< Dommernes 15 >

1 Nogen tid efter, i hvetehøstens dager, vilde Samson se til sin hustru og hadde med sig et kje, og han sa: La mig få komme inn i kammeret til min hustru! Men hennes far vilde ikke gi ham lov til å gå inn
ئەمما بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ بۇغداي ئورۇش مەزگىلى كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، شىمشون بىر ئوغلاقنى ئېلىپ ئۆز ئايالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «مەن خوتۇنۇمنىڭ قېشىغا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىمەن» دېدى. لېكىن ئايالىنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىچكىرىگە كىرىشىگە يول قويمىدى.
2 og sa: Jeg tenkte at du hadde lagt henne for hat, og så gav jeg henne til din brudesvenn. Er ikke hennes yngre søster vakrere enn hun? Ta henne isteden.
قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەقىقەتەن سىزنى ئۇنىڭغا مۇتلەق ئۆچ بولۇپ كەتتى، دەپ ئويلىدىم؛ شۇڭا مەن ئۇنى سىزنىڭ قولدىشىڭىزغا بېرىۋەتكەنىدىم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ چىرايلىققۇ؟ ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنى ئالغان بولسىڭىز! ــ دېدى.
3 Da sa Samson til dem: Denne gang har jeg ingen skyld på mig mot filistrene om jeg gjør dem noget ondt.
ئەمما شىمشون ئۇلارغا: ــ ئەمدى مەن بۇ قېتىم فىلىستىيلەرگە زىيان يەتكۈزسەم، ماڭا گۇناھ بولمايدۇ! ــ دېدى.
4 Så gikk Samson avsted og fanget tre hundre rever, og han tok fakler, vendte hale mot hale og satte en fakkel mellem to og to av halene.
شۇنى دەپ شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز چىلبۆرىنى تۇتۇپ كېلىپ، ئوتقاشلارنى تەييارلاپ، چىلبۆرىلەرنى جۈپلەپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئىككى قۇيرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئوتقاشنى ئاستى؛
5 Så tendte han ild i faklene og slapp revene inn på filistrenes akrer, og han brente op både kornbånd og uskåret korn og oljehaver.
ئوتقاشلارغا ئوت يېقىپ چىلبۆرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، فىلىستىيلەرنىڭ ئېتىزدىكى ئورمىغان زىرائەتلىرىگە قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۆۋە-دۆۋە ئۆنچىلەرنى، ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنى، شۇنداقلا زەيتۇن باغلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى.
6 Da sa filistrene: Hvem har gjort dette? Folk svarte: Samson, svigersønn til timnitten, fordi han tok hans hustru og gav henne til hans brudesvenn. Så drog filistrene op og brente inne både henne og hennes far.
فىلىستىيلەر بۇنى كۆرۈپ: بۇنى كىم قىلدى، ــ دەپ سورىسا، خەلق جاۋاب بېرىپ: ــ تىمناھلىق ئادەمنىڭ كۈيئوغلى شىمشون قىلدى؛ قېينئاتىسى ئۇنىڭ ئايالىنى ئۇنىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەر چىقىپ، ئۇ ئايال بىلەن ئاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.
7 Da sa Samson til dem: Gjør I sådant, så vil jeg ikke hvile før jeg får hevnet mig på eder.
شىمشون ئۇلارغا: ــ سىلەر شۇنداق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەردىن ئىنتىقام ئالماي بولدى قىلمايمەن، ــ دېدى.
8 Og han slo dem både på ben og på lår, så det blev et stort mannefall; så drog han ned og gav sig til i fjellkløften ved Etam.
شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇلارنى قىر-چاپ قىلىپ قەتل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن ئۇ بېرىپ ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىدە تۇردى.
9 Da drog filistrene op og leiret sig i Juda, og de spredte sig utover i Leki.
ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىيلەر چىقىپ، يەھۇدا يۇرتىدا چېدىر تىكىپ، لېھى دېگەن جايدا يېيىلدى.
10 Og Judas menn sa: Hvorfor har I draget op mot oss? De svarte: Vi har draget op for å binde Samson og gjøre mot ham som han har gjort mot oss.
