< Obadias 1 >

1 Obadias' syn. Så sier Herren, Israels Gud, om Edom: En tidende har vi hørt fra Herren, og et bud er sendt ut blandt hedningefolkene: Stå op og la oss reise oss til strid mot det!
ئوبادىيا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش: ــ رەب پەرۋەردىگار ئېدوم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (بىز پەرۋەردىگاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق) ــ «بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلدى؛ ئۇ: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بىز ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تۇرايلى!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ.
2 Se, liten vil jeg gjøre dig blandt hedningefolkene; du skal bli dypt foraktet.
مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك قىلدىم؛ سەن [ئەللەر ئارىسىدا] قاتتىق كەمسىتىلگەن خەلق بولىسەن!
3 Ditt hjertes overmot har dåret dig, du som bor i fjellkløfter, i din høie bolig, du som sier i ditt hjerte: Hvem vil styrte mig ned til jorden?
ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇسى يۇقىرى بولغۇچى، كۆڭلۈڭدە: «كىم مېنى يەرگە چۈشۈرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇق ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى!
4 Om du bygger høit som ørnen og setter ditt rede blandt stjerner, vil jeg styrte dig ned derfra, sier Herren.
سەن بۈركۈتتەك ئۆزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرسەڭمۇ، چاڭگاڭنى يۇلتۇزلار ئارىسىغا تىزساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
5 Om tyver kom til dig eller røvere om natten - å, hvor du blir tilintetgjort! - mon de da vilde stjele mere enn det de trengte? Om det kom til dig folk som vilde høste din vin, vilde de da ikke levne en efterhøst?
بۇلاڭچىلار قېشىڭغا كەلسىمۇ، ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، (ھەي، شۇنچە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن!) ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا ئوغرىلايتتى ئەمەسمۇ؟ ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
6 Men hvor blir ikke Esau ransaket, og hans skjulte skatter opsøkt!
بىراق ئەساۋنىڭ تەئەللۇقاتى قانداق ئاختۇرۇلدى! ئۇنىڭ يوشۇرۇن بايلىقلىرى قانداق تېپىپ چىقىلدى!
7 Like til grensen følger alle dine forbundsfeller dig; dine gode venner sviker dig og får overhånd over dig; de menn som eter ditt brød, legger en snare for dig. Det er ingen forstand hos ham!
بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭ سېنى چېگرايىڭغىچە ھەيدىۋېتىدۇ؛ سەن بىلەن ئىناق ئۆتكەنلەر سېنى ئالداپ، ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ نېنىڭنى يېگەنلەر ساڭا قىلتاق قۇرىدۇ؛ [سەن] دەرۋەقە يورۇتۇلمىغاندۇرسەن!
8 Skal jeg ikke på den dag, sier Herren, gjøre ende på alle vismenn i Edom og all forstand på Esaus berg?
مەن شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئېدومدىن دانىشمەنلەرنى، ئەساۋدىن ئەقىل-پاراسەتنى يوقاتمامدىمەن؟
9 Dine kjemper, Teman, skal bli motløse, så hver mann blir drept og utryddet på Esaus berg.
شۇنىڭ بىلەن پالۋانلىرىڭ پاراكەندە بولىدۇ، ئى تېمان، شۇنىڭ بىلەن ئەساۋنىڭ تېغىدىكى ھەربىر ئادەم قىرغىنچىلىقتا قەتل قىلىنىدۇ.
10 For den vold du har gjort mot din bror Jakob, skal skam dekke dig, og du skal bli utryddet til evig tid.
ئۇكاڭ ياقۇپقا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ئىزا-ئاھانەت سېنى قاپلايدۇ؛ سەن مەڭگۈگە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن.
11 Den dag da du holdt dig unda, den dag da fremmede bortførte hans gods, og utlendinger gikk inn i hans porter og kastet lodd om Jerusalem, da var også du som en av dem.
سەن بىر چەتتە [پەرۋاسىز] قاراپ تۇرغان كۈنى، يەنى ياقا يۇرتتىكىلەر [بۇرادىرىڭنىڭ] مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن كۈنى، تائىپىلەر ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ يېرۇسالېم ئۈستىگە چەك تاشلىغان كۈنى، سەن ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشاش بولغانسەن.
12 Se ikke med skadefryd på din brors dag, på hans ulykkes dag, og gled dig ikke over Judas barn på deres undergangs dag, og lukk ikke din munn så vidt op på trengselens dag!
