< 2 Mosebok 13 >

1 Og Herren talte til Moses og sa:
پەرۋەردىگار مۇساغا:
2 Du skal hellige mig alt førstefødt, alt det som åpner morsliv blandt Israels barn, enten det er folk eller fe! Mig hører det til.
ــ ئىسرائىللار ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى ئەركەك مېۋىسىنى، مەيلى ئۇ ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ بولسۇن، ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن؛ ئۇ ماڭا مەنسۇپتۇر، دېگەنىدى.
3 Og Moses sa til folket: Kom i hu denne dag da I gikk ut av Egypten, av trælehuset, for med sterk hånd førte Herren eder ut derfra! Da skal I ikke ete syret brød.
مۇسا خەلقكە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر مىسىردىن ئىبارەت «قۇللۇق ماكانى»دىن چىققان بۇ كۈننى ياد ئېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەردىن قۇدرەتلىك قولى بىلەن چىقاردى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ بولدۇرۇلغان نەرسە يېيىلمىسۇن.
4 Idag drar I ut, i måneden abib.
ئابىب ئېيىنىڭ بۈگۈنكى كۈنى يولغا چىققان كۈن.
5 Når da Herren fører dig inn i kana'anittenes og hetittenes og amorittenes og hevittenes og jebusittenes land, som han tilsvor dine fedre å gi dig, et land som flyter med melk og honning, da skal du holde denne tjeneste i denne måned.
ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا سېنى ئېلىپ بارغىنىدا مۇشۇ [ئابىب] ئېيىدا شۇ ئىبادەتنى تۇتقىن.
6 I syv dager skal du ete usyret brød, og på den syvende dag skal det være høitid for Herren.
يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار؛ يەتتىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان ھېيت ئۆتكۈزۈلسۇن.
7 Usyret brød skal du ete alle de syv dager, det skal ikke finnes syret brød hos dig, og ikke surdeig i hele ditt land.
يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يېيىلسۇن؛ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق بولدۇرۇلغان نان تېپىلمىسۇن ۋە يا چېگرىلىرىڭ ئىچىدە ھېچ خېمىرتۇرۇچمۇ كۆرۈنمىسۇن.
8 Og samme dag skal du fortelle din sønn det og si: Dette er til minne om det som Herren gjorde for mig da jeg drog ut av Egypten.
شۇ كۈنى سەن ئۆز ئوغلۇڭغا: «مىسىردىن چىققىنىمدا پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىنى ياد قىلىپ تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ [ھېيتنى] ئۆتكۈزىمەن»، دەپ چۈشەندۈرگىن.
9 Og det skal være dig til et tegn på din hånd og til en minneskrift på din panne, forat Herrens lov skal være i din munn; for med sterk hånd førte Herren dig ut av Egypten.
پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-تەلىمىنىڭ ھەمىشە ئاغزىڭدىن چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى قۇدرەتلىك قولى بىلەن مىسىردىن چىقاردى.
10 Og du skal gjøre efter denne lov til fastsatt tid, år efter år.
ئەمدى بۇ بەلگىلىمىنى يىلمۇ-يىل بېكىتىلگەن ۋاقتىدا تۇتقىن.
11 Og når Herren har ført dig til kana'anittenes land, således som han tilsvor dig og dine fedre, og gir dig det,
پەرۋەردىگار سەن بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قىلغان قەسىمى بويىچە سېنى قانائانىيلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك: ــ
12 da skal du overgi til Herren alt det som åpner morsliv; alt som åpner morsliv, som faller av det fe du har, hvis det er av hankjønn, hører det Herren til.
بارلىق بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسەن؛ شۇنداقلا چارپاي مېلىڭنىڭ ھەممە تۇنجى ئەركەكلىرىمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن.
13 Og alt som åpner morsliv blandt asen, skal du løse med et stykke småfe; men hvis du ikke løser det, skal du bryte nakken på det; og alt førstefødt av mennesker, blandt dine sønner, skal du løse.
