< 1 Mosebok 46 >

1 Og Israel brøt op med alt det han hadde, og da han kom til Be'erseba, ofret han slaktoffer til sin far Isaks Gud.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، بەئەر-شېباغا كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاقنىڭ خۇداسىغا قۇربانلىقلارنى سۇندى.
2 Og Gud sa til Israel i et syn om natten: Jakob, Jakob! Han svarte: Ja, her er jeg.
كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى.
3 Da sa han: Jeg er Gud, din fars Gud; frykt ikke for å dra ned til Egypten, for der vil jeg gjøre dig til et stort folk.
ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن.
4 Jeg skal selv dra ned med dig til Egypten, jeg skal visselig også føre dig op igjen; og Josef skal lukke dine øine.
مەن سېنىڭ بىلەن مىسىرغا بىللە بارىمەن ۋە مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ، ــ دېدى.
5 Så brøt Jakob op fra Be'erseba; og Israels sønner kjørte Jakob, sin far, og sine barn og sine hustruer i de vogner som Farao hadde sendt til å hente ham i.
ئاندىن ياقۇپ بەئەر-شېبادىن يولغا چىقتى؛ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى پىرەۋن ئۇنى ئېپكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ،
6 Og de tok med sig sin buskap og sitt gods som de hadde lagt sig til i Kana'ans land, og de kom til Egypten, Jakob og hele hans ætt med ham;
چارپايلىرى بىلەن قانائان زېمىنىدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇپ بىلەن بارلىق ئەۋلادلىرى مىسىرغا كەلدى؛ ئوغۇللىرىنى، ئوغۇل نەۋرىلىرىنى، قىزلىرىنى، قىز نەۋرىلىرىنى يىغىپ، نەسىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مىسىرغا كەلدى.
7 sine sønner og sine sønnesønner, sine døtre og sine sønnedøtre, hele sin ætt førte han med sig til Egypten.
8 Og dette er navnene på Israels barn som kom til Egypten, Jakob og hans sønner: Jakobs førstefødte sønn Ruben,
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا كەلگەن ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن؛
9 og Rubens sønner: Hanok og Pallu og Hesron og Karmi,
رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانوخ، پاللۇ، ھەزرون بىلەن كارمى.
10 og Simeons sønner: Jemuel og Jamin og Ohad og Jakin og Sohar og Saul, som han hadde fått med en kana'anitterkvinne,
شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانىي ئايالدىن بولغان سائۇل.
11 og Levis sønner: Gerson, Kahat og Merari,
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: ــ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى.
12 og Judas sønner: Er og Onan og Sela og Peres og Serah - men Er og Onan døde i Kana'ans land - og Peres' sønner var Hesron og Hamul;
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەر، ئونان، شەلاھ، پەرەز ۋە زەراھ. ئەمما ئەر ۋە ئونان قانائاننىڭ زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇللار ئىدى.
13 og Issakars sønner: Tola og Puva og Job og Simron,
ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، يوب ۋە شىمرون.
14 og Sebulons sønner: Sered og Elon og Jahle'el;
زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى: ــ سەرەد، ئېلون ۋە جاھلىيەل.
15 dette var Leas sønner, som hun fødte Jakob i Mesopotamia, og dessuten Dina, hans datter, i alt tre og tretti sjeler, sønner og døtre.
بۇلار لېياھنىڭ ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ئۇ يەنە قىزى دىناھنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بۇ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى جەمئىي بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى.
16 Og Gads sønner: Sifion og Haggi, Suni og Esbon, Eri og Arodi og Areli,
گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى.
17 - og Asers sønner: Jimna og Jisva og Jisvi og Bria og Serah, deres søster, og Brias sønner var Heber og Malkiel;
ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراھ ئىدى؛ بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ھەبەر ۋە مالكىئەل ئىدى.
18 dette var barn av Silpa, som Laban gav sin datter Lea; hun fødte Jakob disse barn, seksten sjeler.
بۇلار بولسا لابان قىزى لېياھقا دېدەك بولۇشقا بەرگەن زىلپاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى.
19 Jakobs hustru Rakels sønner: Josef og Benjamin;
ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بىنيامىن.
20 og Josef fikk barn i Egyptens land med Asnat, datter til Potifera, presten i On: Manasse og Efra'im;
يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى.
21 og Benjamins sønner: Bela og Beker og Asbel, Gera og Na'aman, Ehi og Ros, Muppim og Huppim og Ard;
بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: ــ بېلاھ، بەكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارد.
22 dette var de barn som Jakob fikk med Rakel, i alt fjorten sjeler.
بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى.
23 Og Dans sønn: Husim,
داننىڭ ئوغلى: ــ ھۇشىم.
24 og Naftalis sønner: Jahse'el og Guni og Jeser og Sillem;
نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم.
25 dette var sønnene til Bilha, som Laban gav sin datter Rakel; hun fødte Jakob disse barn, i alt syv sjeler.
بۇلار لابان قىزى راھىلەگە دېدەك بولۇشقا بەرگەن بىلھاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتتە جان ئىدى.
26 Alle de som kom med Jakob til Egypten, og som var utgått av hans lend, foruten Jakobs sønnekoner, var i alt seks og seksti sjeler.
ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى.
27 Og Josefs sønner, som han fikk i Egypten, var to; alle av Jakobs hus, som kom til Egypten, var sytti sjeler.
يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى.
28 Og han sendte Juda i forveien til Josef og bad at han skulde vise ham vei til Gosen; så kom de til landet Gosen.
ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن يۇرتىغا كېلىپ چۈشتى.
29 Og Josef lot spenne for sin vogn og drog op til Gosen for å møte Israel, sin far; og da han fikk se ham, falt han ham om halsen og gråt lenge i hans armer.
يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى.
30 Da sa Israel til Josef: Nu vil jeg gjerne dø, efterat jeg har sett ditt ansikt og vet at du ennu lever.
ئىسرائىل يۈسۈپكە: مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ، تىرىك ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم؛ ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ــ دېدى.
31 Og Josef sa til sine brødre og til sin fars hus: Jeg vil dra op og melde det til Farao og si til ham: Mine brødre og min fars hus, som var i Kana'ans land, er kommet til mig;
ئاندىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر چىقىپ پىرەۋنگە خەۋەر بېرىپ: «قانائان زېمىنىدا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىم، شۇنداقلا ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى؛
32 Og mennene er fehyrder, de er folk som driver feavl, og sitt småfe og sitt storfe og alt det de eier, har de hatt med sig hit.
بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي.
33 Og når Farao kaller eder til sig og sier: Hvad er eders levevei?
شۇنداق بولىدۇكى، پىرەۋن سىلەرنى چاقىرىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ سىلەردىن: «نېمە ئوقىتىڭلار بار؟» دەپ سورىسا،
34 da skal I si: Dine tjenere har drevet feavl fra vår ungdom av og til nu, både vi og våre fedre - da får I bo i landet Gosen; for alle fehyrder er en vederstyggelighet for egypterne.
سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز، ــ دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار گوشەن يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى پادىچىلارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئىلىنمايدۇ.

< 1 Mosebok 46 >