بىراق قېرىندىشىڭنىڭ ئاپەتلىك كۈنىگە پەرۋاسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، يەھۇدانىڭ بالىلىرىنىڭ ھالاكەت كۈنىدە خۇشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە ئاغزىڭنى يوغان قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛
13 Dra ikke inn gjennem mitt folks port den dag de er i nød, se ikke også du med skadefryd på deres ulykke den dag de er i nød, og legg ikke hånd på deres gods den dag de er i nød,
ئۆز خەلقىمنى ئاپەت باسقان كۈنىدە، ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ ئۇلارنى ئاپەت باسقان كۈنىدە ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەمىگە ئېرەنسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، ئاپەت باسقان كۈنىدە قولۇڭنى مال-مۈلكىگە سوزماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛
14 og stå ikke på veiskjellet for å utrydde dem av mitt folk som har sloppet unda, og overgi ikke dets flyktninger til fienden på trengselens dag!
سەن شەھەردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئاچا يولدا تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەت باسقان كۈنىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنى دۈشمەنگە تاپشۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.
15 For nær er Herrens dag over alle folkene; som du har gjort, skal det gjøres med dig, dine gjerninger skal falle tilbake på ditt eget hode.
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈشكە يېقىن قالغاندۇر؛ سېنىڭ باشقىلارغا قىلغىنىڭدەك، ساڭىمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ؛ ساڭا تېگىشلىك جازا ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ؛
16 For likesom I har drukket på mitt hellige berg, skal alle folkene drikke uten å holde op; de skal drikke i fulle drag og bli som om de aldri hadde vært til.
چۈنكى سەن ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا [غەزىپىمنى] ئىچكىنىڭدەك، بارلىق ئەللەرمۇ شۇنداق توختاۋسىز ئىچىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئىچىدۇ، يۇتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھېچ مەۋجۇت ئەمەستەك يوقاپ كېتىدۇ.
17 Men på Sions berg skal det være en flokk av undslopne, og det skal være hellig; og Jakobs hus skal ta sine eiendommer i eie.
بىراق زىئون تېغى ئۈستىدە پاناھ-قۇتقۇزۇلۇش بولىدۇ، تاغ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ ياقۇپ جەمەتىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ؛
18 Og Jakobs hus skal bli en ild, og Josefs hus en lue, og Esaus hus skal bli til halm, og de skal sette ild på det og fortære det, og det skal ikke bli nogen tilbake av Esaus hus, for Herren har talt.
ۋە ياقۇپ جەمەتى ئوت، يۈسۈپ جەمەتى يالقۇن، ئەساۋ جەمەتى ئۇلارغا پاخال بولىدۇ؛ [ئوت ۋە يالقۇن] ئەساۋ جەمەتى ئىچىدە يېقىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ؛ ئەساۋ جەمەتىدىن ھېچبىرسى قالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان.
19 Og de som bor i sydlandet, skal ta Esaus berg i eie, og de som bor i lavlandet, skal ta filistrenes land, og de skal ta Efra'ims land og Samarias land i eie, og Benjamin skal ta Gilead,
[يەھۇدانىڭ] جەنۇبىدىكىلەر ئەساۋنىڭ تېغىغا ئىگە بولىدۇ؛ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكىلەر فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئەفرائىمنىڭ دالاسى ھەم سامارىيەنىڭ دالاسىغا ئىگە بولىدۇ؛ بىنيامىن گىلېئادقا ئىگە بولىدۇ؛
20 og de av denne Israels hær som er bortført, skal ta det som finnes av kana'anitter like til Sarepta, og de bortførte fra Jerusalem som er i Sefarad, skal ta sydlandets byer i eie.
سۈرگۈن بولغانلاردىن قېلىپ قالغان ئىسرائىللاردىن تەركىب تاپقان بۇ قوشۇن قانائاندىكىلەرگە تەۋە بولغان زېمىنغا زارەفاتقىچە ئىگە بولىدۇ؛ سەفارادتا سۈرگۈندە تۇرغان يېرۇسالېمدىكىلەر بولسا جەنۇبتىكى شەھەرلەرگە ئىگە بولىدۇ.
21 Og frelsere skal dra op på Sions berg og dømme Esaus berg, og riket skal høre Herren til.
ئاندىن زىئون تېغى ئۈستىگە قۇتقۇزغۇچىلار چىقىدۇ، ئۇلار ئەساۋ تېغى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا تەۋە بولىدۇ!

< Obadias 1 >