< Esras 7 >

1 Nogen tid efter, under perserkongen Artaxerxes' regjering, drog Esras, sønn av Seraja, sønn av Asarja, sønn av Hilkias,
شۇ ئىشلاردىن كېيىن پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئەزرا دېگەن كىشى [بابىلدىن يېرۇسالېمغا چىقتى]. ئۇ سېرايانىڭ ئوغلى، سېرايا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا ھىلقىيانىڭ ئوغلى،
2 sønn av Sallum, sønn av Sadok, sønn av Akitub,
ھىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى،
3 sønn av Amarja, sønn av Asarja, sønn av Merajot,
ئاخىتۇب ئامارىيانىڭ ئوغلى، ئامارىيا ئازارىيانىڭ ئوغلى، ئازارىيا مېرايوتنىڭ ئوغلى،
4 sønn av Serahja, sønn av Ussi, sønn av Bukki,
مېرايوت زەراھىياھنىڭ ئوغلى، زەراھىياھ ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇككىنىڭ ئوغلى،
5 sønn av Abisua, sønn av Pinehas, sønn av Eleasar, sønn av ypperstepresten Aron -
بۇككى ئابىشۇئانىڭ ئوغلى، ئابىشۇئا فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىئازارنىڭ ئوغلى، ئەلىئازار بولسا باش كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى؛
6 denne Esras drog op fra Babel. Han var en skriftlærd mann, vel kjent med Mose lov, den som Herren, Israels Gud, hadde gitt. Kongen gav ham alt det han bad om; for Herren hans Gud holdt sin hånd over ham.
ــ ئەزرا دېگەن بۇ كىشى بابىلدىن قايتىپ چىقتى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇساغا نازىل قىلغان تەۋرات قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى؛ ئۇنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ نېمىنى تەلەپ قىلسا پادىشاھ شۇنى بەرگەنىدى.
7 Nogen av Israels barn og av prestene, levittene, sangerne, dørvokterne og tempeltjenerne drog med ham op til Jerusalem i kong Artaxerxes' syvende år.
پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يەتتىنچى يىلى بىر قىسىم ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېرۇسالېمغا قايتىپ چىقتى.
8 Han kom til Jerusalem i den femte måned; det var i kongens syvende år.
[ئەزرا] ئەمدى پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ يەتتىنچى يىلى بەشىنچى ئايدا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.
9 For på den første dag i den første måned begynte han å ordne alt til ferden fra Babel, og på den første dag i den femte måned kom han til Jerusalem; for hans Gud holdt sin gode hånd over ham.
بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇ بابىلدىن چىقىشقا تەييارلاندى؛ خۇدانىڭ شەپقەتلىك قولى ئۇنىڭدا بولغاچقا، ئۇ بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلدى.
10 For Esras hadde satt sin hu til å granske Herrens lov og gjøre efter den og til å lære folk lov og rett i Israel.
چۈنكى ئەزرا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى چۈشىنىپ تەھسىل قىلىشقا ھەم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىل ئىچىدە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىشكە نىيەت قىلغانىدى.
11 Dette er en avskrift av det brev som kong Artaxerxes gav presten Esras, den skriftlærde, som var kyndig i de bud og lover som Herren hadde gitt Israel:
مانا بۇ پادىشاھ ئارتاخشاشتا كاھىن ھەم تەۋراتشۇناس ئەزراغا تاپشۇرغان يارلىق خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى: ــ (ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئائىت ئىشلارغا ھەم ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان بەلگىلىمىلىرىگە پىشقان تەۋراتشۇناس ئىدى): ــ
12 Artaxerxes, kongenes konge, til presten Esras, han som er full-lært i himmelens Guds lov, og så videre.
«مەنكى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئارتاخشاشتادىن ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ مۇكەممەل تەۋرات-قانۇنىغا پىشقان تەۋراتشۇناس كاھىن ئەزراغا سالام!
13 Jeg har gitt befaling om at alle de av Israels folk og av dets prester og levitter i mitt rike som har lyst til å dra til Jerusalem, kan dra med dig,
ئەمدى مەن شۇنداق يارلىق چۈشۈرىمەنكى، پادىشاھلىقىمدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللاردىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىيلىرىدىن كىملەر يېرۇسالېمغا بېرىشنى خالىسا، ھەممىسى سېنىڭ بىلەن بىللە بارسا بولىدۇ.
14 siden du er sendt av kongen og hans syv rådgivere til å se efter hvorledes det er med Juda og Jerusalem, efter din Guds lov, som du har i hende,
چۈنكى سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يەتتە مەسلىھەتچىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىكەنسەن، قولۇڭدىكى خۇدانىڭ قانۇن كىتابىدا ئېيتىلغانلىرى بويىچە، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمغا تەكشۈرۈش-ھال سوراشقا ئەۋەتىلگەنسەن.
15 og til å føre dit det sølv og gull som kongen og hans rådgivere frivillig har gitt Israels Gud, han som har sin bolig i Jerusalem,
سەن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا سۇنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا تەقدىم قىل (ئۇنىڭ ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر)؛
16 og likeledes alt det sølv og gull som du kan få i hele Babels landskap, og de frivillige gaver som folket og prestene vil gi til sin Guds hus i Jerusalem.
شۇنىڭدەك قولۇڭ پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىدە قانچىلىك ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى تاپالىسا، شۇنى خەلق ۋە كاھىنلار يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە تەقدىم قىلىشقا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرگەن سوۋغاتلارغا قوشۇپ ئاپارغىن.
17 Derfor skal du for disse penger samvittighetsfullt kjøpe okser, værer og lam med tilhørende matoffere og drikkoffere; og du skal ofre dem på alteret i eders Guds hus i Jerusalem.
