< Esekiel 34 >

1 Og Herrens ord kom til mig, og det lød så:
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ
2 Menneskesønn! Spå mot Israels hyrder, spå og si til dem, til hyrdene: Sa sier Herren, Israels Gud: Ve Israels hyrder, som røkter sig selv! Er det ikke hjorden hyrdene skal røkte?
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟
3 Fettet eter I, og med ullen klær I eder, det fete slakter I; hjorden røkter I ikke.
سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر.
4 Det svake har I ikke styrket, og det syke har I ikke lægt, og det sønderbrutte har I ikke forbundet, og det bortdrevne har I ikke ført tilbake, og det fortapte har I ikke opsøkt, men med vold og med hårdhet har I hersket over dem.
ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر.
5 Og således blev de adspredt, fordi de ingen hyrde hadde; de blev til føde for alle markens ville dyr og blev adspredt.
ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى.
6 Min hjord farer vill på alle fjell og på hver høi bakke, og over hele landet er min hjord spredt; det er ingen som spør, og ingen som leter efter den.
مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى.
7 Hør derfor Herrens ord, I hyrder!
شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ
8 Så sant jeg lever, sier Herren, Israels Gud, sannelig, siden min hjord er blitt til rov, og den er blitt til føde for alle markens ville dyr, fordi den var uten hyrde, og mine hyrder ikke spurte efter min hjord, men hyrdene røktet sig selv og ikke røktet min hjord -
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ.
9 derfor, I hyrder, hør Herrens ord!
ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!
10 Så sier Herren, Israels Gud: Se, jeg kommer over hyrdene og vil kreve min hjord av deres hånd og la dem ophøre med å røkte hjorden, så hyrdene ikke mere skal røkte sig selv, og jeg vil redde min hjord av deres munn, så den ikke skal være til føde for dem.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن.
11 For så sier Herren, Israels Gud: Se, jeg kommer og vil spørre efter min hjord og se til den.
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆزۈم ئۆز قويلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورايمەن؛
12 Likesom en hyrde ser til sin hjord på den dag han er iblandt sine adspredte får, således vil jeg se til mine får og redde dem fra alle de steder hvor de er adspredt på en dag med skyer og skodde.
پادىچى ئۆزىنىڭ قويلىرى ئارىسىدا، تاراپ كەتكەن قويلارنى تېپىپ باققاندەك، مەنمۇ قويلىرىمنى ئىزدەپ باقىمەن؛ ئۇلار بۇلۇتلۇق قاراڭغۇ كۈندە تارىلىپ كەتكەن ھەربىر جايلاردىن مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن.
13 Og jeg vil føre dem ut fra folkene og samle dem fra landene og føre dem til deres eget land, og jeg vil røkte dem på Israels fjell, i dalene og på alle de steder i landet hvor de bor.
مەن ئۇلارنى خەلقلەردىن ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەردىن يىغىمەن، ئۆز زېمىنىغا ئاپىرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، ئېرىق-ئۈستەڭلەر بويىدا ۋە زېمىندىكى بارلىق تۇرالغۇ جايلاردا باقىمەن؛
14 På en god beitemark vil jeg la dem beite, på Israels høie fjell skal deres havnegang være; der skal de hvile på en god havnegang, og på en fet beitemark skal de beite på Israels fjell.
مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ.
15 Jeg vil selv fø min hjord og selv la den hvile, sier Herren, Israels Gud.
مەن ئۆزۈم ئۆز پادامنى باقىمەن، ئۇلارنى ياتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
16 Det fortapte vil jeg opsøke, og det bortdrevne vil jeg føre tilbake, og det sønderbrutte vil jeg forbinde, og det syke vil jeg styrke. Men det fete og det sterke vil jeg ødelegge; jeg vil røkte det efter hvad rett er.
ــ مەن يولدىن تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرىمەن؛ زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويىمەن، ئاجىزلارنى كۈچەيتىمەن؛ بىراق سەمرىگەنلەر ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىمەن؛ پادامنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.
17 Og I, min hjord, så sier Herren, Israels Gud: Se, jeg dømmer mellem får og får, mellem værer og bukker.
ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
18 Er det ikke nok med at I får beite den beste beitemark, siden I trår ned resten av eders beitemark med eders føtter? Er det ikke nok at I får drikke det klare vann, siden I gjør resten grumset med eders føtter?