يەھۇدالار بولسا: ــ نېمىشقا بىزگە ھۇجۇم قىلماقچى بولىسىلەر؟ ــ دېۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىز شىمشوننى تۇتۇپ باغلاپ، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، دەپ چىقتۇق، ــ دېدى.
11 Da drog tre tusen mann av Juda ned til fjellkløften ved Etam, og de sa til Samson: Vet du ikke at filistrene hersker over oss? Hvorfor har du da gjort dette mot oss? Men han sa til dem: Som de har gjort mot mig, så har jeg gjort mot dem.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا يۇرتىدىكى ئۈچ مىڭ كىشى ئېتام قورام تېشىنىڭ ئۆڭكىرىگە چۈشۈپ، شىمشونغا: ــ سەن فىلىستىيلەرنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنىنى بىلمەمسەن؟ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ، سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق قىلدىڭ؟ ــ دېدى. ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلار ماڭا قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا قىلدىم، دەپ جاۋاب بەردى.
12 Da sa de til ham: Vi har draget ned for å binde dig og gi dig i filistrenes hånd. Og Samson sa til dem: Sverg mig til at ikke I vil slå mig ihjel!
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېۋىدى، شىمشون ئۇلارغا: ــ «بىز ئۆزىمىز ساڭا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ ماڭا قەسەم قىلىڭلار، دېدى.
13 Da sa de til ham: Nei, vi vil bare binde dig og så gi dig i deres hånd; men drepe dig vil vi ikke. Så bandt de ham med to nye rep og førte ham op av fjellkløften.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئۆلتۈرمەيمىز؛ پەقەت سېنى چىڭ باغلاپ، ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز؛ ھەرگىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلمايمىز، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنى دەپ ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن ئۇنى باغلاپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ ماڭدى.
14 Da han kom til Leki, sprang filistrene imot ham med gledesrop; men Herrens Ånd kom over ham, og repene om hans armer blev som brente tråder, og båndene falt smuldrede av hans hender.
ئۇ لېھىگە كەلگەندە، فىلىستىيلەر ۋارقىراشقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كەلدى. ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، قوللىرىنى باغلىغان ئارغامچىلار ئوت تۇتاشقان كەندىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ، تۈگۈچلەر قوللىرىدىن يېشىلىپ كەتتى.
15 Så fant han et friskt kjeveben av et asen; han rakte hånden ut og tok det og slo ihjel tusen mann med det.
ئاندىن ئۇ ئېشەكنىڭ يېڭى بىر ئېڭەك سۆڭىكىنى كۆرۈپ، قولىنى ئۇزىتىپلا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.
16 Da sa Samson: Med et asens kjeveben slo jeg én hop, ja to, med et asens kjeveben slo jeg tusen mann.
شىمشون: ــ «ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم، ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم!» ــ دېدى.
17 Og da han hadde sagt dette, kastet han kjevebenet fra sig; og siden kalte de dette sted Ramat-Leki.
بۇلارنى دەپ ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ جايغا «راموت-لېھى» دەپ نام قويدى.
18 Men da han var brennende tørst, ropte han til Herren og sa: Du har gitt denne store frelse ved din tjeners hånd, og så skal jeg nu dø av tørst og falle i de uomskårnes hender!
ئۇ ئىنتايىن ئۇسساپ پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ــ سەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ قولى بىلەن بۇنچە چوڭ نۇسرەتنى بارلىققا كەلتۈردۈڭ، ئەمدى مەن ھازىر ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، خەتنىسىزلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالارمەنمۇ؟ ــ دېدى.
19 Da lot Gud den hulning som er i Leki, åpne sig, og det rant vann ut av den, og han drakk; og hans livsånd vendte tilbake, og han kviknet til; derfor blev denne kilde kalt En-Hakkore; den er i Leki den dag idag.
شۇنىڭ بىلەن خۇدا لېھىدىكى ئازگالنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى. شىمشون ئىچىپ، روھى ئۇرغۇپ جان كىردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ [بۇلاققا] «ئەن-ھاككورە» دەپ نام قويۇلدى؛ تا بۈگۈنگىچە ئۇ لېھىدا بار.
20 Han var i tyve år dommer i Israel i filistrenes dager.
شىمشون فىلىستىيلەرنىڭ دەۋرىدە يىگىرمە يىلغىچە ئىسرائىلغا ھاكىم بولدى.

< Dommernes 15 >