرۋەردىگار ھەزەكىيانى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىبنىڭ ۋە باشقا بارلىق دۈشمەنلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى ۋە ئۇلارنى ھەر تەرەپتە قوغدىدى.
و بسیاری هدایا به اورشلیم برای خداوند و پیشکشها برای حزقیا پادشاه یهودا آوردند و او بعد از آن به نظر همه امت هامحترم شد. ۲۳ 23
نۇرغۇن كىشىلەر ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئەكەلدى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئېسىل نەرسىلەرنى ئەكىلىپ يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا سۇندى؛ شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ھەزەكىيا بارلىق ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.
و در آن ایام حزقیا بیمار و مشرف به موت شد. اما چون نزد خداوند دعا نمود، او با وی تکلم کرد و وی را علامتی داد. ۲۴ 24
شۇ كۈنلەردە ھەزەكىيا كېسەل بولۇپ ساكراتقا چۈشۈپ قالدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلدى ۋە پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتتى.
لیکن حزقیا موافق احسانی که به وی داده شده بود، عمل ننمود زیرادلش مغرور شد و غضب بر او و یهودا و اورشلیم افروخته گردید. ۲۵ 25
لېكىن ھەزەكىيا ئۆزىگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپاتقا مۇۋاپىق تەشەككۈر ئېيتمىدى؛ ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. شۇڭا خۇدانىڭ غەزىپى ئۇنىڭغا ۋە شۇنىڭدەك يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە قوزغالدى.
اما حزقیا با ساکنان اورشلیم، از غرور دلش تواضع نمود، لهذا غضب خداونددر ایام حزقیا بر ایشان نازل نشد. ۲۶ 26
لېكىن ھەزەكىيا ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر تەكەببۇرلىقىدىن يېنىپ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ يۈرگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ھەزەكىيانىڭ كۈنلىرىدە ئۇلارغا چۈشمىدى.
و حزقیا دولت و حشمت بسیار عظیمی داشت و به جهت خود مخزنها برای نقره و طلا وسنگهای گرانبها و عطریات و سپرها و هر گونه اسباب نفیسه ساخت. ۲۷ 27
ھەزەكىيانىڭ دۇنياسى تولىمۇ كۆپ، ئىززەت-ھۆرمىتى قەۋەتلا يۇقىرى ئىدى؛ ئۇ ئۆزىگە ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر-ياقۇت، خۇشبۇي دورا-دەرمەك، قالقان ۋە ھەرخىل قىممەتلىك بۇيۇملارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەرنى سالدۇردى؛
و انبارها برای محصولات از گندم و شیره و روغن و آخرها برای انواع بهایم و آغلها به جهت گله‌ها. ۲۸ 28
ئۇ يەنە ئاشلىق، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيى ساقلايدىغان ئامبارلارنى، يەنە ھەر تۈرلۈك ماللار ۋە پادىلىرى ئۈچۈن ئېغىل-قوتانلارنى سالدۇردى.
و به جهت خود شهرها ساخت و مواشی گله‌ها و رمه های بسیار تحصیل نمود زیرا خدا اندوخته های بسیارفراوان به او عطا فرمود. ۲۹ 29
ئۇ ئۆزىگە شەھەرلەر بىنا قىلدۇردى ۋە نۇرغۇن قوي-كالىلارغا ئىگە بولدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا غايەت كۆپ دەپئىنە-دۇنيا ئاتا قىلغانىدى.
و همین حزقیا منبع عالی آب جیحون را مسدود ساخته، آن را به راه راست به طرف غربی شهر داود فرود آورد. پس حزقیا در تمامی اعمالش کامیاب شد. ۳۰ 30
ھەزەكىيادىن ئىبارەت بۇ كىشى گىھون ئېقىنىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۇنى توسۇپ، سۇنى توپتوغرا داۋۇت شەھىرىنىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە ئېقىپ كېلىدىغان قىلغانىدى. ھەزەكىيا بارلىق قىلغان ئەمەللىرىدە روناق تاپتى.
اما درامر ایلچیان سرداران بابل که نزد وی فرستاده شده بودند تا درباره آیتی که در زمین ظاهر شده بودپرسش نمایند، خدا او را واگذاشت تا او راامتحان نماید و هر‌چه در دلش بود بداند. ۳۱ 31
ھالبۇكى، بابىل ئەمىرلىرىنىڭ ئەلچىلىرى كېلىپ ھەزەكىيا بىلەن كۆرۈشۈپ، يەھۇدا زېمىنىدا يۈز بەرگەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەت توغرۇلۇق گەپ سورىغان چاغدا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى مەلۇم قىلىشقا سىنىماقچى، خۇدا ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كەتتى.
و بقیه وقایع حزقیا و حسنات او اینک دررویای اشعیا ابن آموص نبی و در تواریخ پادشاهان یهودا و اسرائیل مکتوب است. ۳۲ 32
ھەزەكىيانىڭ قالغان ئىشلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى بولسا، مانا ئۇلار «يەھۇدا ۋە ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخنامىسى»دا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ كۆرگەن ۋەھىيلىك خاتىرىسىدە پۈتۈلگەندۇر.
پس حزقیا با پدران خود خوابید و او را در بلندی مقبره پسران داود دفن کردند، و تمامی یهودا وساکنان اورشلیم او را در حین وفاتش اکرام نمودند، و پسرش منسی در جایش سلطنت نمود. ۳۳ 33
ھەزەكىيا ئاتا-بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى؛ ئۇلار ئۇنى داۋۇت ئەۋلادلىرى قەبرىستانلىقى ئېگىزلىكىدە دەپنە قىلدى؛ ئۇ ئۆلگەن چاغدا بارلىق يەھۇدا خەلقى بىلەن يېرۇسالېمدىكىلەر ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ماناسسەھ پادىشاھ بولدى.

< دوم تواریخ 32 >