ئەمدى سىلەرنىڭ ياخشى چىمەنزارنى يېگىنىڭلار ئازلىق قىلىپ، چىمەندىكى قالغان ئوت-چۆپلەرنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن چەيلىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ سىلەر سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ئىچكەندىن كېيىن، قالغىنىنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن لېيىتىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟
19 Og min hjord - skal den ete det som er trådt ned av eders føtter, og drikke det som er gjort grumset av eders føtter?
شۇڭا مېنىڭ قويلىرىمغا سىلەرنىڭ ئاياغلىرىڭلار چەيلىۋەتكەننى يېيىشتىن، ئاياغلىرىڭلار دەسسەپ لېيىتىۋېتكەننى ئىچىشتىن باشقا ئامال يوق.
20 Derfor sier Herren, Israels Gud, så til dem: Se, jeg kommer og vil dømme mellem de fete får og de magre får.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
21 Fordi I støter alle de svake bort med side og bog og stanger dem med eders horn, til I får adspredt dem og drevet dem utenfor,
چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر،
22 så vil jeg frelse min hjord, og de skal ikke mere være til rov, og jeg vil dømme mellem får og får.
ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
23 Og jeg vil opreise én hyrde over dem, og han skal røkte dem - min tjener David; han skal røkte dem, han skal være deres hyrde.
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛
24 Og jeg, Herren, vil være deres Gud, og min tjener David skal være fyrste blandt dem; jeg, Herren, har talt.
ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلار ئارىسىدا ئەمىر بولىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم.
25 Og jeg vil gjøre en fredspakt med dem og utrydde ville dyr av landet, og de skal bo trygt i ørkenen og sove i skogene.
مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان ئەھدىنى تۈزۈپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى زېمىندىن تۈگىتىمەن؛ ئۇلار بىخەتەر بولۇپ جاڭگالدا تۇرىدۇ، ئورمانلىقلاردا قونۇپ ئۇخلايدۇ.
26 Og jeg vil gjøre dem og landet omkring min haug til en velsignelse; jeg vil sende regn i rette tid; velsignelses regnstrømmer skal det være.
مەن ئۇلارنى ھەم ئېگىزلىكىم ئەتراپىدىكى جايلارنى بەرىكەتلىك قىلىمەن؛ يامغۇر-يېغىنلارنى ئۆز پەسلىدە ياغدۇرىمەن؛ بۇلار بەرىكەتلىك يامغۇرلار بولىدۇ.
27 Markens trær skal gi sin frukt, og jorden skal gi sin grøde, og de skal bo trygt i sitt land, og de skal kjenne at jeg er Herren, når jeg bryter stengene på deres åk og frir dem av deres hånd som holdt dem i trældom.
دالادىكى دەرەخلەر مېۋىلىرىنى، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ؛ ئۇلار ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر تۇرىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرۇق-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنى قۇللۇققا تۇتقانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ.
28 Og de skal ikke mere være et rov for folkene, og jordens ville dyr skal ikke fortære dem; de skal bo trygt, og ingen skal skremme dem.
ئۇلار يەنە ئەللەرگە ئوۋ بولمايدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار يەنە ئۇلارنى يەۋەتمەيدۇ؛ ئۇلار بىخەتەر تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ.
29 Og jeg vil la en plantning vokse op for dem, som skal bli dem til navnkundighet, og de skal ikke mere bli bortrevet av hunger i landet og ikke mere bære folkenes hån.
مەن ئۇلار ئۈچۈن داڭقى چىققان ئالاھىدە بىر بوستانلىق جاينى تەمىنلەيمەن؛ ئۇلار قايتىدىن زېمىندا ئاچارچىلىقتا يىگلەپ قالمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئەللەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولمايدۇ.
30 Og de skal kjenne at jeg, Herren deres Gud, er med dem, og at de, Israels hus, er mitt folk, sier Herren, Israels Gud.
ئاندىن ئۇلار مەنكى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ، يەنى ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنىڭ خەلقىم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.
31 Og I, min hjord, den hjord jeg før, I er mennesker; jeg er eders Gud, sier Herren, Israels Gud.
ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى مېنىڭ قويلىرىم، مېنىڭ چىمەنزارىمدىكى قويلىرىم، ئىنسانلاردۇرسىلەر، خالاس؛ مەن بولسام سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

< Esekiel 34 >