ئەمما ئېشەكلەرنىڭ ھەممە تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا بىردىن قوزا بەرگىن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا بىرنەرسە بەرمىسەڭ، ئۇنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇۋەتكىن. ئوغۇللىرىڭلار ئارىسىدا بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىغا ھۆرلۈك بەدىلى تۆلۈشۈڭ كېرەك.
14 Og når din sønn siden spør dig og sier: Hvad betyr dette? da skal du svare ham: Med sterk hånd førte Herren oss ut av Egypten, av trælehuset.
كېيىنكى كۈنلەردە ئوغلۇڭ سەندىن: «بۇنىڭ مەنىسى نېمىدۇر»، دەپ سورىسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ، «قۇللۇق ماكانى»دىن ئازاد قىلدى.
15 For dengang da Farao satte sig hårdt imot å la oss fare, da slo Herren ihjel alt førstefødt i Egyptens land, både folk og fe; derfor ofrer jeg Herren alt det som åpner morsliv, det som er av hankjønn, og alle førstefødte blandt mine sønner løser jeg.
شۇنداق بولدىكى، پىرەۋن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ بىزنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغىنىدا، پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنىدىكى بارلىق تۇنجى تۇغۇلغانلارنى، ئىنساننىڭ بولسۇن، مالنىڭ بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن مەن مالنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ تۇنجى مېۋىسىنى، يەنى ھەممە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ سۇنىمەن ۋە ئوغۇللىرىمنىڭ ھەربىر تۇنجىلىرى ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ بېرىمەن»، دەپ ئېيتقىن.
16 Og det skal være til et tegn på din hånd og til en minneseddel på din panne; for med sterk hånd førte Herren oss ut av Egypten.
بۇ بەلگىلىمىنى قولۇڭغا [ئەسلەتمە-]بەلگە قىلىپ سېلىۋال، پېشانەڭگە قاشقىدەك ئەسلەتمە قىلىپ ئورنىتىۋال، چۈنكى پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن چىقاردى» ــ دېگىن.
17 Da nu Farao lot folket fare, da førte Gud dem ikke på veien til filistrenes land, skjønt den var den nærmeste; for Gud sa: Folket kunde angre det når de ser krig for sig, og så vende tilbake til Egypten.
ئەمما پىرەۋن خەلقنى كېتىشكە قويغاندىن كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى يول يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى شۇ يول بىلەن باشلىمىدى؛ چۈنكى ئۇ: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، قورقۇپ پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا يېنىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى.
18 Men Gud lot folket ta omveien gjennem ørkenen mot det Røde Hav. Og Israels barn drog fullt rustet ut av Egyptens land.
شۇ سەۋەبتىن خۇدا خەلقنى ئايلاندۇرۇپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆلنىڭ يولى بىلەن باشلاپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ تەرتىپ بىلەن ماڭدى.
19 Og Moses tok Josefs ben med sig; for Josef hadde tatt en ed av Israels barn og sagt: Gud skal visselig se til eder, og da skal I føre mine ben med eder op herfra.
مۇسا يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ بىللە ئېلىۋالدى؛ چۈنكى يۈسۈپ ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولغان [قېرىنداشلىرىنى]: «خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى مۇشۇ يەردىن بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ قەسەم قىلدۇرغانىدى.
20 Så brøt de op fra Sukkot og slo leir i Etam ved grensen av ørkenen.
ئاندىن ئۇلار سۇككوتتىن چىقىپ، چۆلنىڭ چېتىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى.
21 Og Herren gikk foran dem, om dagen i en skystøtte for å lede dem på veien og om natten i en ildstøtte for å lyse for dem, så de kunde dra frem både dag og natt.
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇلارغا يول كۆرسىتىشكە كۈندۈزى بىر بۇلۇت تۈۋرۈكىدە، كېچىسى يورۇقلۇق بېرىشكە ئوت تۈۋرۈكىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېچە-كۈندۈز يول يۈرەلەيتتى.
22 Skystøtten vek ikke fra folket om dagen, ikke heller ildstøtten om natten.
بۇلۇت تۈۋرۈكى كۈندۈزى، ئوت تۈۋرۈكى كېچىسى خەلقتىن ئايرىلماي، ئالدىدا يۈرەتتى.

< 2 Mosebok 13 >