< 5 Mosebok 24 >

1 Dersom en mann tar sig en hustru og ekter henne, og hun ikke tekkes ham lenger, fordi han har funnet noget hos henne som byr ham imot, og han da skriver henne et skilsmissebrev og gir henne det i hånden og sender henne bort fra sitt hus,
ئەگەر بىرسى بىر ئايالنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بىرەر سەت ئىشنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن سۆيۈنمىسە، ئۇنداقتا ئۇ تالاق خېتىنى پۈتۈپ، ئۇنىڭ قولىغا بېرىشى كېرەك؛ ئاندىن ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە بولىدۇ.
2 og hun, efter å ha flyttet fra ham, går bort og ekter en annen mann,
ئايال ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن باشقا ئەرگە تەگسە بولىدۇ.
3 og denne annen mann får uvilje mot henne og skriver henne et skilsmissebrev og gir henne det i hånden og sender henne bort fra sitt hus, eller dersom den annen mann som har tatt henne til hustru, dør,
بۇ ئىككىنچى ئەرمۇ ئۇنى يامان كۆرۈپ، تالاق خېتىنى يېزىپ قولىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى ئۇنى ئالغان ئىككىنچى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە
4 da må ikke hennes første mann, som sendte henne fra sig, ta henne til hustru igjen, efterat hun er blitt uren; for det er en vederstyggelighet for Herrens åsyn, og du skal ikke føre synd over det land Herren din Gud gir dig til arv.
ئۇنى قويۇپ بەرگەن ئاۋۋالقى ئېرى ئۇنى ناپاك ھېسابلاپ، ئىككىنچى قېتىم خوتۇنلۇققا ئالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىش بولىدۇ. سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىننىڭ ئۈستىگە گۇناھ يۈكلىمىگىن.
5 Når en mann nylig har tatt sig en hustru, da skal han ikke dra ut i strid, heller ikke skal det legges nogen annen byrde på ham; han skal være fri et år til beste for sitt hus og til glede for hustruen som han har ektet.
ئەگەر بىركىم يېڭىدىن خوتۇن ئالغان بولسا ئۇنىڭغا نە جەڭگە چىقىش، نە باشقا بىرەر ئىشقا بۇيرۇلمىسۇن؛ ئۇ بەلكى ئالغان خوتۇنىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بىر يىلغىچە ئەركىن-ئازاد بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرسۇن.
6 Ingen må ta en håndkvern eller en kvernsten i pant; for da tar han livet i pant.
ھېچكىم يارغۇنچاق ياكى تۈگمەننىڭ ئۈستى تېشىنى كاپالەتكە ئالمىسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش بىرسىنىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئالغاندەك بولىدۇ.
7 Kommer du over en mann som stjeler nogen av sine brødre blandt Israels barn og gjør ham til træl eller selger ham, da skal denne tyv dø; således skal du rydde det onde bort av din midte.
ئەگەر بىركىم ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىنىڭ بىرىنى بۇلاپ كېلىپ، ئۇنى قۇلدەك ئىشلەتسە ۋە ياكى ئۇنى سېتىۋەتسە شۇ بۇلاڭچى ئۆلتۈرۈلسۇن؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار ئاراڭلاردىن رەزىللىكنى چىقىرىۋېتىسىلەر.
8 Ta dig i akt for spedalskhetssyken, så du nøie varetar og gjør alt det de levittiske prester lærer eder! Således som jeg har befalt dem, skal I gi akt på å gjøre.
پېسە-ماخاۋ ۋاباسى پەيدا بولسا، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، لاۋىي كاھىنلارنىڭ سىلەرگە بارلىق كۆرسەتكىنىنى قىلىڭلار؛ مەن ئۇلارغا قانداق ئەمر قىلغان بولسام شۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار.
9 Kom i hu hvad Herren din Gud gjorde med Mirjam på veien, da I drog ut av Egypten!
مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يولدا مەريەمگە قانداق قىلغىنىنى ئەسكە ئېلىڭلار.
10 Når du låner din næste noget, skal du ikke gå inn i hans hus for å hente det pant han skal gi.
ئەگەر سەن ئۆز بۇرادەر-قوشناڭغا قەرز بەرسەڭ، كاپالەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كىرمىگىن؛
11 Du skal bli stående utenfor, og den mann du låner til, skal komme ut til dig med pantet.
بەلكى تاشقىرىدا تۇرۇپ تۇر؛ ساڭا قەرزدار كىشى ئۆزى ساڭا بېرىدىغان كاپالەتنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقسۇن.
