< Hoseas 3 >

1 Og Herren sa til mig: Gå atter bort og elsk en kvinne som er elsket av sin venn og allikevel driver hor, likesom Herren elsker Israels barn, men de vender sig til andre guder og elsker rosinkaker!
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: ــ يەنە بارغىن، ئاشنىسى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، زىناخور بىر ئايالنى سۆيگىن؛ گەرچە ئىسرائىللار يات ئىلاھلار تەرىپىگە ئېغىپ كەتكەن، «كىشمىش پوشكال»لارنى سۆيگەن بولسىمۇ، [مەن] پەرۋەردىگار ئۇلارغا كۆرسەتكەن سۆيگۈمدەك سەن ئۇنى سۆيگىن، ــ دېدى
2 Da kjøpte jeg mig en slik kvinne for femten sekel sølv og en homer bygg og en letek bygg.
(شۇڭا مەن ئون بەش كۈمۈش تەڭگە، بىر خومىر بۇغداي ۋە يېرىم خومىر ئارپىغا ئۆزۈمگە قايتۇرۇۋالدىم؛
3 Og jeg sa til henne: I mange dager skal du få sitte alene, uten å drive hor og uten å ha med nogen mann å gjøre; og jeg skal bære mig likedan at mot dig.
مەن ئۇنىڭغا: «سەن مەن ئۈچۈن ئۇزۇن كۈنلەر كۈتىسەن؛ سەن پاھىشىلىك قىلمايسەن، سەن باشقا ئەرنىڭكى بولمايسەن؛ مەنمۇ سەن ئۈچۈن ئوخشاشلا سېنى كۈتىمەن» ــ دېدىم).
4 For i mange dager skal Israels barn sitte uten konge og fyrste, uten offer og billedstøtte, uten livkjortel og husguder.
ــ «چۈنكى ئىسرائىللار ئۇزۇن كۈنلەر پادىشاھسىز، شاھزادىسىز، قۇربانلىقسىز، «تۈۋرۈك»سىز، «ئەفود»سىز ۋە ھېچ ئۆي بۇتلىرىسىز كۈتۈپ تۇرىدۇ.
5 Derefter skal Israels barn vende om og søke Herren sin Gud og David sin konge, og bevende skal de søke Herren og hans gaver i de siste dager.
ۋە كېيىنرەك، ئىسرائىل بالىلىرى قايتىپ كېلىدۇ ۋە پەرۋەردىگار بولغان خۇداسىنى ھەم داۋۇت پادىشاھىنى ئىزدەيدۇ؛ كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار تەۋرىنىپ ئەيمىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغا قاراپ كېلىدۇ».

< Hoseas 3 >