< Salmenes 45 >

1 Til sangmesteren; efter "Liljer"; av Korahs barn; en læresalme, en sang om kjærlighet. Mitt hjerte strømmer over med liflig tale; jeg sier: Min sang er om en konge; min tunge er en hurtigskrivers griffel.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇلغان، «سۆيۈملۈك يار ئۈچۈن» دېگەن «ماسقىل» مۇناجات-ناخشا: ــ قەلبىمدىن گۈزەل ئىش توغرىسىدا سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقماقتا؛ پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن؛ تىلىم گويا ماھىر شائىرنىڭ قەلىمىدۇر؛
2 Du er den fagreste blandt menneskenes barn, livsalighet er utgytt på dine leber; derfor har Gud velsignet dig evindelig.
ئىنسان بالىلىرى ئىچىدە سەن ئەڭ گۈزەلدۇرسەن؛ لەۋلىرىڭ شاپائەت بىلەن تولدۇرۇلغاندۇر؛ شۇڭا خۇدا ساڭا مەڭگۈگە رەھمەت قىلدى.
3 Omgjord din lend med ditt sverd, du veldige, med din høihet og din herlighet!
ئى بۈيۈك بولغۇچى، قىلىچىڭنى ئاسقىن يېنىڭغا، ھەيۋىتىڭ ۋە شانۇ-شەۋكىتىڭ بىلەن!
4 Og i din herlighet fare du seierrik frem for sannhets og rettferdig saktmodighets skyld! Og din høire hånd skal lære dig forferdelige storverk.
ھەقىقەت، كەمتەرلىك ھەم ئادالەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئاتلانغىنىڭدا، شانۇ-شەۋكەت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئالغا باس! شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە كارامەت قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ!
5 Dine piler er hvesset - folkeferd faller under dig - de trenger inn i hjertet på kongens fiender.
سېنىڭ ئوقلىرىڭ ئۆتكۈردۇر، ئۇلار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ؛ پۈتۈن ئەللەر ئايىغىڭغا يىقىتىلىدۇ.
6 Din trone, Gud, står fast evindelig og alltid; rettvishets kongestav er ditt rikes kongestav.
سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ، ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.
7 Du elsker rettferd og hater ugudelighet; derfor har Gud, din Gud, salvet dig med gledens olje fremfor dine medbrødre.
سەن ھەققانىيلىقنى سۆيۈپ، رەزىللىككە نەپرەتلىنىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭا خۇدا، يەنى سېنىڭ خۇدايىڭ، سېنى ھەمراھلىرىڭدىن ئۈستۈن قىلىپ شادلىق مېيى بىلەن مەسىھ قىلدى.
8 Av myrra og aloë og kassia dufter alle dine klær; fra elfenbens-slott fryder dig strengelek.
سېنىڭ كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىن ھىدى كېلىدۇ؛ پىل چىشى سارايلىرىدىكى سازەندىلەرنىڭ تارلىق سازلىرى سېنى خۇرسەن قىلىدۇ.
9 Kongedøtre er iblandt dine utvalgte; dronningen står ved din høire hånd i gull fra Ofir.
پادىشاھلارنىڭ مەلىكىلىرى ھۆرمەتلىك كېنىزەكلىرىڭنىڭ قاتارىدىدۇر؛ خانىشىڭ ئوفىردىكى ساپ ئالتۇن [زىبۇ-زىنەتلەرنى] تاقاپ ئوڭ قولۇڭدا تۇرىدۇ؛
10 Hør, datter, og gi akt og bøi ditt øre, og glem ditt folk og din fars hus,
«ئاڭلىغىن، ئى قىزىم، كۆرگىن، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن؛ ئۆز قەبىلەڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭنى ئۇنتۇپ قال!
11 og la kongen ha sin lyst i din skjønnhet! For han er din herre, og du skal falle ned for ham.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ گۈزەل جامالىڭغا مەپتۇن بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ خوجاڭ، سەن ئۇنىڭغا سەجدە قىل».
12 Og Tyrus' datter skal søke din yndest med gaver - de rike blandt folket.
تۇر شەھىرىنىڭ قىزى [ئالدىڭدا] سوۋغا بىلەن ھازىر بولىدۇ؛ خالايىق ئارىسىدىكى بايلار سېنىڭ شاپائىتىڭنى كۈتىدۇ؛
13 Såre herlig er kongedatteren der inne; hennes klædning er gjennemvirket med gull.
شاھانە قىزنىڭ ئىچكى دۇنياسى پۈتۈنلەي پارلاقتۇر، ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ زەر بىلەن كەشتىلەنگەن؛
14 I stukne klær ledes hun frem til kongen; jomfruer, hennes venninner, følger henne; de føres inn til dig.
ئۇ كەشتىلىك كىيىملەر بىلەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ كەينىدىن ئۇنىڭغا قولداش كېنىزەكلەرمۇ بىللە يېنىڭغا ئېلىپ كېلىنىدۇ؛
15 De ledes frem med fryd og jubel, de går inn i kongens slott.
ئۇلار خۇشال-خۇرام، شادلىق ئىچىدە باشلاپ كېلىنىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىشىدۇ.
16 I dine fedres sted skal dine sønner trede; du skal sette dem til fyrster på den hele jord.
«ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن.
17 Jeg vil prise ditt navn iblandt alle slekter; derfor skal folkene love dig evindelig og alltid.
مەن سېنىڭ نامىڭنى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا ياد ئەتكۈزىمەن؛ شۇڭلاشقا بارلىق قوۋملار سېنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيدۇ».

< Salmenes 45 >