12 Og dersom det er en fattig mann, så skal du ikke legge dig til å sove med hans pant;
شۇ كىشى يوقسۇل بولسا سەن ئۇنىڭدىن كاپالەتكە ئالغان [كىيىمنى] يېپىنىپ ئۇخلىمىغايسەن؛
13 du skal gi ham pantet tilbake når solen går ned, forat han kan legge sig i sin kappe og velsigne dig; og det skal tjene dig til rettferdighet for Herrens, din Guds åsyn.
ھېچ بولمىغاندا سەن بەلكى كاپالەتنى كۈن پاتقاندا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگىن؛ شۇنداق قىلساڭ ئۇ ئۆز تونىنى يېپىنىپ ئۇخلىغاندا، ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ. شۇنداق قىلساڭ بۇ ئىش ساڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا ھەققانىيلىق سانىلىدۇ.
14 Du skal ikke gjøre urett mot en nødlidende og fattig dagarbeider, enten han er en av dine brødre eller en av de fremmede som bor i ditt land, rundt om i dine byer;
ئاجىز، نامرات مەدىكارغا ناھەقلىق قىلما، مەيلى ئۇ قېرىنداشلىرىڭلاردىن بولسۇن ياكى يېزا-شەھەرلىرىڭلاردا تۇرغان مۇساپىرلاردىن بولسۇن.
15 på dagen skal du gi ham hans lønn, og før solen går ned; for han er fattig og stunder efter sin lønn; ellers kunde han rope over dig til Herren, og du få synd på dig.
ئۇ نامراتلىقتىن ئۆز ھەققىگە ئىنتىزار بولغاچقا، ئۇ ئىشلىگەن شۇ كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ھەققىنى چوقۇم بەرگىن؛ بولمىسا، ئۇ سېنىڭ توغراڭدا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ، بۇ ئىش گۇناھ بولۇپ بېشىڭغا چۈشىدۇ.
16 Foreldre skal ikke lide døden for sine barns skyld, og barn ikke lide døden for sine foreldres skyld; enhver skal lide døden for sin egen synd.
بالىلىرىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئاتا ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىلارمۇ ئاتىنىڭ جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمىسۇن؛ بەلكى جىنايىتى بار بولغان ھەربىر كىشى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن.
17 Du skal ikke bøie retten for en fremmed eller en farløs, og du skal ikke ta en enkes klær i pant.
سەن مۇساپىر ياكى يېتىم توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىما؛ تۇل ئايالنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ كاپالەتكە ئالما،
18 Du skal komme i hu at du var træl i Egypten, og at Herren din Gud fridde dig ut derfra; derfor byder jeg dig å gjøre således.
بەلكى ئۆزۈڭنىڭ مىسىردا قۇل بولۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى شۇ يەردىن ھۆر قىلىپ قۇتقۇزۇپ كەلگىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن.
19 Når du høster inn kornet på din aker, og du glemmer et kornbånd på akeren, da skal du ikke vende tilbake for å hente det; den fremmede, den farløse og enken skal ha det; så skal Herren din Gud velsigne dig i alt det du tar dig fore.
سەن ئېتىزلىقىڭنىڭ ھوسۇلىنى يىغقىنىڭدا بىر باغ ئۆنچىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ئۇنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يېنىپ بارمىغىن؛ ئۇ ئۆنچە مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن. شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ بارلىق ئەمگىكىنى بەرىكەتلەيدۇ.
20 Når du slår dine oliven ned, skal du ikke bakefter gjennemsøke grenene; den fremmede, den farløse og enken skal ha det.
زەيتۇن دەرىخىڭنى قاققىنىڭدىن كېيىن شاخلىرىدا قالغانلىرىنى قايتا قاقما؛ قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن.
21 Når du høster din vingård, skal du ikke holde eftersanking; den fremmede, den farløse og enken skal ha det.
ئۈزۈمزارلىقىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ۋاشاڭ قىلمىغىن. قالدۇقلىرى مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنغا تەگسۇن.
22 Du skal komme i hu at du var træl i Egyptens land; derfor byder jeg dig å gjøre således.
ئۆزۈڭنىڭ مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغىنىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگىن؛ شۇڭا مەن ساڭا بۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن دەپ بۇيرۇيمەن.

< 5 Mosebok 24 >