< Sefanias 1 >

1 Dette er Herrens ord som kom til Sefanias, sønn av Kusi, sønn av Gedalja, sønn av Amarja, sønn av Esekias, i de dager da Josias, Amons sønn, var konge i Juda.
ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، ھەزەكىيانىڭ چەۋرىسى، ئامارىيانىڭ ئەۋرىسى، گەدالىيانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى زەفانىياغا يەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى: ــ
2 Bort, bort vil jeg ta alt av jorden, sier Herren.
مەن يەر يۈزىدىن ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
3 Jeg vil ta bort mennesker og dyr, ta bort himmelens fugler og havets fisker og alt det som volder anstøt, sammen med de ugudelige, og jeg vil utrydde menneskene av jorden, sier Herren.
ــ ئىنسان ھەم ھايۋاننى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم دېڭىزدىكى بېلىقلارنى، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى رەزىل ئادەملەر بىلەن تەڭ قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
4 Jeg vil rekke min hånd ut mot Juda og mot alle Jerusalems innbyggere, og jeg vil utrydde av dette sted alt som er igjen av Ba'al, avgudsprestenes navn sammen med prestene
ــ شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدا ئۈستىگە، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈستىگە قولۇمنى سوزىمەن؛ مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن؛
5 og dem som på takene tilbeder himmelens hær, og dem som tilbeder Herren og sverger ham troskap, men på samme tid sverger ved sin konge,
شۇنداقلا ئۆگزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى جىسىملارغا باش ئۇرىدىغانلارنى، پەرۋەردىگارغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، «مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلارنى،
6 og dem som har vendt sig bort fra Herren, og som ikke har søkt Herren og ikke spurt efter ham.
پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن.
7 Vær stille for Herren, Israels Gud! For Herrens dag er nær; Herren har stelt til en offerslaktning, han har innvidd sine gjester.
رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى؛
8 Og på Herrens offerslaktnings dag vil jeg hjemsøke høvdingene og kongens sønner og alle som klær sig i utenlandske klær.
پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛
9 Og jeg vil på den dag hjemsøke hver den som hopper over dørtreskelen, dem som fyller sin Herres hus med vold og svik.
شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن.
10 På den dag, sier Herren, skal det lyde skrik fra Fiskeporten og hyl fra stadens andre del og stort brak fra haugene.
شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.
11 Hyl, I som bor i Morteren! For hele kana'anitterfolket er utslettet; alle de som slepte på masser av sølv, er utryddet.
«ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛ چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!»
12 Og på den samme tid vil jeg ransake Jerusalem med lykter, og jeg vil hjemsøke de folk som ligger på sin berme og sier i sitt hjerte: Herren gjør hverken godt eller ondt.
ــ ۋە شۇ چاغدا شۇنداق بولىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى چىراغلار بىلەن ئاختۇرىمەن، ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەرنى، يەنى كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگار ھېچ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى جازالايمەن.
13 Og deres gods skal bli til rov, og deres hus ødelegges; de skal bygge hus, men ikke bo i dem, og plante vingårder, men ikke drikke vin fra dem.
ئەمدى بايلىقلىرى ئولجا، ئۆيلىرى بەربات بولىدۇ؛ ئۇلار ئۆيلەرنى سالغىنى بىلەن، ئۇلاردا تۇرمايدۇ؛ ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچمەيدۇ.
14 Nær er Herrens dag, den store; den er nær og kommer med stor hast. Hør! Det er Herrens dag! Full av angst skriker da kjempen.
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛ بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛ ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى! يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ.
15 En vredes dag er den dag, en dag med nød og trengsel, en dag med omstyrtelse og ødeleggelse, en dag med mørke og mulm, en dag med skyer og skodde,
شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن، كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن، ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن، زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن، بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن،
16 en dag med basunklang og hærskrik mot de faste byer og de høie murtinder.
ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ.
17 Da vil jeg sette slik angst i menneskene at de går der som blinde, fordi de har syndet mot Herren; og deres blod skal utøses som støv, og deres kjøtt som møkk.
مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ــ ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك، ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛
18 Hverken deres sølv eller deres gull skal kunne berge dem på Herrens vredes dag; ved hans nidkjærhets ild skal hele jorden bli fortært; for han vil gjøre ende, ja brått gjøre ende på alle dem som bor på jorden.
پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.

< Sefanias 1 >