< 2 Mosebok 7 >

1 Da sa Herren til Moses: Se, jeg har satt dig til en Gud for Farao, og Aron, din bror, skal være din profet.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن پىرەۋننىڭ ئالدىدا سېنى خۇدانىڭ ئورنىدا قىلدىم. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولىدۇ.
2 Du skal tale alt det jeg byder dig; men Aron, din bror, skal tale til Farao, og han skal la Israels barn fare ut av sitt land.
مەن ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى [ئۇنىڭغا] دەيسەن؛ ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن پىرەۋنگە ئۇنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ.
3 Men jeg vil forherde Faraos hjerte, og jeg vil gjøre mange tegn og under i Egyptens land.
لېكىن مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەن مىسىر زېمىنىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن.
4 Farao skal ikke høre på eder; men jeg vil legge min hånd på Egypten og føre mine hærer, mitt folk, Israels barn, ut av Egyptens land ved store straffedommer.
شۇنداقتىمۇ، پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما مەن مىسىرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ قولۇمنى ئۇزىتىپ، چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، قوشۇنلىرىم بولغان ئۆز قوۋمىم ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىمەن.
5 Og egypterne skal kjenne at jeg er Herren, når jeg rekker ut min hånd over Egypten og fører Israels barn ut fra dem.
ئۆز قولۇمنى مىسىرنىڭ ئۈستىگە سوزغىنىمدا، ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقارغىنىمدا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، ــ دېدى.
6 Og Moses og Aron gjorde dette; som Herren hadde pålagt dem, således gjorde de.
مۇسا بىلەن ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق تاپىلىغان بولسا، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى.
7 Moses var åtti år gammel, og Aron tre og åtti år, da de talte til Farao.
ئۇلار پىرەۋنگە سۆز قىلغان ۋاقىتتا مۇسا سەكسەن ياشقا، ھارۇن سەكسەن ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى.
8 Og Herren sa til Moses og Aron:
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: ــ
9 Når Farao taler til eder og sier: La mig få se et under av eder, da skal du si til Aron: Ta din stav og kast den ned foran Farao! Og den skal bli til en slange.
ئەمدى پىرەۋن سىلەرگە: ــ ئۆزۈڭلارنى تەستىقلاپ بىر مۆجىزە كۆرسىتىڭلار، دېسە، سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا تاشلىغىن، دەپ ئېيتقىن. شۇنداق قىلىشى بىلەنلا ھاسا يىلانغا ئايلىنىدۇ، دېدى.
10 Så gikk Moses og Aron inn til Farao og gjorde som Herren hadde sagt; Aron kastet sin stav ned foran Farao og hans tjenere, og den blev til en slange.
شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن ھاسىسىنى پىرەۋن بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى.
11 Da lot Farao sine vismenn og trollmenn kalle, og de, Egyptens tegnsutleggere, gjorde det samme med sine hemmelige kunster;
ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى.
12 de kastet hver sin stav, og de blev til slanger; men Arons stav slukte deres staver.
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىدى؛ ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى.
13 Men Faraos hjerte blev forherdet, og han hørte ikke på dem, således som Herren hadde sagt.
بىراق پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىقلىق بىلەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.
14 Da sa Herren til Moses: Faraos hjerte er hårdt; han vil ikke la folket fare.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق؛ ئۇ قوۋمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ.
15 Gå til Farao imorgen tidlig når han går ned til elven, og still dig i hans vei på elvebredden, og staven som blev skapt om til en slange, skal du ta i hånden.
ئەمدى سەن ئەتە سەھەردە پىرەۋننىڭ قېشىغا بارغىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ــ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە دەريانىڭ بويىدا ساقلاپ تۇرغىن؛ يىلانغا ئايلانغان ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىۋال.
16 Og du skal si til ham: Herren, hebreernes Gud, har sendt mig til dig og sier: La mitt folk fare, så de kan tjene mig i ørkenen! Men du har like til nu ikke villet lyde.
سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مېنى ئالدىڭغا: «چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر» دېيىشكە ئەۋەتكەنىدى؛ لېكىن مانا، بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ ئاڭلىمىدىڭ.
17 Sa sier Herren: På dette skal du kjenne at jeg er Herren: Se, nu slår jeg med denne stav som jeg har i min hånd, på vannet i elven, og det skal bli til blod,
شۇڭا پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «سەن شۇ [ئالامەت] بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دەيدۇ ــ مانا، مەن قولۇمدىكى ھاسا بىلەن دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ،
18 og fiskene i elven skal dø, og elven skal lukte ille, så egypterne skal vemmes ved å drikke vannet.
دەريانىڭ بېلىقلىرى ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كېتىدۇ؛ مىسىرلىقلار سۇدىن سەسكىنىپ، ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ».
19 Og Herren sa til Moses: Si til Aron: Ta din stav og rekk ut din hånd over egypternes vann, over deres elver, over deres kanaler og over deres sjøer og over alle deres dammer, og de skal bli til blod, og det skal være blod i hele Egyptens land, både i trekar og i stenkar.
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ مىسىرلىقلارنىڭ سۇلىرى قانغا ئايلانسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئېقىنلىرى، ئۆستەڭلىرى، كۆللىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا، ھەتتا ياغاچ ۋە تاش قاچىلاردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ، دېگىن، دېدى.
20 Og Moses og Aron gjorde som Herren hadde sagt; han løftet staven og slo på vannet i elven så de så på det, både Farao og hans tjenere; da blev alt vannet i elven til blod,
مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن پىرەۋن ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاسىنى كۆتۈرۈپ، دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرۇۋىدى، پۈتۈن دەريانىڭ سۈيى قانغا ئايلىنىپ كەتتى.
21 og fiskene i elven døde, og elven luktet ille, så egypterne ikke kunde drikke vannet, og det var blod i hele Egyptens land.
دەريادىكى بېلىقلار ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كەتتى. مىسىرلىقلار دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، پۈتكۈل مىسىر زېمىنى قانغا تولدى.
22 Men Egyptens tegnsutleggere gjorde det samme med sine hemmelige kunster, og Faraos hjerte blev forherdet, og han hørte ikke på dem, således som Herren hadde sagt.
لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ھەم شۇنداق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق بولۇپ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى؛
23 Og Farao vendte sig om og gikk hjem til sitt hus og la heller ikke dette på hjerte.
ئەكسىچە پىرەۋن ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ، بۇ ئىشقا ھېچ پىسەنت قىلمىدى.
24 Men alle egypterne gravde rundt omkring elven efter drikkevann; for de kunde ikke drikke elvevannet.
دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمىگىنى ئۈچۈن بارلىق مىسىرلىقلار ئىچكۈدەك سۇ تېپىش ئۈچۈن دەريانىڭ ئەتراپلىرىنى كولىدى.
25 Så gikk det syv dager efterat Herren hadde slått elven.
پەرۋەردىگار دەريانى ئۇرۇپ، يەنە يەتتە كۈن ئۆتتى.

< 2 Mosebok 7 >