سەن بۇ پۇللارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قۇربانلىقلار ئۈچۈن تورپاق، قوچقار، قوزا ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم شاراب ھەدىيەلىرى سېتىۋېلىپ، بۇلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدايىڭلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇربانگاھقا سۇنغىن.
18 Og hvad du og dine brødre finner det riktig å gjøre med resten av sølvet og gullet, det kan I gjøre efter eders Guds vilje.
قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سەن ۋە جەمەتىڭدىكىلەرگە قانداق قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈنسە، خۇدايىڭلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە شۇنداق قىلىڭلار.
19 Men de kar som du har fått til tjenesten i din Guds hus, dem skal du gi fra dig for Jerusalems Guds åsyn.
سېنىڭ خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ساڭا بەرگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئالدىغا قوي.
20 Hvad du ellers må utrede til din Guds hus av nødvendige utgifter, det skal du utrede av kongens skattkammer.
ئەگەر شۇنىڭدەك ساڭا خۇدايىڭنىڭ ئۆيىدىكى قالغان ئىشلارغا چىقىم قىلىدىغانغا نېمە خىراجەت كېرەك بولسا، سەن پادىشاھ خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكىن.
21 Og jeg, kong Artaxerxes, har gitt befaling til alle skattmestere hinsides elven at alt hvad presten Esras, han som er kyndig i himmelens Guds lov, krever av eder, det skal nøiaktig ydes,
شۇنىڭ بىلەن مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاشتادىن دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدىكى بارلىق خەزىنە بەگلىرىگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرىمەنكى، ئاسماندىكى خۇدانىڭ تەۋرات-قانۇنىنىڭ ئالىمى بولغان كاھىن ئەزرا سىلەردىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، سىلەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك بېجىرىڭلار.
22 inntil hundre talenter sølv, hundre kor hvete, hundre bat vin og hundre bat olje, og salt uten foreskrevet mål.
ئۇنىڭ ئالىدىغىنى كۈمۈش يۈز تالانتقىچە، بۇغداي يۈز كورغىچە، شاراب يۈز باتقىچە، زەيتۇن مېيى يۈز باتقىچە بولسۇن، تۇزغا چەك قويۇلمىسۇن.
23 Alt hvad himmelens Gud befaler, det skal nøiaktig utføres for himmelens Guds hus, så det ikke skal komme vrede over kongens og hans sønners rike.
ئاسمانلاردىكى خۇدا نېمىنى ئەمر قىلسا، شۇ ئاسمانلاردىكى خۇدانىڭ ئۆيى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن بېجىرىلسۇن؛ نېمىشقا [خۇدانىڭ] غەزىپىنى پادىشاھ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پادىشاھلىقىغا چۈشۈرگۈدەكمىز؟
24 Og eder lar vi vite at ingen skal ha makt til å pålegge nogen av prestene, levittene, sangerne, dørvokterne, tempeltjenerne eller nogen annen som har en tjeneste ved dette Guds hus, skatt, toll eller veipenger.
بىز شۇنىمۇ سىلەرگە مەلۇم قىلىمىزكى، ئومۇمەن كاھىنلار، لاۋىيلار، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە خۇدانىڭ بۇ ئۆيىدە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن باج، ئولپان ۋە پاراق ئېلىشقا بولمايدۇ.
25 Og du, Esras, skal efter den visdom du har fått av din Gud, innsette dommere og lovkyndige til å dømme alt folket hinsides elven, alle dem som kjenner din Guds lover; og om nogen ikke kjenner dem, så skal I lære ham å kjenne dem.
ئەمدى سەن ئەي ئەزرا، خۇدايىڭنىڭ سەندە بولغان ھېكمىتىگە ئاساسەن، دەريانىڭ شۇ غەرب تەرىپىدە خۇدايىڭنىڭ تەۋرات-قانۇنىنى بىلگەن، بارلىق خەلقنىڭ دەۋاسىنى سورايدىغان، ئۇلارنى ئىدارە قىلىدىغان سوراقچى ۋە ھاكىملارنى تەيىنلىگىن؛ ۋە تەۋرات-قانۇنىنى بىلمەيدىغانلارغا بولسا، ئۇلارغا بۇلارنى ئۆگىتىڭلار.
26 Og om nogen ikke gjør efter din Guds lov og efter kongens lov, så skal der samvittighetsfullt holdes dom over ham, enten det nu fører til døden eller til landflyktighet eller til bøter eller til bånd og fengsel.
خۇدايىڭنىڭ قانۇنىغا ۋە پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئادالەتلىك بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلسۇن؛ ئۇ ئۆلۈمگە، ياكى سۈرگۈنگە ياكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىشقا ۋە ياكى زىندانغا تاشلاشقا ھۆكۈم قىلىنسۇن».
27 Lovet være Herren, våre fedres Gud, som gav kongen slikt i sinne, så Herrens hus i Jerusalem kunde bli prydet,
[ئەزرا مۇنداق دېدى] ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى،
28 og som lot mig finne nåde hos kongen og hans rådgivere og hos alle kongens mektige høvdinger! Jeg kjente mig sterk, fordi Herren min Gud holdt sin hånd over mig, og jeg fikk samlet nogen av Israels overhoder til å dra op sammen med mig.
يەنە مېنى پادىشاھ ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئالدىدا ھەم پادىشاھنىڭ مۆھتەرەم ئەمىرلىرى ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈردى. پەرۋەردىگار خۇدايىمنىڭ قولى مەندە بولۇپ، ئۇ مېنى غەيرەتلەندۈرگەچكە، ئۆزۈم بىلەن بىللە [يېرۇسالېمغا] چىقىشقا ئىسرائىللار ئىچىدىن بىرنەچچە مۆتىۋەرلەرنى يىغدىم.

< Esras 7 >